ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارقىلىش سۈرئىتى دۇنيا سەھىيە ساھەسىدىكىلەرنى چۆچۈتمەكتە
پۈتۈن دۇنيا خەلقى، جۈملىدىن سەھىيە ساھەسى ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر دىيارىدىن مەلۇم بولۇۋاتقان ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى كىشىلەرنى چۆچۈتمەكتە.
تېببىي ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر 1-دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىگە يامراۋاتقان ئەيدىز كېسىلى ۋە ئۇنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۆز ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇلار 2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ 85 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، يەنى تەخمىنەن 35 مىڭدىن ئارتۇق ئەيدىز بىمارىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم يەرلىك تېببىي خادىملارمۇ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، دائىرىلەرنىڭ رايوندا يامراۋاتقان ئەيدىز كېسىلىگە نىسبەتەن پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئاتاقلىق تىلشۇناس ۋە تۈركولوگ تالات تېكىن ۋاپات بولدى
زامانىمىزدىكى ئاتاقلىق تىلشۇناس، دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تىلچى تالات تېكىن 2015-يىلى 28-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدا 88 يېشىدا ۋاپات بولدى.
تالات تېكىن قەدىمكى تۈركىي تىللار، جۈملىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ساھەسىدىكى مول مەزمۇنلۇق ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن دۇنيا تۈركولوگىيىسىدە زور شۆھرەت قازانغان ئالىملارنىڭ بىرى.
ئۇنىڭ «قەدىمكى ئورخۇن تۈركچىسىنىڭ گرامماتىكىسى» ناملىق ئىلمىي ئەسىرى دۇنيا تۈركولوگىيەسىدىكى يېتەكچى خاراكتېرلىك ئەسەرلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان.
ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى مەرھۇم تالات تېكىننىڭ بىر قىسىم ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىل-يېزىقىغا بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، ئالىمنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنمۇ زور بىر يوقىتىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فىرانسىيە مۇخبىرىنى «ئۇيغۇر تېررورچىلارغا چاپان ياپتى» دەپ ئەيىبلىگەن
2-دېكابىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا گوتىيرنى «شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ‹تېررورلۇق› دېمىگەن» دەپ ئەيىبلىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «باشقا ئەللەردىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ‹تېررورلۇق› دەپ ئاتىلىۋاتقان ئەھۋالدا نېمە ئۈچۈن جۇڭگودىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ‹مىللىي ۋە دىنىي مەسىلە› دەپ قارىلىدۇ؟» دەپ سوئال قويغان.
ژۇرنالىست ئۇرسۇلا خىتاينىڭ تەنقىدىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئۆزى يازغان خەۋەردىكى ھەر بىر سۆز ۋە جۈملىگە ئىگە ئىكەنلىكى» نى تەكىتلىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، خىتايچە تور بەتلىرىنىڭ يېقىندا ئۇرسۇلانىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلغانلىقى، ھەتتا ئۇنى ھاقارەتلەيدىغان ياكى ئۇنىڭغا ئۆلۈم تەھدىتى سالىدىغان خەتلەرنى يازغانلىقى مەلۇم.
شاھىتلار خىتاي-پاكىستان چېگراسىدىكى تىجارەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن خىتاي ۋە پاكىستانلىقلارغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە
پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا سودىسى 1980-يىللاردا باشلانغان ۋە كۈنسايىن راۋاجلانغان.
ھالبۇكى، چېگرا سودىسىدا ئىلگىرى باشلامچىلىق رولىنى ئوينىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ نۆۋەتتە ئاساسەن دېگۈدەك سىقىپ چىقىرىلغانلىقى مەلۇم.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن پاكىستان ئارىسىدا قاتنايدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىدا ئىلگىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر قاتنىغان بولسا، نۆۋەتتە بۇلارنىڭ ئورنىنى خىتايلار بىلەن پاكىستانلىق تىجارەتچىلەرنىڭ ئىگىلىگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر پاسپورت تارقىتىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان
1-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى بايانات ئېلان قىلىپ، رايوندا پاسپورت تارقىتىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا 5-ئاۋغۇستتىن 19-نويابىرغىچە جەمئىي 213 مىڭدىن ئارتۇق پاسپورت تارقىتىلغانلىقى، بۇنىڭ ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 240 پىرسەنت ئاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، يېڭى پاسپورت سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان 228 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ پاسپورت ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، ‹بىرلا قېتىمدا بېجىرىپ بېرىش› تۈزۈمى بويىچە قۇلايلىق يارىتىلغان» لىقى بىلدۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، مەزكۇر خەۋەردە يېڭى پاسپورت ئالغانلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.
خىتاينىڭ نوپۇس نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت رايونلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا
1-دېكابىر كۈنى خىتاي دۆلەت ستاتىستىكا باش ئىدارىسى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۇزۇن يىللىق بىر پەرزەنتلىك تۈزۈمنىڭ خىتايدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئېغىر دەرىجىدە تەڭپۇڭسىزلىق شەكىللەندۈرگەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان.
چەتئەللەردىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ نوپۇس بىخەتەرلىكى يۈزلەنگەن بۇ ئېغىر مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلدى.
ئۇلار، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە جىددىي نوپۇس تەڭشەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئېشىنچا نوپۇسنى چېگرا رايونلارغا تارقاقلاشتۇرىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىغا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ۋە ئىجتىمائىي شارائىتىغا كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.