ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-نويابىردىن 29-نويابىرغىچە)

0:00 / 0:00

خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بارات تۇرسۇنباقىنىڭ كېرىيە تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بارات تۇرسۇنباقىنىڭ بىر يىل بۇرۇن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بارات تۇرسۇنباقى كېرىيە تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. بارات تۇرسۇن باقىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنىنىڭ نەق مەيدانى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ئاۋاز خاتىرىسىدە تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر ئاۋاز خاتىرىسى چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىغا تارقالغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ بىر سابىق خادىمى بارات تۇرسۇنباقىنىڭ بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، نۆۋەتتە ئۇنىڭ كېرىيە تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 50 ياشلار چامىسىدىكى بارات تۇرسۇنباقى ئەسلىدە خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، 20 نەچچە يىل مەزكۇر مەكتەپتە خىزمەت قىلغان ئىكەن.

سابىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋارىس ئابابەكرى لاگېردىن چىقىپلا ۋاپات بولغان

1988‏-يىلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ۋارىس ئابابەكرىنىڭ 24‏-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە «كېسەللىك سەۋەبى» دىن ۋاپات بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 1‏-ئايدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ۋارىس ئابابەكرى 11‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن. لېكىن ئۇ لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىنلا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ «كېسەل سەۋەبلىك» ۋاپات بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى قاتتىق گۇمان قوزغىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋارىس ئابابەكرىنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى «شەرقىي تۈركىستان» دىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىگە زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

ۋارىس ئابابەكرى 1983‏-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ 1987‏-يىلى «ستۇدېنتلار پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە پائالىيەتلىرىدە، 1988‏-يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىدا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان ھالقىلىق شەخسلەرنىڭ بىرى ئىدى. شۇ سەۋەبلىك ئۇ 1988‏-يىلى 9‏-ئايدا مەكتەپتىن ھەيدەلگەن. ئۇ جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن شىركەت قۇرۇپ، مەدەنىيەت ئاقارتىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

ئاكا-ئۇكا شەھرىزات ۋە شاھدىيارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى يەنە رەت قىلىنغان

رۇسىيە فېدېراتسىيەگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازاندا سىياسىي پاناھلىق سورىغان قوشكېزەك ئاكا-ئۇكا شەھرىزات بىلەن شاھدىيار شاۋكەتلەردىن شەھرىزاتنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يەنە رەت قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، قازان شەھىرىدىكى بىر يەرلىك سوت 25‏-نويابىر شەھرىزاتنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلغان. نۆۋەتتە شاھدىيارنىڭ سوتى دېكابىردا ئېچىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى زۆھرە ھەمرايىۋانىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار رۇسىيە ئالىي سوتىغا ئەرز سۇنۇشقا تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن. ئۇ «مۇبادا ئالىي سوت بۇ ئىلتىماسنى رەت قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى رۇسىيە قانۇنلىرى بويىچە مەمۇرىي جاۋابكارلىققا تارتىش ھەم رۇسىيە چېگراسىدىن چىقىرىۋېتىش خەۋپى تۇغۇلىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىماقتا ئىكەن. رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت» گېزىتى «خىتايدىن كەلگەن تاتارلارغا قازاندىن ئورۇن تېپىلمىدى» دەپ خەۋەر بەرگەن. ئۇيغۇر رايونىدا تۇغۇلۇپ، 2015-يىلى قازاندىكى «فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى» غا ئوقۇشقا كىرگەن شەھرىزات بىلەن شاھدىيار ئۆتكەن يىلى رۇسىيە دائىرىلىرىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئىدى.

ۋولكېس-ۋاگېن ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىڭ يەرلىك ئىگىلىككە تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى ۋولكېس-ۋاگېن 27‏-نويابىر كۈنى رادىيومىزدغا بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرغانلىقىنى ئاقلىدى. ۋولكېس-ۋاگېننىڭ باياناتىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر شىركەت ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزەتمەكتە ئىكەن. باياناتتا يەنە مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتى يەرلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ۋولكېس-ۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدە زاۋۇت ئېچىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا دائىر مەخپىي ھۆججىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ، ۋولكېس-ۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاش چاقىرىقى تېخىمۇ كۈچەيگەن.

گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» ۋولكېس-ۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقىشىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىئۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «شىركەتنىڭ خىزمەت نىزامىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوللايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بىز مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەردىن بۇ شىركەتنىڭ ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق خەلقلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلىشنى ئىستەيمىز،» دېدى.

پومپېئو: «مەخپىي ھۆججەتلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دەلىللىدى»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 26‏-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا ئالاقىدار مەخپىي ھۆججەتلىرىگە باھا بېرىپ، بۇ ھۆججەتلەر خىتاينىڭ لاگېرلاردىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىنتايىن ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مايك پومپېيونىڭ تەكىتلىشىچە، «بۇ ھۆججەتلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنى خورلاۋاتقانلىقىغا دائىر ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان دەلىللەر بىلەن بىردەكلىككە ئىگە» ئىكەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى 26‏-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا تەكىتلىگەن. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭ بۇ ھۆججەتلەرنىڭ «ساختا» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ۋاشىنگتوندىكى «خەلقئارا تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىقى بىرلەشمىسى» 24‏-نويابىر كۈنى ئاشكارىلىغان «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» دە لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارغا دائىر نۇرغۇن كۆرسەتمە، يوليورۇق ۋە ئىستىخبارات دوكلاتى يەر ئالغان.