رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلاتتى
1948-يىلىدىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەر يىلى 10-دېكابىر كۈنىنى «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خاتىرە كۈنى» سۈپىتىدە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 7-دېكابىر كۈنى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىدىن مەلۇمات بەردى.
ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ ئاتالمىش «قوش تىللىق» يەسلىلەردىكى قىسمەتلىرى دىققەت قوزغىماقتا
ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 3-4 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ مەلۇم بىر «قوش تىللىق» يەسلىدە خىتايچە سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىشقا قوپاللىق بىلەن زورلانغانلىقى ھەققىدىكى بىر سىن كۆرۈنۈشى تارقالدى.
مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدە خىتاي يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ نەسرۇللا ئىسىملىك ئۇيغۇر بالىغا تۇرمۇشقا لازىملىق ئادەتتىكى خىتايچە سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى خىتاي دۆلەت بايرىقى بىلەن خىتاي دۆلەت گىرىبىنى خىتايچە دېيىشكە زورلىشى ئاۋامدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ خىلدىكى ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللىگەن بولسا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر «قوش تىللىق» يەسلىلەردىكى ئۇيغۇر بالىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى گۇمان قوزغىماقتا
ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 2016-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ رايونىدا ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان.
180 مىليون سوم مەبلەغ ئاجرىتىلغان مەزكۇر ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا بۇ يىل ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدىكەن ۋە ئۇلارنىڭ شەخسىي بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلىرى رەقەملەشتۈرۈلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدا ئومۇميۈزلۈك ۋە مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇشىنىڭ مەقسىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردە تۈرلۈك گۇمانلارنى قوزغىماقتا. ئەنگلىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئەنىۋەر توختى «شەخسلەرنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى توپلاش قىلمىشى گۇمان قوزغايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بازارغا سېلىۋاتقان «قوشماق تۇغقان بولۇش» سىياسىتى جىددىي ئىنكاس قوزغىماقتا
چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان، ئۇنىڭ رايوندىكى «قوشماق تۇغقان بولۇش» سىياسىتى كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇنىڭ «قوشماق تۇغقان بولۇش» سىياسىتىدە ھەر بىر خىتاي كادىر ئائىلىسىنىڭ بىردىن ئۇيغۇر تۇغقىنى بولۇش، ھەر بىر ئۇيغۇر كادىر ئائىلىسىنىڭ بىردىن خىتاي تۇغقىنى بولۇش تەشەببۇس قىلىنىدىكەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك پۇقرالار ھازىر جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا «قوشماق تۇغقاندارچىلىق» ھەرىكىتىنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەردىن دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، «بۇ ھەرىكەت دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشتىكى بىر خىل چارىسى» دەپ كۆرسەتتى.
توققۇزاق ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزىسىدا 50 نەچچە مەسچىتنىڭ چېقىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدا بىر قىسىم، بەزى جايلىرىدا كۆپ قىسىم مەسچىتلەرنى چېقىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
توققۇزاق تەۋەسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ساقچىلار بىلەن كەنت باشلىقلىرى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەسچىت چېقىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئابدۇراخمان ھاجى يۇرتى توققۇزاقتىن ئاڭلىغان ۋەقەلەر ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ، لەڭگەر يېزىسىنىڭ ئۆزىدىنلا يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە 50 نەچچە مەسچىتنىڭ چېقىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىنىي پائالىيەتلەرنى يەرلىك دائىرىلەرگە مەلۇم قىلىش تۈزۈمى پۈتۈن ئۇيغۇر يېزىلىرىغا كېڭەيتىلمەكتىكەن
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىشنىڭ يېڭى چارە-تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىغا جىددىي تۈردە كېڭەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، يەرلىك ئاھالىلەر نەزىر-چىراغ، نىكاھ، سۈننەت توي، خەتمە-قۇرئان، مەۋلۈت قاتارلىق دىنىي تۈس ئالغان پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن يەرلىك دائىرىلەرگە مەلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ئامانلىق خادىملىرى مەزكۇر چارىنىڭ نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ چارىنىڭ رايوندىكى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھوقۇقلىرىغا قىلىنغان دەخلى-تەرۇز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.