ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-نويابىردىن 29-نويابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.11.29
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ب د ت يىغىنىدا خىتاي ۋە ئۇيغۇر ۋەكىللەر يەنە تىركەشتى

25- نويابىر جەنۋەدە ئېچىلغان ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى يىغىنىدا خىتاي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سۆز ھوقۇقىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان.

يىغىندا خىتاينى قوللىغۇچى دۆلەتلەر ۋەكىلى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر ۋەكىللىرى ئارىسىدا كەسكىن تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ، ئاخىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 3 مىنۇتلۇق سۆز قىلىش ھوقۇقىدىن تولۇق پايدىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف سۆز قىلىۋاتقاندا، پاكىستان، رۇسىيە ۋە كۇبا قاتارلىقلار خىتاينى قوللاپ سۆز قىلغان. بۇنىڭغا ئامېرىكا ۋەكىلى قارشى چىقىپ ئۇيغۇرلارنى قوللىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ۋەكىلى بىزنىڭ سۆزىمىزنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى، ئامېرىكىنىڭ بۇ سۆزىنى، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە شىۋېيىتسارىيە ۋەكىللىرى قوللاپ پىكىر بايان قىلىشتى. نەتىجىدە يىغىن رىياسەتچىسى بىزگە سۆزىمىزنى داۋام قىلىشقا رۇخسەت بەردى.

ئالىم سۆزىدە شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنى بايان قىلغان ھامان، خىتاي يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ، شەرقى تۈركىستان دېگەن نامنى تىلغا ئېلىشنىڭ بۆلگۈنچىلىك ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئەھدىنامىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. خىتاينىڭ بۇ قارشىلىقىمۇ ئاقمىدى، ئالىم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.

خىتاي ئىلگىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئېچىلغان يىغىندىمۇ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى توسۇپ قالالمىغان ئىدى.

2012-يىلى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلارنىڭ 75 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان

ئامېرىكىدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ سەيشەنبە ئاشكارىلىشىچە، خىتايدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ب د ت نى بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا «دىئالوگ» فوندى جەمئىيىتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي 2012-يىلى 1 مىڭ 105 كىشىنى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان. لېكىن، قولغا ئېلىنغان بۇ كىشىلەرنىڭ 75 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بويىچە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلارنىڭ 75 پىرسەنتىنى خىتاي ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 1 پىرسەنتىنىمۇ تەشكىل قىلمايدىغان ئۇيغۇر ئىگىلىشى كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئەھۋال.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن، بۇنىڭدىن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىنى بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

ئىلھام توختى ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ خەتەرلىك ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

جۇڭگو مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىي ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش مەيدانىنى تەنقىدلەپ، «شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ خەتەرلىك ئىش قىلىۋاتقانلىقى» نى ئاگاھلاندۇردى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندا ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىنىدا، ئالىي مەكتەپلەردە سىياسىي ئىنتىزام، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش تەكىتلىنىپ، سىياسىي جەھەتتە لاياقەتسىز ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئىلھام توختى گېرمانىيە دولقۇنى رادىئوسىدا قىلغان سۆزىدە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە خاتا ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: ئىنتېرنېت تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، دائىرىلەرنىڭ ئىدىيە ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلاش پىكرى كۈلكىلىك، دېگەن.

ئۆركەش دۆلەتنىڭ يۇرتىغا قايتىش ئۇرۇنۇشى يەنە مەغلۇپ بولدى

1989‏-يىلدىكى «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ رەھبەرلىرىدىن ئۆركەش دۆلەت بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال تەيۋەندىن خوڭكوڭغا كېلىپ، خوڭكوڭ دائىرىلىرىدىن ئۆزىنى دەرھال قولغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇش بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، دائىرىلەر ئۇنى قولغا ئېلىشنى رەت قىلغان ۋە تەيۋەنگە قايتۇرۇۋەتكەن.

بۇ، ئۆركەش دۆلەتنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە تۇنجى قېتىم ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى ئەمەس.

ئۇ ئىلگىرى خوڭكوڭ، ئاۋمېن دائىرىلىرىگە، خىتاينىڭ ياپونىيە ۋە ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆركەشنى قولغا ئېلىشنى رەت قىلغان.

ئۆركەش دۆلەت بۇ قېتىم خوڭكوڭلۇق ئادۋوكات، خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزاسى خې جۈنرېننىڭ ھەمراھلىقىدا خوڭكوڭغا كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.

ئۆركەش دۆلەت «4‏-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان 2‏-نومۇرلۇق شەخس.

چەرچەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى ئېغىر بولۇشى مۇمكىن

ئامېرىكا يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش مەركىزى 24-نويابىر چەرچەن ناھىيىسىدە 5.6 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. تەڭرىتاغ تورىمۇ چەرچەن ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەشتە 2 مىڭ 389 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تېخى نامەلۇم ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان چەرچەن ناھىيىلىك پارتكومدىكى بىر خىتاي سېكرېتار ئاپەت ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ھالبۇكى، چەرچەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىكى بىر ئۇيغۇر كادىر ئاپەتنىڭ ئېغىر بولغانلىقىنى، ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىلىرى ھەققىدە تېخى مەلۇمات ئېلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كانادادا ھۆكۈمىتىدىن ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش تەلەپ قىلىندى

مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى كانادانىڭ كۆپ مىللەتلەر مەدەنىيىتى مىنىستىرى تىم ئۇپپال بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

بۇ پىكىرنى كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ئابباس ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، خىتاي دېموكراتلار تەشكىلاتى، قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

مىنىستىر تىم ئوپپال ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بايانلىرىڭلاردىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ھەممەيلەننىڭ ئاۋازى ھۆكۈمەتكە چوقۇم يەتكۈزۈلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.