ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-دېكابىردىن 21-دېكابىرغىچە)

0:00 / 0:00

خىتاي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پاسپورتى يىغىۋېلىنغان

يېقىندا خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچى باشقارمىسى مەخسۇس بەلگىلىمە تۈزۈپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەلگەنلەرنى ئالدى بىلەن پاسپورتلىرىنى تاپشۇرۇشنى، پاسپورتلىرىنى تاپشۇرمىسا نوپۇسقا ئالماسلىقنى بېكىتكەن.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ خوتەن ساقچىلىرىنىڭ مەزكۇر تۈزۈمى، خوتەندىكى بىر قىسىم يېڭى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ تۇرمۇش، ئوقۇش پىلانلىرىغا بۇزغۇنچىلىق خەۋپى ياراتقان.

ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشى يىللاردىن بېرى تۈرلۈك توسالغۇلارغا ئۇچراپ كەلدى. ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ جايلارنىڭ سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ پاسپورت ئېلىشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم يەرلىك دائىرىلەرنى بىئارام قىلغان.

ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر دۇكانلىرىنىڭ ۋىۋىسكىلىرى خىتايچە يېزىق كىچىك دېگەن باھانىدە ئېلىپ تاشلاندى

ئۈرۈمچى كونسۇل كوچىسى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئاچقان بىر قىسىم سودا دۇكانلىرىنىڭ ۋىۋىسكىلىرى «خىتايچە خەت كىچىك يېزىلىپ قالغان»دېگەن باھانىدە ئېلىپ تاشلاش بۇيرۇلغان. بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكانلىرىدىن 500 مېتىر نېرىدىكى خىتايلار ئاچقان دوستلۇق سودا دۇكىنىنىڭ ۋىۋىسكىسىدا ئۇيغۇرچە خەت يېزىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا چېقىلمىغان.

بۇ خىل خىتاي دۇكانلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇيغۇر دۇكانلىرىنىڭ ۋىۋىسكىلىرىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇق قىلىشتەك ئىككى خىل ئۆلچەم، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەت دۇكانلىرىدىكى ۋىۋىسكىلارنىڭ مەجبۇرىي ئېلىۋېتىلىشى دۇكان ئىگىلىرىگە ئىقتىسادى زىيان ئېلىپ كەلگەن.

قاراماي ئوت ئاپىتى ھەققىدىكى فىلىم مۇكاپات ئالدى

1994-يىلى قارامايدا يۈز بەرگەن 8-دېكابىر ئوت ئاپىتى ھەققىدە ئىشلەنگەن «قارىماي» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي تىلىدىكى ھۆججەتلىك فىلىملەر فېستىۋالىدا ئالتۇن مۇكاپات ئالغان.

مەزكۇر فىلىمنىڭ رېژىسسورى شۈ شىن، فالۇڭگۇڭچىلارنىڭ بۈيۈك ئىرا گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قاراماي ئوت ۋەقەسىنى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى دېگەن. ئارىدىن 18 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، دۇنيا ئېسىدىن چىقىرالمايۋاتقان بۇ دەھشەتلىك ۋەقەدە، نۇرغۇن تالانتلىق ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ۋەقەدە 6 ياشتىن 14 ياش ئارىلىقىدىكى 288 ئوقۇغۇچى ۋە 35 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئۆلگەن. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى شەخسلەرنى جازالىغان بولسىمۇ، بىراق ئاتا-ئانىلار ئىزچىل نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلدى.

د ئۇ ق خىتاينى ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى

د ئۇ ق سەيشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ خەلقئارا پۇقرالىق ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسى ماقۇللانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى مەزكۇر ئەھدىنامىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى.

باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي مەزكۇر ئەھدىنامىگە قول قويغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئەھدىنامىگە پۈتۈنلەي خىلاپ سىياسەت يۈرگۈزگەن.

باياناتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەپ، كىشىلەرنى قانۇنى رەسمىيەتسىز ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغانلىقى، ئۇيغۇر تىلىنى چەتكە قاققانلىقى، ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىشنى قانۇنلاشتۇرغانلىقى، دىنىي كۇرسىلارنى باستۇرۇپ، كىشىلەرنى قانۇندىن ھالقىپ ئۆلتۈرگەنلىكى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۆشۈكى قەشقەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بېيجىڭ پاسپورت دائىرىلىرى: ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىشنى بىز قارار قىلمايمىز

بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى ئاتىكەم روزىنىڭ پاسپورت ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىشى خىتاي مىكرو بلوگلىرىدىكى غۇلغۇلا قوزغىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا قاراشلىق «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» 19‏-دېكابىر مەخسۇس بۇ مەسىلە ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان.

بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دە مەزكۇر مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا مىللىي كەمسىتىش پوزىتسىيىسى تۇتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان، بىراق ئاتىكەم روزىغا نېمىشقا پاسپورت بەرمىگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلغان.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى تۇرغۇنجان تۇرسۇن، جۇڭگونىڭ پاسپورت قانۇنى ۋەتەنداشلىرىغا 15 كۈن ئىچىدە پاسپورت بېجىرىپ بېرىشنى بۇيرۇسىمۇ، بىراق خەنزۇلار بىلەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئوخشىمىغان ئۆلچەم قويۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

گۈلمىرە ئىمىن ۋە مەمەتجان ئابدۇللا خەلقئارا سۆز ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان گۈلمىرە ئىمىن ۋە مەمەتجان ئابدۇللا 2012‏-يىللىق خەلقئارا سۆز ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان مەزكۇر مۇكاپات، گۈلمىرە ئىمىن ۋە مۇھەممەتجان ئابدۇللاغا ئۇلارنىڭ بېسىم ۋە بۇزغۇنچىلىققا تىز پۈكمەي، سۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش يولىدا بايراقدارلىق رول ئوينىغانلىق سەۋەبىدىن لايىق كۆرۈلگەن.

بۇ يىللىق پىكىر ئەركىنلىك مۇكاپاتى خىتاي دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتايلاردىن بولۇپ جەمئىي 12 كىشىگە بېرىلدى. مۇكاپات ئالغان 12 كىشىدىن گۈلمىرە ئىمىن، مۇھەممەتجان ئابدۇللا قاتارلىق 7 كىشى ھازىرمۇ خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا.