ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10- نويابىردىن 16- نويابىرغىچە)
2018.11.16
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە رەسمىي سۇنۇلدى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى - 2018» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە رەسمىي يوسۇندا سۇنۇلدى.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىدىكى ماركو رۇبىئو، كرىستوفېر سىمىت ۋە بوب مېنېنداز قاتارلىق 25 نەپەر نوپۇزلۇق ۋەكىل تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان.
ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇش، يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنى تاقاش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدا قانۇنلۇق تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىش ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەدبىر ئېلىشنى ئاساسىي نىشان قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمى 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان
قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان تەھرىرى، ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمى يېقىندا 11 يىللىق كېسىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە ئۇنىڭ كېسىلىشىگە «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» قاتارلىق رومانلىرى ۋە بىر تون كىيدۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى سەۋەب بولغان. ئەدىب 1959-يىلى، يەنى 20 ياش ۋاقتىدا «يەرلىك مىللەتچى» بولۇپ ئەيىبلىنىپ، 13 يىل تۈرمىدە ياتقان ۋە يەتتە يىل ئائىلىسىدە نەزەربەند قىلىنغان ئىدى. ئۇ بۇ يىل سوتلانغاندا يېشى 80 گە ئۇلاشقان، سالامەتلىكى بىر قاتار كېسەللىكلەر بىلەن چىرمالغانكەن.
ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 14 كىشىنىڭ بىرى. ھاجى مىرزاھىت كېرىمى «سۇلتان ئابدۇرەشىتخان»، «سۇلتان سەيىدخان» قاتارلىق بىر يۈرۈش تارىخىي رومانلارنىڭ ئاپتورىدۇر.
15 غەرب دۆلىتىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىلىرى چېن چۈەنگو بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مەكتۇپ سۇنۇلغان
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشىلەنگەن 15 غەرب دۆلىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ بىرلەشمە مەكتۇپ ھازىرلىدى.
بىرلەشمە مەكتۇپ بېيجىڭدىكى كانادا ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن ھازىرلانغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق 15 غەرب دۆلىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى ئىمزا قويغان.
مەزكۇر مەكتۇپتا ھەرقايسى ئەلچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە چىقىۋاتقان خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ ھەقتە چېن چۈەنگو بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى
6-نويابىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش يىغىنىدا بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى لاگېرلار مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىد قىلغان ئىدى.
12-نويابىر كۈنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھەر قايسى مۇستەقىل خىزمەت گۇرۇپپىلىرىدىكى 6 نەپەر مۇتەخەسسىس خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى» نى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇلار يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان قايتا تەربىيە لاگېرلىرى قاتارلىق سىياسەتلەرنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ، دېگەن.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «ئىككى جۇمھۇرىيەت» خاتىرىلەندى
بۇ ھەپتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلار يېقىنقى زامان تارىخىدا قۇرۇپ چىققان «ئىككى جۇمھۇرىيەت» نى خاتىرىلىدى.
1933-يىلى ۋە 1944-يىللىرى ئۇيغۇرلار ئىككى قېتىملىق مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى جەريانىدا قۇرۇپ چىققان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دۇنياغا كەلگەن 12-نويابىر خاتىرە كۈنى ئامېرىكا، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، تۈركىيە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردە خاتىرىلەندى.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە بۇ بايرامنى خاتىرىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشكە بولغان ئېھتىرامىنى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى نامايان قىلدى.
1500 نوپۇسلۇق قىرغىز كەنتىدىن 300 دىن ئارتۇق كىشى لاگېردا
مۇخبىرىمىزنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، چارلوڭ يېزىسىنىڭ پايىز كەنتىدىنلا 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
پايىز كەنتى پۈتۈنلەي قىرغىزلار ئولتۇراقلاشقان كەنت بولۇپ، 1500 چە نوپۇسلۇق بۇ كەنتتىن نوپۇسنىڭ ئاز دېگەندە 20 پىرسەنتى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئىگىلىشىمىزچە، لاگېردىكىلەرنىڭ بىر قىسمى دىنىي زاتلار بولسا، مۇتلەق كۆپ قىسمى تېلېفونىدىن «چاتاق» چىققان ئاھالىلەر ئىكەن.
ئۆتكەن ھەپتىلەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ قىرغىز تارىخ تەتقىقاتچىسى ئەسقەر يۇنۇسنىڭ يېقىندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
9-نويابىر كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئېچىلغان «ئامېرىكا-خىتاي سودا ۋە خەۋپسىزلىك دىئالوگى» دا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.
ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا ۋە خەۋپسىزلىككە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان بۇ يىغىندا ئامېرىكا تەرەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش مەسىلىسىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو يىغىندا: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى خرىستىئان، بۇددىست ۋە 800 مىڭدىن 1 مىليونغىچە بولغان مۇسۇلماننىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە بولۇش مەسىلىسىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ»، دېگەن.
8-نويابىر كۈنى يەنە، گېرمانىيە پارلامېنتىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىنغا گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى زور تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان 6 پارتىيە ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.