ھەپتىلىك خەۋەرلەر (9-دېكابىردىن 15-دېكابىرغىچە)

0:00 / 0:00

ئىلھام توختىغا «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» تەقدىم قىلىندى

10-دېكابىر كۈنى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەدىكى ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ يىللىق «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مۇراسىمدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختىنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن پائالىيەتلەردە بولۇۋاتقان ھەر ساھە كىشىلىرى نۇتۇق سۆزلەپ، بۇ مۇكاپات ئارقىلىق ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئاراغا تېخىمۇ ياخشى تونۇتقىلى بولىدۇ، دېدى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقىلى كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى مۇراسىمدىن كېيىن، ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى.

بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلارنى توپلاشنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا كېڭىيىشى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ گېن ئەۋرىشىكىسى ۋە باشقا بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى ئارخىپلاشتۇرۇپ چىققانلىقى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش» نامىدىكى بۇ «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ شەخسىيەت ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس زور ھەجىملىك بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىخەۋەر ھالدا ئۇلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى توپلاشنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

ئاتالمىش «خىتاي ساقچىسى» چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن پۇل ئۈندۈرمەكچى بولغان

يېقىندا ئۆزىنى «خىتاي ساقچىسى» دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەرنىڭ چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارغا تەھدىت سېلىپ، ئۇلاردىن پۇل ئۈندۈرمەكچى بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «خىتاي ساقچىسى» چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈندىدارىغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇلارنىڭ «ئۆگىنىش مەركىزى» دىكى ئاتا-ئانىسىنى چىقىرىپ بەرمەكچى بولغان. بۇنىڭ بەدىلىگە بولسا ئوقۇغۇچىلاردىن پۇل تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچىخانىلىرى بۇ ئەھۋال ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، «ساقچىلارنىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن پۇل ئۈندۈرمەكچى بولۇشى ھەمدە ئۇلارغا تەھدىت سېلىشى قانۇنسىزلىق،» دېدى. ئەمما چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى مەجبۇرىي «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىشنى «نورمال ئەھۋال» دەپ ئاقلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق» قا دائىر ئەھۋاللارنى پاش قىلغانلارغا غايەت زور مۇكاپات بېرىشنى ئۇقتۇردى

ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى «ماددىي جەھەتتىن مۇكاپاتلاش» چارىسىنى قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ چارىلار بىردەك خەلق ئاممىسىنى «تېررورچى» ۋە «ھېجرەتچى» دەپ قارىغان كىشىلەر ھەققىدە «يىپ ئۇچى» بىلەن تەمىنلەشكە قىزىقتۇرماقتا ئىكەن.

يېقىندا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇكاپاتلاش چارىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ۋىلايەت مالىيەسىدىن 100 مىليون سوم مەبلەغ ئاجراتقانلىقى مەلۇم بولدى.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ ھال، خىتاينىڭ شۇنچە زور ئەسكىرىي كۈچىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قارشىلىقنى باستۇرۇشقا ئەسقاتمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،» دېدى.

تەبلىغ سۆزلەشنىڭ ئېغىر «جىنايەت» بولىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قاتتىق سىياسىي كونتروللۇقنىڭ بىر ئىپادىسى قولغا ئېلىنغانلارغا ھەددىدىن ئېغىر جازا بېرىلىشىدە ئەكس ئېتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا گۇمىنىڭ پىيالما يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارى شۇ يېزىدىكى دىنىي زات ئەخمەت ئىسلامغا «قانۇنسىز تەبلىغ قىلغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. يەنە بەزىلەر ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى ئەمەس، بەلكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئالغا سۈردى.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «دىنىي تەبلىغ پائالىيىتى ئۈچۈن بىر كىشىگە بۇ قەدەر ئېغىر جازا بېرىش ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ،» دېدى.

مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ تارىخ سەپسەتىسىنى ئىنكار قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «ئەزەلدىنلا خىتاينىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. بۇ مەسىلىدە ئۇلار ھەرۋاقىت مىلادىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى خەن سۇلالىسىنىڭ بۇ جايدا «غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى» تەسىس قىلغانلىقىنى ئىسپات قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن بىر گۇرۇپپا خىتاي ئارخېئولوگلار ھازىرغىچە تېپىلماي كەلگەن مەزكۇر «غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى» نىڭ ئورنىنى بۈگۈر ناھىيىسىدىن «تاپقان» لىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.

چەتئەللەردىكى خىتاي ۋە ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرى بۇ مەسىلە ھەققىدە پىكىر قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سەپسەتىسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ،» دېدى.