ھەپتىلىك خەۋەرلەر (12-دېكابىردىن 18-دېكابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.12.18
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

گوللاندىيەدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى 10 يىلى داغدۇغىلىق خاتىرىلەندى

12-دېكابىر كۈنى گوللاندىيەدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئون يىلى داغدۇغىلىق تەبرىكلەنگەن.

تەبرىكلەش پائالىيىتىنى «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى»، «تۈرك ئۆيى» ۋە «ياۋرو-ئاسىيا تەشكىلاتى مۇنبىرى» قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن.

يىغىن قاتناشچىلىرى رابىيە خانىمنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى يولىدا سۇنماس ئىرادە ۋە تىنىمسىز كۈرەشلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇھاجىرەتتىكى 10 يىلىنى قىزغىن تەبرىكلىگەن.

پائالىيەتتە رابىيە قادىر خانىمغا پۈتۈن تۈرك سىستېمىسىدىكى تەشكىلاتلار نامىدىن «مەھمۇد قەشقەرىي كۈمۈش مېدالى» تەقدىم قىلىنغان. «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» ئۇيغۇرلار نامىدىن رابىيە خانىمغا بىر دانە ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلغان.

دائىرىلەر مۇقىملىق ساقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ساقچىخانىلارغا ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلماقتىكەن

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر مۇقىملىق ساقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا-بازارلىق ساقچىخانىلارغا زور ساندا ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلماقتىكەن.

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىككى نەپەر ياردەمچى ساقچى بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاۋات ناھىيەسىدىكى ساقچىخانىلار ياردەمچى ساقچىلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچلىك بولسىلا ئوقۇش تارىخىغا شەرت قويماستىن قوبۇل قىلماقتىكەن.

گۇما ناھىيەسىدىكى ياردەمچى ساقچىلارنىڭ جىددىي پەيتلەردە 24 سائەت نۆۋەتچىلىكتە تۇرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىنىڭ مۇقىملىققا ئائىت ھەرقانداق ئىشقا چېتىلىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقان رەسساملار ئىجادىيەتلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتچىلىق يولىغا يېتەكلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقان رەسساملار نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رايوندىكى سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا يېتەكلەنمەكتىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەكىت، چاقىلىق ۋە باشقا جايلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دېھقان رەسساملار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «جۇڭخۇانى سۆيۈش»، «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش» مەزمۇنىدىكى رەسىملەرنى سىزىشقا ئۇيۇشتۇرۇلماقتىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر رەسساملار بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، دېھقان رەسساملار ئىجادىيىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتچىلىق يولىغا يېتەكلىنىشى ئەمەلىيەتتە «سەنئەتكارلارنىڭ ئەركىن تۇيغۇسىنى كونترول قىلىش» تىن باشقا نەرسە ئەمەس، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىمى ئەزىز سانجار ئەنقەرە سەپىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئوتلۇق سالام يوللىدى

2015-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىمى ئەزىز سانجار ئەپەندى 14-دېكابىر كۈنى ئەنقەرە ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇنى تۈرك جامائىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ كۈتۈۋالغان.

ئەنقەرەدە ئولتۇرۇشلۇق مىركامىل قەشقەرى بىلەن ئوغلى مۇجاھىت قەشقەرى ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋاكالىتەن ئەزىز سانجار ئەپەندىگە گۈلدەستە تەقدىم قىلغان. بېشىغا ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ گۈلدەستە قوبۇل قىلغان ئەزىز سانجار ئەپەندى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە ئۆزىنىڭ ئوتلۇق سالىمىنى يوللىغان.

دوكتور ئەزىز سانجار ئەپەندى «د ن ئا» ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىدا دەۋر بۆلگۈچ يېڭىلىق ياراتقانلىقى ئۈچۈن 2015-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنى «مېڭىسى يۇيۇلغان كىشىلەر» دېيىشى كۆزەتكۈچىلەردە سوئال پەيدا قىلماقتا

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى يېقىندا بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنى «ئەسەبىي دىنى ئىدىيە» لەر بىلەن «مېڭىسى يۇيۇلغان كىشىلەردۇر» دەپ خەۋەر بەرگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىدىن تۇرغۇن ئەمەت ئىسىملىك تىرىك قولغا چۈشكەن بىر گۇماندارنىڭ ئۆز قىلمىشىدىن «توۋا» قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا يەنە باي ھۇجۇمچىلىرىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك تۈپەيلى «مېڭىسى پۈتۈنلەي يۇيۇلۇپ جىنايەت يولىغا ماڭغان» لىقى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ باي ۋەقەسى ھەققىدە بەرگەن بىر-بىرىگە زىددىيەتلىك خەۋەرلىرى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك گۇمانىنى قوزغىماقتا.

گۇننار ياررىڭ نامىدىكى مەركىزىي ياۋروئاسىيا ئىلمىي يىغمىسى ۋە ئۇنىڭ رەقەملىك كۇتۇپخانىسى ئىلىم ساھەسىگە ئېچىۋېتىلگەن

شىۋېتسىيەلىك مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس گۇننار ياررىڭ نامىدىكى ئىلمىي يىغما 2012-يىلى سىتوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا كۆچۈرۈلگەنلىكى مەلۇم.

يېقىندا مەزكۇر يىغمىنىڭ رەقەملىك كۇتۇپخانىسى ياسىلىپ، گۇننار ياررىڭ توپلىغان ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى قوليازمىلار ۋە كلاسسىك مەنبەلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىسى تورغا قويۇلغان.

مەزكۇر ئىلمىي يىغما نۆۋەتتە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىلىم ئادەملىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا قىزىقىدىغان ھەرقانداق كىشى مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ تور بېتىدىن بۇ ماتېرىياللارنى كۆرەلەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.