خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى پاراكەندە قىلماقتا
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قايتىپ كېلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنماستىن چەتئەلدىكى شەخسىي پائالىيىتىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئېلىپ كېتىلگەن، بەزىلەرنىڭ تۇغقانلىرىنى خىتاي دائىرىلىرى مەجبۇرىي «گۆرۈ» گە ئېلىۋالغان.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالغان خىتاي پاسپورتىنى يېڭىلاش ئىلتىماسلىرى چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى،» دەپ كۆرسەتتى.
جۈرئەتنىڭ ھېكايىسى ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئۈچۈن دۈشمەن سانىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرىنىڭ «بىخەتەرلىكى» ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى «سىياسىي» پائالىيەتلەرگە ئارىلاشماسلىق يولىنى تاللىۋالغانلىقى مەلۇم.
فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر زەرگەر جۈرئەت 20 يىلدىن بۇيان فىرانسىيەدە ئۆزىنىڭ سودىسىنى قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق پائالىيەتلىرىگە ئارىلاشمىغان. ئەمما 2016-يىلى فىرانسىيە پاسپورتى بىلەن يۇرتىغا ساياھەتكە بارغاندا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوئال-سوراقلىرىغا ۋە تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلگەن.
ئۇ بۇ ھەقتىكى كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «سىياسىي» پائالىيەتلەرگە يېقىن يولىماسلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى «خاتىرجەم» قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھېچقانداق ئۈمىد كۈتمەسلىكى لازىملىقىنى ئېيتتى.
ئوغلىنى ھاراق ئىچىشتىن توسقان ئاتا 10 يىللىق كېسىلگەن
مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىسار ناھىيىسىدە بۇنىڭدىن 13 يىل بۇرۇن ئوغلىنى ھاراق ئىچكەنلىك بىلەن ئەيىبلىگەن 67 ياشلىق بوۋاي تۇرسۇن مەمەت نۆۋەتتىكى «ئەسەبىيلىك» نى تۈگىتىش شامىلىدا ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا ئالاقىدار ساقچىلار بىلەن ھۆكۈمەت تارماقلىرى بۇ ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. تۇرسۇن مەمەتنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بولسا بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە، تۇرسۇن مەمەتنى ساقچىلار دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان يېرىدىن ئېلىپ كەتكەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن جەمئىي تۆت كىشىنىڭ «سىياسىي» سەۋەبتىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.
تۈركىيە-خىتاي دوستلۇقىنىڭ كۈچىيىشى دىققەت قوزغىدى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تېز سۈرئەتتە يېقىنلىشىشى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
تۈركىيەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ دەرىجىدە يېقىنلىشىشى 8-ئايدىلا مەلۇم بولغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇد چاۋۇش ئوغلۇ خىتاي تەرەپكە ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتىنى «قەتئىي قوغدايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.
مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، «تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى سەۋەبلىك ئۇلار دىققىتىنى يېڭى مەنپەئەت شېرىكى بولغان خىتايغا قاراتماقتا،» دېدى.
خىتاي دائىرىلىرى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى ھەقسىز پاش قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى
نۆۋەتتە «ئىككى يۈزلىمىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ھەممىلا كىشىنى ۋەھىمە بېسىۋاتقان بىر ئەھۋالدا بەزى جايلار ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنى ئۆزلىرى بايقىغان «ئىككى يۈزلىمىلىك» كە ياتىدىغان ئەھۋاللارنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا «پاش قىلىش» قا رىغبەتلەندۈرمەكتە ئىكەن.
بورتالا شەھىرىدىكى ئالاقىدار دائىرىلەر بۇ ھەقتە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ خىل پاش قىلىش ھەرىكەتلىرىگە مۇكاپات بېرىلمەيدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى بىر-بىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلىماقتا،» دېدى.
«تەكلىماكان ئۇيغۇر كىتابخانىسى» ئېچىلدى
ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە كۆچمەن بولۇپ چىقىشىغا ئەگىشىپ يېڭىدىن ھاسىل بولغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرچە كىتابلارغا بولغان ئېھتىياجىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر بوغۇنلىرىنىڭ ئانا تىل كرىزىسى بۇ مەسىلىنىڭ تولىمۇ جىددىيلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن كوچىسىدا «تەكلىماكان ئۇيغۇر كىتابخانىسى» نى ئاچتى.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋالدا مۇشۇ خىلدىكى كىتابخانىلارنىڭ ئېچىلىشى بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئېگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00