رابىيە قادىر خانىم دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى
10-دېكابىردىكى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشقا ئىككى نەپەر مۇكاپات ساھىبى بىلەن بىرلىكتە 2015-يىللىق لەنتوس خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالدى.
بۇ يىللىق توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق كانون سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇنداقلا بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر قاتناشتى.
رابىيە قادىر خانىم مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، «بۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىنىڭ خەلقئارادا يەنە بىر قېتىم ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر،» دېدى.
گۇمىدىكى ئوقۇتقۇچىلار تەتىل ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە نوپۇس ئېنىقلاش ئىشىغا سېلىنماقتىكەن
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىللىق يازلىق تەتىل مەزگىلىدە گۇما ناھىيەسىنىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدا ئوقۇتقۇچىلار نوپۇس ئېنىقلاش، نوپۇس تىزىملاش ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشتەك بىر قاتار ئىشلارغا سېلىنغانلىقى مەلۇم.
گۇما ناھىيەسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئىككى يىلدىن بۇيان يەرلىكتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەم ئېلىش ۋە تەتىل كۈنلىرىدە نورمال دەم ئېلىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، نوپۇس ئېنىقلاش ئەسلىدە ساقچىخانىلارنىڭ ۋەزىپىسى بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك دائىرىلەر بۇ ۋەزىپىنى ئوقۇتقۇچىلارغا يۈكلەپ قويغان. ساقچىخانىلارنىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ پەقەتلا «مۇقىملىق» قا كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.
گۇمىدىكى يەرلىك ساقچىخانىلارمۇ بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بايانات ئېلان قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى
10-دېكابىر «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
ئىلھام توختى، غەيرەت نىياز ۋە ئاتىكەم روزى قاتارلىق 8 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ ئىسىملىكى تىلغا ئېلىنغان مەزكۇر باياناتتا، ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراش ۋە مەيدانىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈنلا خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا يەنە خەلقئارا جەمئىيەت مەزكۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىگە مەكتۇپ يوللاشقا ۋە ئىمزا توپلاشقا دەۋەت قىلىندى. دۇنيانىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى خىتاي تەرەپكە ئەسلىتىپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.
ئۈرۈمچى بازارلىرىدا يامرىغان ساختا تۇزدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋەرسىز يۈرگەنلىكى مەلۇم بولماقتا
سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان تۇز خام ئەشيا قىلىنغان ساختا تۇزنىڭ ئۈرۈمچى بازارلىرىدا يىللاردىن بۇيان سېتىلىپ كەلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى خىتايدىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق بولغان بۇ خىل تۇز مەھسۇلاتى يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچىدە كۆپلەپ بايقالغان. ھالبۇكى، ئۈرۈمچىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، سانائەتتە ئىشلىتىدىغان تۇزدىن تەييارلانغان بۇ خىل تۇز مەھسۇلاتىنىڭ ئادەم بەدىنىگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
9 ياشلىق قىز مۇنىرە مەمەتنىڭ باي ھۇجۇمچىلىرى يوشۇرۇنغان ئۆڭكۈردە كۆيۈپ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن بايدىكى تاغ ئۆڭكۈرىدە كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىچىدە 9 ياشلىق ئۇيغۇر قىز مۇنىرە مەمەتنىڭ بارلىقى مەلۇم.
تەۋەلىكتىكى كەنت مەسئۇلى ۋە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مۇنىرە قورساقتىكى ۋاقتىدا پىلانلىق تۇغۇت سەۋەبلىك چۈشۈرۈلۈۋېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئىكەن. تۇغۇلۇش ئالدىدىكى بوۋاقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىدىن مەمەت ئەيسا ئەينى ۋاقىتتا مۇنىرەنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تاغ ئۆڭكۈرىگە يوشۇرۇپ تۇغدۇرغانىكەن. كېيىنچە بوۋاقنى مەمەت ئەيسانىڭ بېقىۋالغانلىقى مەلۇم.
بۇ يىل 18-سېنتەبىر بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمىدىن كېيىن گۇماندار مەمەت ئەيسا بېقىۋالغان قىزى مۇنىرەنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ قاچقان. نەتىجىدە 9 ياشلىق مۇنىرە مەمەت ئۆزى تۇغۇلغان تاغ ئۆڭكۈرىدە خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئوت ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئۇيغۇر خەلق تارىخىي داستانلىرى دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا
ئۇيغۇر خەلق تارىخىي داستانلىرى ۋە ئۇيغۇرلاردا بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن داستانچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە كۈچلۈك قىزىقىش قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن «ياچىۋەك»، «ئابدۇراخمان خان پاشا»، «نۇزۇگۇم» قاتارلىق تارىخىي داستانلىرىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئېيتالايدىغان ھايات داستانچىلارنىڭ ھېلىھەم خوتەن ۋە قۇمۇل رايونىدا مەۋجۇتلۇقى بىلىنمەكتە.
ئۇيغۇر خەلق تارىخىي داستانلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى تارىخىي داستانچىلىق سەنئىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئاغزاكىي تارىخچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.