ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16-نويابىردىن 22-نويابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.11.22
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

9 نەپەر پىدائىي خىتاينىڭ سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا كۆكبايراق كۆتۈرۈپ بېسىپ كىرگەن

مەلۇم بولۇشىچە، 16-نويابىر سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 9 نەپەر پىدائىي ساقچىخانىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايرىقىنى كۆتۈرۈپ بېسىپ كىرگەن.

شۇ كۈنى نەق مەيداندا ۋەزىپە ئۆتىگەن ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچىلار ساقچىخانا قورۇسىدىكى ياردەمچى ساقچىلاردىن تۆت نەپىرىنى پىچاق ۋە پالتىلار بىلەن يەرگە ياتقۇزغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ رەسمىي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى ساقچىخانا ئۆگزىسىگە قاداش ئۈچۈن ساقچىخانىنىڭ خىزمەت بىناسىغا قاراپ ئېتىلغان.

ۋەقەدىن ئالاقزادە بولغان خىتاي ساقچىلىرى بىنانىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقىۋالغان ۋە پىدائىيلارنى بىنانىڭ 2- ۋە 3-قەۋىتىدە تۇرۇپ ئوققا تۇتقان. بىنانىڭ ئىچىگە بۆسۈپ كىرىشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان پىدائىيلار، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى باغرىغا باسقىنىچە جان ئۈزگەن.

ھۇجۇمدا خىتاي ساقچىلىرىدىن 3 نەپىرى ئۆلتۈرۈلگەن، 1 نەپىرى ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: «بىز خىتاينى قانۇنسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەيمىز»

خىتاي ساقچىلىرى 16- نويابىر سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان 9 ئۇيغۇر پىدائىينى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى قانۇنسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىدى.

20-نويابىر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف بايانات بېرىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى 16-نويابىر يۈز بەرگەن سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى ۋە مۇنداق دېدى: بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى قانۇنسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەيمىز.

ئۇ يەنە، نارازىلىقلارنى قانلىق باستۇرۇش يولى بىلەن پەسەيتكىلى بولمايدىغانلىقى، بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلۈشكە سەۋەب بولىدىغانلىقى ھەققىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇردى.

16- نويابىر 9 نەپەر ئۇيغۇر ياش سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 3 خىتاي ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 1 نەپىرىنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن، ھەممىسى قۇربان بولغان ئىدى.

دالاي لاما رابىيە قادىر خانىمنىڭ سوۋغىتىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى

ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاماغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىرى خانىمنىڭ سوۋغىتى تەنقىدىم قىلىنغان، دالاي لاما سوۋغاتنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان.

دالاي لاما ۋە سەرگەردان تىبەت ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان. 17-نويابىر توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «دالاي لاما بىلەن ياپون ئالىملىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى» باشلىنىش ئالدىدا دالاي لاماغا رابىيە قادىر خانىم ئەۋەتكەن سوۋغات تەقدىم قىلىنغان.

رابىيە خانىمنىڭ ۋەكىللىرى يەتكۈزگەن دوپپا ۋە ئەتلەس شارپا قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلغان دالاي لاما رابىيە قادىر خانىمغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان.

راي سىناش نەتىجىسىدە 99% كە يېقىن كىشى ئۇيغۇرلارغا ئانا تىل مائارىپى تەلەپ قىلدى

يېقىندا «ئۇيغۇربىز» تورى تور ئارقىلىق ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى ھەققىدە راي سىناش ئۆتكۈزگەن. راي سىناشقا قاتناشقان 98.6 پىرسەنت بىلەت تاشلىغۇچى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئانا تىل يەسلىسى ۋە ئانا تىل مەكتىپى بولۇشى كېرەك» دەپ قارىغان.

«ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىل يەسلىسى ۋە مەكتىپى بولۇشقا ئېھتىياجلىقمۇ-يوق؟» دېگەن تېمىدىكى بۇ راي سىناش پائالىيىتى «ئۇيغۇر بىز تورى» ۋە «ئۈندىدار» دا ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي تىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ راي سىناشقا 22 مىڭ 950 ئادەم قاتناشقان.

ئۇلاردىن پەقەت 1.4 پىرسەنت بىلەت تاشلىغۇچى «ئانا تىل مائارىپى ھاجەتسىز» دەپ قارىغان. قالغان 98.6 پىرسەنت بىلەت تاشلىغۇچى ئۇيغۇرلارغا ئانا تىل مائارىپى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى.

خىتاي ئىسپانىيە سوتىنىڭ جياڭ زېمىننى تۇتۇش بۇيرۇقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىسپانىيە سوتى سابىق خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىسپانىيە سوتى سەيشەنبە كۈنى سابىق خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلارنى تىبەت خەلقى ئۈستىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا ئىسپانىيە سوتىنىڭ يۇقىرىقى قارارىغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسپانىيە دۆلەتلىك جىنايى ئىشلار سوتى ئۇنىۋېرسال ئادالەت پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، ئىسپانىيەدىكى تىبەتنى قوللىغۇچى تەشكىلاتلار خىتاي رەھبەرلىرى ئۈستىدىن سۇنغان ئەيىبلەشلەرنى قوبۇل قىلغان.

مەزكۇر سوت ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنى 10 يىل سورىغان ۋاڭ لېچۈەن ئۈستىدىنمۇ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

Windows 8.1 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنى «تەرەققىياتقا ماس كەلمەيدۇ» دېگەن باھانىلەر بىلەن چەكلەۋاتقان مەزگىلدە، ئامېرىكىدىكى مىكروسوفت شىركىتى Windows 8.1 مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە داڭلىق ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش پروگراممىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

مىكروسوفت شىركىتى ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ يېڭى نۇسخىلىرىنى 12 ۋە 15- نويابىر ئۆز تور بېتىگە چىقىرىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كومپيۇتېر قوللانغانلىرىغا سۇندى.

Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى تۇنجى ئېلان قىلىنغاندا، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە قوللايدىغان، ۋە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدىغان قىلىپ ئىشلەپ چىقىلغان. بۇ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى» دەپ قارالغان.

مىكروسوفت شىركىتى Windows 8 نىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسى-Windows 8.1 نى تېخى بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرى بازارغا سالغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2000-يىلىدىن بۇيان «ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتقا ماس كەلمەيدۇ» دېگەن سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت ساھەسىدىكى ئىشلىتىلىشىنى بارا-بارا تارايتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.