ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17-نويابىردىن 23-نويابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-11-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
heptilik-sewer20181123.jpg
heptilik-sewer20181123.jpg
Photo: RFA

قەشقەردىكى زور تۇتقۇندا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى كۆپلەپ غايىب بولماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدا جىددىي داۋام قىلىۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇندا قەشقەردىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ ئۈچتىن بىر خىزمەتچىسىنىڭ «مەسىلىلىك كىتابلار» سەۋەبىدىن تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

بۇ جەرياندا يەنە ئۇيغۇر ئىسىمشۇناسلىقى بويىچە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئىجتىھاتلىق ئالىملاردىن مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ۋە ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى تەتقىقاتچىسى مەمەتجان ئابلىز بۆرىيارنىڭمۇ «سىياسىي مەسىلە» سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ئالاقىدار كىشىلەر بۇ زىيالىيلارنىڭ «قاھىرى» ۋە «بۆرىيار» دېگەندەك فامىلىلىرىنىڭمۇ خىتاي دائىرىلىرىدە «بۆلگۈنچىلىك» گۇمانى قوزغاپ كەلگەنلىكىنى ئالغا سۈردى.

ئۈرۈمچىدىن قوغلانغان ئامېرىكىلىق ئايال كۆرگەن-بىلگەنلىرىدىن گۇۋاھلىق بەردى

يېقىندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىر مەزگىللىك خىزمەتتىن كېيىن ئامېرىكىغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇرلانغان بىر ئامېرىكىلىق ئايال ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللاردىن گۇۋاھلىق بەردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2017-يىلىدىن باشلاپ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەن. كېيىنچە بۇ خىل غايىب بولغانلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقان لاگېرلارغا قامالغانلىقى ئاشكارا بولغان.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى دۇنياغا پەردازلاپ كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، كىملىكى ۋە تىل-يېزىقى يوقىتىشنىڭ نىشانى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا بۇ ئىشلاردىن تېخى تولۇق خەۋەردار ئەمەس ئىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىغا رەددىيە بەردى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەمەلىيەتتە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى. بىز ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ياخشى قوغدىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىۋاتىمىز» دەپ جاكارلىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇنىڭغا قاتتىق رەددىيە بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن قاھار بارات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەت بايلىقىنى يوقىتىش نىشانى قىلغان ھەرىكىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ھېسابسىز زىيان سالغانلىقىنى جانلىق مىساللار ئارقىلىق بايان قىلدى.

لاگېرلار مەسىلىسى ھەرقايسى جايلاردا كۆپلەپ تونۇشتۇرۇلماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە تەسىرى ھەققىدە مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنىمۇ خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى.

لاگېرلار مەسىلىسى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە گېرمانىيە پارلامېنتىدىمۇ تۇنجى قېتىم مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە تەلەپ سۇنۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كەچلىكى» پائالىيىتىدىمۇ لاگېرلار مەسىلىسى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىگەن ھەمدە كەچلىك پائالىيەتنىڭ مېھمانلىرىغا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىريۇسسېلدىكى ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

د ئۇ ق ياپونىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

يېقىندا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ياپونىيەدىكى «چەتئەللىكلەر ئاخبارات كۇلۇبى» دا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىدىن تەپسىلىي دوكلات بەردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى مەتبۇئات يىغىنى ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياپونىيەدە تېخىمۇ كەڭ تونۇتۇشتا كۆپ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق نىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتى جەريانىدا ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۆپلەپ خەۋەر تارقاتقان شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر پاجىئەلەرمۇ بۇ خەۋەرلەردىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغان.

غەرب دىپلوماتلىرىنىڭ چېن چۇەنگو بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

يېقىندا كانادا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق 15 غەرب دۆلىتىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىلىرى بىرلەشمە مەكتۇپ يېزىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بىلەن لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەشمەكچى بولغان ئىدى.

مەزكۇر مەكتۇپتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ ھەمدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي بىر سۆھبەت ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ چېن چۈەنگو بىلەن سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلىشى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردا ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار، دېگەن سىگنالنى بېرىدىكەن.

تولۇق بەت