ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24-نويابىردىن 30-نويابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-11-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ماركو رۇبيو، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېرلار مەسىلىسىدە ئەيىبلەش مەۋقەسىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ماركو رۇبيو، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېرلار مەسىلىسىدە ئەيىبلەش مەۋقەسىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
RFA

خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ لاگېرلارنى ئاقلىشى كۈچلۈك رەددىيەگە ئۇچرىدى

يېقىندا خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە سۆز قىلىپ «ئامېرىكا تېرورچىلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. بىز بولساق تېررور گۇماندارلىرىنى ‹ئۆگىنىش مەركەزلىرى› دە تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىۋاتىمىز» دېگەن مەزمۇندا سۆز قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن كرىستوفېر سىمىس بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، باش ئەلچىنىڭ سۆزلىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ماركو رۇبيومۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېرلار مەسىلىسىدە ئەيىبلەش مەۋقەسىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇتقۇن قىرغىزلارغا كېڭەيمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى يېقىندا قازاقلارنى تۇتقۇن قىلىشقا كېڭەيگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە قىرغىزلارنىڭمۇ بۇ زور تۇتقۇننىڭ نىشانى بولۇۋاتقانلىقى دىققەت قوزغاشقا باشلىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ئاقتۇ ناھىيەسىدە نەچچە ئونلىغان قىرغىز دىنىي زاتلىرىنىڭ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خىتاي ئىلگىرى باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا قارشى قويۇپ كەلگەن. ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش دولقۇنى ئۇلارغىمۇ يېيىلماقتا،» دېدى.

كاتو ئىنستىتۇتى دۇنيانى لاگېرلار مەسىلىسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئاقىللار ئامبىرىدىن بولغان كاتو ئىنستىتۇتى مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر «دۇنيانى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىشى لازىم» دەپ كۆرسەتتى.

يىغىندا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ زور قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل زور كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدا دۇنيانىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل مەزمۇندىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ ھالنى «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بارغانسېرى كۆپ خەلقئارالىق قوللاشلارغا ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دەپ قارىماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە لاگېرلاردىكى زۇلۇم ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا دىنلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقاندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بۇ ئەھۋالنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا لاگېرلارنىڭ بىۋاسىتە شاھىتلىرىدىن مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە باشقا مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى ئېتىقادىغا قانداق ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق زۇلمەتكە ئۇچرىشىغا دۇنيا مەڭگۈ قاراپ تۇرمايدۇ، شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۈمىدسىزلىككە گىرىپتار بولماسلىقى لازىم، دېدى.

ئىلھام توختىغا «تۈرك دۇنياسى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى


24-نويابىر كۈنى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنىڭ «تۇران يازغان تۈرك دۇنياسى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى.

مەزكۇر مۇكاپات ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش ساھەسىدىكى ۋەكىللىك شەخسلەرگە بېرىلىدىغان بولۇپ، مەرھۇم يازغۇچى تۇران يازغاننىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان. ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مۇكاپاتنى ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تاشقى مۇناسىۋەتتە نازۇك مەسىلىلەردىن بولۇۋاتقاندا بۇنداق بىر مۇكاپاتنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا.

تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنى كوللېكتىپ ئەيىبلىدى

يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان نەچچە يۈزلىگەن كىشى يېقىندا كوللېكتىپ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە قاتتىق ئەيىبلىدى.

بۇ تەتقىقاتچىلار يەنە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئۇلار دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى ۋە تەشكىلاتلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىق قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلدى.

تولۇق بەت