رابىيە قادىر خانىم : كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە خىتاينى ئەزا قىلىپ قويۇش دېموكراتىيىگە قىلىنغان ھاقارەت
5-نويابىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە نيۇ-يوركتىكى ب د ت باش شتابى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 12-نويابىر سايلام ئۆتكۈزۈپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولىدىغان 47 دۆلەتنى بېكىتىپ چىقماقچى ئىدى.
خىتايمۇ مەزكۇر كېڭەشكە ئەزا بولۇشقا ئىلتىماس سۇنغان.
نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىرىنىڭ كېڭەشكە ئەزا بولۇش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مۇراجىئەت قىلىپ: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە خىتاينى ئەزا قىلىپ قويۇش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىگە قىلىنغان ھاقارەت، دېدى.
بېيجىڭدا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان
«ئۇيغۇربىز» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، بېيجىڭدا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ كۈن ئالمىقى تېخىمۇ تەسلەشكەن.
خەۋەردە شۇ خىل قىسمەتكە يولۇققان ناۋاي مەمەتتۇرسۇننىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، 28-ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇمدىن كېيىن دائىرىلەر ئۇنىڭ ناۋايخانىسىنى تاقىۋەتكەن. كېيىن ئۇ ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆيىدىن ھەيدەلگەن.
28-ئۆكتەبىردىن كېيىن، بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققان ئۇيغۇرلار كۆپ ئىكەن.
28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. دائىرىلەر ھۇجۇمچىلارنىڭ ئوسمان ھەسەن قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەسچىت ماجىراسى تىيەنئەنمېن ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن
ئوسمان ھەسەننىڭ تىيەنئەنمېن راۋىقىغا ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇنىڭ مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن «پىلال مەسچىت ماجىراسى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.
ئاقتۇ ئۈجمە يېزا يېڭىئايماق كەنتىنىڭ سابىق سېكرېتارى ھامۇت تۇردى بۇنىڭدىكى مۇمكىنچىلىكلەرنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلى 28-ئۆكتەبىر يېڭىئايماق كەنتىدىكى پىلال مەسچىتىدە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن مەسچىت جامائىتى ئارىسىدا ماجىرا يۈز بەرگەن. ماجىراغا ئوسمان ھەسەنمۇ ئارىلاشقان.
مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر پىلال مەسچىت جامائىتى ئۆزى پۇل چىقىرىپ ياسىغان مەسچىت ھويلىسىنى بۇزۇۋەتمەكچى بولۇپ كەلگەن. جامائەت قارشى تۇرغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى 100دىن ئارتۇق قوراللىق ساقچىنى ئىشقا سېلىپ، مەسچىت ھويلىسىغا ياتقۇزۇلغان سېمونتنى قومۇرۇۋەتكەن.
ئەينى ۋاقىتتا نەق مەيداندا بار بولغان ئوسمان ھەسەن، جامائەتكە مەيۈسلەنمەسلىك ھەققىدە خىتاب قىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ چارىسىز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
28-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ دۆلەت سىمۋولى بولغان تيەنئەنمېن راۋىقىغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 5 ئادەم ئۆلگەن، 38 ئادەم يارىلانغان. خىتاي ساقچىلىرى ھۇجۇمنى ئوسمان ھەسەن قاتارلىق بىر ئائىلە كىشىلىرى تەشكىللىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» نىڭ يېڭى نۇسخىسى گېرمانىيىدە نەشر قىلىندى
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» نىڭ يېڭى نۇسخىسى يېقىندا گېرمانىيىدە نەشر قىلىنغان. ئەسلىدە مانجۇ، موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىللىرىدىن تەركىب تاپقان مەزكۇر لۇغەت بۇ قېتىم گېرمان تىلى بىلەن ئىزاھلانغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ لۇغەتنىڭ گېرمانىيىدە ئىلمىي ئۆلچەمدە نەشر قىلىنىشى ئەينى دەۋردىكى تىللارنى تەتقىق قىلىشتا يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئىكەن.
«بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» نىڭ گېرمانچە نەشرىگە ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىدىن دوكتور ئابلەت سەمەت بىلەن دوكتور ئايسىما مىرسۇلتانلار قاتناشقان.
گېرمانىيە گۆتتىڭگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئابلەت سەمەت بۇ ھەقتە توختىلىپ: مەزكۇر ئەمگەك ھەر تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دېدى.
گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار يەر سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى
3-نويابىر گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىگىلا تەن بولغان بىر ئورۇن سېتىۋېلىش قارارىغا كېلىشتى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار سېتىۋالماقچى بولغان بۇ ئورۇن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئىجارىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان يىغىن زالى ئىكەن.
يىغىن زالى گوللاندىيە ئۈترىخت ئۆلكىسىنىڭ زەسيت شەھىرىگە جايلاشقان.
پائالىيەت ئەھلى باشتا مەزكۇر قارار ھەققىدە بەس-مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرىلەرنى قىلىشتى. نەتىجىدە ھەممەيلەننىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن بۇ يەرنى ئېلىش قارارى جەزملەشتى.
پائالىيەت داۋامىدا نامەلۇم بىر خانىمنىڭ بۇ خەيرلىك ئىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئالتۇن بىلەزۈكىنى تەقدىم قىلىشى كۆپچىلىكنى ھاياجانلاندۇردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى بۇنىڭ بىر ھاياجانلىق ئىش بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ۋە: بىز كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن بىر جاي ئالدۇق، دەپ ئېيتالايمىز، دېيىشتى.
ئىلھام توختى تەھدىتكە ئۇچرىغان
مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2-نويابىر دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىسىنىڭ ئاپتوموبىلى ئۇ ئالىسىدىكىلەر بىلەن ئولتۇرغان ئاپتوموبىلنى سوققان.
ئۇنى سوققان ئاپتوموبىلدىكى ساقچى: «شۇنداق سېنى مەن سوقتۇم، سەن بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلۈكىنى ئوبدان بىلىسەن» دېگەن.
ھالبۇكى، خىتاي قاتناش ساقچىلىرى ئىلھام توختىنىڭ ئاپتوموبىلىنى سوققان ھېلىقى خادىمنى قاچۇرۇۋەتكەن.
28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىلھام توختى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرغان ۋە خىتاينى مىللىي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان ئىدى.