ئۇيغۇرلار قىز-ئاياللىرىنىڭ غۇرۇرىنى قوغداش ئۈچۈن يەرلىك خىتايلار بىلەن توقۇنۇشقان
28-نويابىر خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى جېنپىڭ ناھىيىسىدە سودا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار قىز-ئاياللىرىنىڭ غۇرۇرىنى قوغداش ئۈچۈن يەرلىك خىتايلار بىلەن سوقۇشقان.
ۋەقە كېيىن نامايىشقا ئۆزگەرگەن. نامايىشنى بېسىقتۇرۇشقا مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ساقچىسى ئەۋەتىلگەن.
ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق بولغان: 28-نويابىر بىر خىتاي كوچىدا كېتىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ يۈزىدىكى رومىلىنى ئېچىۋەتكەن. نەتىجىدە نەق مەيداندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن شۇ ئەتراپتىكى خىتايلار ئارىسىدا ماجىرا كېلىپ چىققان.
چۈشتىن كېيىن بولغاندا مەزكۇر ناھىيىدە تىجارەت قىلىۋاتقان مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان. نەتىجىدە خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر يارىلانغان، 3 ساقچى ئاپتوموبىلى پاچاقلاپ تاشلانغان.
پاتىگۈل غۇلام «پەلەستىن بىلەن سۈرىيىدىكى ئانىلار مەندىن بەختلىك ئىكەن»
«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇيان يوقاپ كەتكەن ئوغلىنىڭ دېرىكىنى ئالالمايۋاتقان پاتىگۈل غۇلام ئۇيغۇر ئانىلار پەلەستىنلىك ئانىلاردىنمۇ بەختسىز، دېدى.
ئۇ ئۇيغۇر ئانىلىرىنى پەلەستىنلىك ئانىلارغا سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پەلەستىن ۋە سۈرىيىدىكى ئانىلار، ئۇيغۇر ئانىلىرىدىن بەختلىك. چۈنكى، ئۇلار بالىلىرىنىڭ جەسىتىگە ئىگە بولالايدۇ، ئۇلار دۇنياغا ئۆزىنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىتالايدۇ....»
پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئوغلى ئىماممەمەت 5-ئىيۇلدىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگىنىچە ھازىغىچە ئۆيىگە قايتمىغان. خىتاي ساقچىلىرى ئىماممەمەت ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنىڭ ئورنىغا پاتىگۈل غۇلامغا تەھدىت سالغان ئىدى.
سالامەت خانىم: خىتايلارنىڭ مەجبۇرىي مائارىپى بالىلارنى تالىشىش كۆرۈشى
بىر سابىق مۇئەللىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مائارىپ سىياسىتى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇدىيىتىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر باللىرىنى تالىشىش كۆرۈشى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ سۆزلەرنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سابىق ئوقۇتقۇچى سالامەت خانىم ئوتتۇرىغا قويدى. سالامەت خانىم يەنە، ئۇيغۇر مائارىپچىلارنىڭمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ كەلگۈسى بولغان ئۆسمۈرلەرنى تالىشىشتا جان پىدالىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
سالامەت خانىم ھازىر گوللاندىيىدە ياشىماقتا.
سەرگەردان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا دىققەت تارتتى
خىتاي ئۆلكىلىرىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر سەرگەردان ئۆسمۈرلەر ھەققىدىكى خەۋەر ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا دىققەتنى تارتتى.
مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇپ، خىتايدىكى سەرگەردان بالىلار جۈملىدىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگەن مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن تولىمۇ ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى گېرمانىيىلىك پروفېسسور بالمۇ ئەپەندى مەيلى قانداقلا بولسىمۇ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلىشقا قاراپ تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خەۋەرنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى كائورى خانىم بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ قاتتىق ئازابلانغانلىقنى بىلدۈردى.
تاتار تارىخچى مۇنىر يېرزىن: ئۇيغۇرلار دۇنيا خەلقى ئالدىدا پەخىرلىنىشكە ھەقلىق
ئاتاقلىق تاتار تارىخچىسى مۇنىر يېرزىن بۇ يىل نەشردىن چىققان كىتابى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ماقالىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇنيا خەلقى ئالدىدا پەخىرلىنىشكە ھەقلىق خەلق، دېدى.
ئالىم مۇنىر يېرزىن بۇ سۆزلەرنى يەنە ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەتبەئەچىلىكى ھەققىدە يازغان ماقالىسىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئالىمنىڭ «ئەسىرلەر سىرى» ناملىق كىتابىغا تاتارلارنىڭ تارىخىدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت مەلۇماتلارنىمۇ كىرگۈزگەن.
مەلتەم ئارىكان خانىم: ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ خەتەر ئۆز تىلى ۋە دىنىدىن يىراقلىشىش
تۈركىيىدىكى داڭلىق تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى مەلتەم خانىم ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى ئۆز تىلى ۋە دىنىدىن يىراقلىشىش، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ بۇ سۆزلەرنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويدى.
مەلتەم ئارىكان خانىم تۈركىيىدىكى «9ئا تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ رىياسەتچىسى. ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش، ئائىلە تەربىيىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەرگە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.