ھەپتىلىك خەۋەرلەر (2-دېكابىردىن 8-دېكابىرغىچە)

0:00 / 0:00

غازى ئەھمەد ۋە مىرسۇلتان ئوسمانوۋ كەڭ ياد ئېتىلدى

ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدىن مەڭگۈلۈككە ۋىدالاشقان مەشھۇر رەسسام غازى ئەھمەد ۋە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوۋ چەتئەللەردە ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە كەڭ خاتىرىلەندى.

مەرھۇملارنىڭ تۈركىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان ۋە باشقا جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلىرى، دوستلىرى ۋە كەسىپداشلىرى ئۇلارنى سېغىنىش ئىچىدە ياد ئېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۆز ناملىرىدىن ماتەم مەكتۇبلىرى ئېلان قىلدى.

مەرھۇملارنىڭ كەسىپداشلىرى ئۇلارنىڭ يېشى 80 دىن ئاشقان مەزگىللەردىمۇ ئۆز كەسىپلىرى بويىچە ئىجادىيەت، تەتقىقات ۋە ئۆگىنىشنى تاشلىمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەرىپلىدى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ھاياتىنى زامانىمىزدىكى ياشلارغا كۆپرەك تونۇشتۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئاشكارا تەھدىت سېلىشقا باشلىغان

چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

بۇ ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن كېلىۋاتقان تەھدىتلىك ئۇچۇرلاردا ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى «ئويلىشىپ قويۇشى» تەلەپ قىلىنغان شۇنىڭدەك ھەر خىل يوللار ئارقىلىق بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا قىزىقتۇرغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، مىليونلاپ ئەسكىرى ۋە يادرو قورالى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەقەدەر قورقۇنچاق بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.

چەتئەللەردە «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» كۆپلەپ تونۇشتۇرۇلدى

ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر سىياسىي بېسىملار ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا تېگىشلىك يەر ئېلىۋاتقاندا خەلقئارادىكى ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى داۋاملىق تونۇشتۇرۇلماقتا.

يېقىندا تۈركىيەنىڭ كۇتاھيا، ئىستانبۇل ۋە ئەسكىشەھەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە مۇتەخەسسىسلەر «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ھەمدە ئۇيغۇرلارغا دائىر ئەھۋاللار ھەققىدە مەخسۇس دوكلاتلار بەردى.

د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى چاقىرغان كىشىلىك ھوقۇق تېمىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىندا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەرقايسى دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىگە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

سىياسىي كونتروللۇق ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە ئېغىر زىيان سالماقتا

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىسلىسىز كۈچىيىۋاتقان «سىياسىي ئۆگىنىش» پائالىيەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولىۋالغانلىقى مەلۇم. يېقىندا بۇ ھادىسىنىڭ ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىنقى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا قەشقەردىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ ھەرقايسى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن بوش قالغان بازارلارنى خىتاي سودىگەرلەرنىڭ ئىگىلەپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا قەشقەرنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدىكى ئۈزۈم سودىگەرلىرىنىڭ ئاساسەن «سىياسىي ئۆگىنىش» كە يىغىۋېلىنغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئون مىڭ مو ئۈزۈملۈك باغدىكى ئۈزۈملىرىنىڭ بېسىلىپ قالغانلىقى ھەققىدە جەمئىيەتكە مۇراجىئەتنامە تارقالغان.

ئۇيغۇر ئانا-بالا تۇغۇت دوختۇرلىرى سومالىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيىتىگە قاتناشقان

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىن تۈركىيەگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئارزۇگۈل ۋە ئۇنىڭ ئانىسى يېقىندا ئۇرۇش ئوتلىرىنىڭ خارابىسى ھەممىلا يەرنى قاپلىغان سومالىغا بارغان.

ئۇلار تېزلا ئۆزلىرى بارغان جايدا تۇغۇت ئىشلىرىغا لازىملىق تېببىي خادىملارنىڭ بەكمۇ كەمچىل بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىمى ئارقىلىق شۇ جايلاردىكى يەرلىك خەلققە زۆرۈر ياردەمدە بولغان ھەمدە ئۇلارنى بۇ جەھەتتىكى بىلىملەر بويىچە تەربىيەلىگەن.

ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانچە قىيىن شارائىتتىمۇ قولىدىن كەلسىلا باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايان قىلغان ھەمدە ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە زەيىد ھۈسەيىن بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ھەيئىتى زەيىد ھۈسەيىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» ئۆتكۈزگەن يىغىندا نۆۋەتتە مۇسۇلمانلار دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە توختالدى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بەردى.

بۈگۈن يەنە ئالاقىدار تەشكىلاتلار بۇ ھەقتە باياناتلار ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ئېغىر نۇقتىغا يەتكەنلىكىنى، خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ ھالغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.