خىتايدا «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئۈندىدار» ئىشلەتكۈچىلەرنى ساراسىمىگە سالغان
دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە تور ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 7-نويابىر كۈنى «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» نى ماقۇللىغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن بىر قىسىم ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ نۆۋەتتە تور بىخەتەرلىكى نامىدا يولغا قويۇۋاتقان بىر قاتار قاتتىق كونتروللۇق تەدبىرلىرى ئۈندىدار قوللانغۇچى ئۇيغۇرلاردا ۋەھىمە پەيدا قىلماقتىكەن.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ماقۇللىغان «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور قوللانغۇچىلارغا تېخىمۇ زور خىرىس ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر دونالد ترامپنىڭ بۇ قېتىملىق ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدىكى غەلىبىسىگە ئىنكاس قايتۇردى
كەسكىن رىقابەت ئىچىدە داۋام قىلغان بۇ قېتىملىق ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى 9-نويابىر ئەتىگەن ئاخىرلاشتى.
سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى.
سايلام نەتىجىسى ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ھەيران قالدۇردى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئىلشات ھەسەن، مەمەت توختى ۋە تۇغلۇق ئابدۇرازاق قاتارلىقلار بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىنكاس قايتۇردى.
بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنىڭ 56 كۈن ئىچىدە خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئاز دېگەندە 4 مەيدان ئۇرۇش قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى
ئۆتكەن يىلى 18-سېنتەبىر كۈنى بايدا يۈز بەرگەن كۆمۈركان ھۇجۇمى ھەققىدە خىتاي تاراتقۇلىرى ۋەقەدىن 56 كۈن ئۆتكەندە ئاندىن خەۋەر بەرگەن ئىدى.
رادىيومىز ۋەقە ھەققىدە تۇنجى بولۇپ دۇنياغا خەۋەر بەرگەن ۋە بىر قىسىم گۇماندارلارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما 56 كۈنگە سوزۇلغان بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش جەريانىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئالالمىغان ئىدى.
ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تاراتقۇلىرى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە قايتا خەۋەر بېرىپ، باي ھۇجۇمچىلىرىنىڭ 56 كۈن ئىچىدە خىتاي تەرەپ بىلەن ئاز دېگەندە 4 مەيدان ئۇرۇش قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئۆز ھېكايىلىرى ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىنى يورۇتماقتا
مۇھاجىرەتتىكى ھايات بەدەلسىز بولمايدۇ. ئۇنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىگە ئۆتمۈش بىلەن كېلەچەك، ۋاز كېچىش بىلەن قوبۇل قىلىش، ئەسلىمە بىلەن رېئاللىق شۇنداقلا ئۆز بىلەن يات ئوتتۇرىسىدىكى توختاۋسىز توقۇنۇشلار يانداشقان بولىدۇ.
غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىمۇ خۇددى باشقا كۆچمەن گۇرۇپپىلارغا ئوخشاشلا ئۆزلىرى يەرلەشكەن ئىككىنچى ۋەتىنىدە مۇھاجىرلىق ھاياتىنىڭ شەجەرىسىنى يازماقتا.
تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئۆز بېشىدىن كۆچۈرگەن ياكى ئۆزلىرى شاھىت بولغان راست ھېكايىلەر ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ئاكتۇئال تەرەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ سىرتقا بىلىنمىگەن يەنە بىر يۈزىنىمۇ يورۇتۇپ بەردى.
خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا 2 مىليون 610 مىڭ كىشىنىڭ نامراتلار قاتلىمىغا كىرىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئېشىپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بەزى مەلۇماتلار يۇقىرىقى بايانلارنى رەت قىلماقتا.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزىلاردا نۆۋەتتە «نامرات قاتلىمى» ئۆلچىمىگە توشىدىغان يەنە 2 مىليون 610 مىڭ كىشى بار بولۇپ، بۇ ئائىلىلەر يىلىغا بېرىلىدىغان 2300 سوم قۇتقۇزۇش پۇلى بىلەن ھايات كەچۈرىدىكەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، يېزا نوپۇسىدىكى نامراتلار قاتلىمىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت، «بۇ رەقەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنى باي قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ ساختىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.
«ئانا يۇرت» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانى نەشردىن چىقتى
ئەنقەرەدە چىقىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى پەسىللىك ئىلمىي ژۇرنال - «ئانا يۇرت» نىڭ يېڭى سانى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.
«ئانا يۇرت» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتىدىكى يەڭگىللىكلەر» ناملىق ماقالىسى، ياپونىيەلىك تارىخچى جۇن سۇگاۋارانىڭ «1864-65-يىللىرىدىكى كۇچا غوجىلىرىنىڭ ‹غازات ئۇرۇش› لىرى ۋە باشقا تەسىرىي كۈچلەر» ناملىق ماقالىسى ۋە باشقا ماقالىلەر ئورۇن ئالغان.
«ئانا يۇرت» ژۇرنىلى ھازىرغا قەدەر جەمئىي 8 سان نەشر قىلىنغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالى ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىدىكەن.