ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-دېكابىردىن 21-دېكابىرغىچە)

0:00 / 0:00

سوتچى غالىب قۇربان ۋەزىيەتكە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان

يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غالىپ قۇرباننىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ يەنە بىر خادىمى غالىپ قۇرباننىڭ ئاز دېگەندە ئالتە ئايدىن بېرى تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، غالىپ قۇربان ئالاقىدار يىغىنلاردا ۋە بېيجىڭدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئۇچراشقاندا «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئېغىر سەلبىي ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.

كومېدىيە ئارتىسى ئادىل مېجىتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە

يېقىندا ئۇيغۇر خەلقىگە بەكمۇ تونۇشلۇق بولغان كومېدىيە ئارتىسى ئادىل مېجىتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ ئۇچۇرلار تارقىلىشقا باشلىدى. بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىدىكى بىرەيلەن ئادىل مېجىتنىڭ قاچان تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىدى.

ئادىل مېجىتنىڭ تۈركىيەدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ 2-نويابىردىن باشلاپ ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئادىل مېجىت بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ھەج قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ قېتىم تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ «قانۇنسىز ھەج قىلىش» باغلىنىپ قالغانلىقىنى ئالغا سۈرمەكتە.

لاگېرغا قامالغان چەتئەل پۇقراسى گۈلباھار جېلىلوۋا ئۆز كەچمىشلىرىنى ئاڭلاتتى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىۋاتقان لاگېرلارغا چەتئەل پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قامىلىشى ھازىرقى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى يەنىمۇ روشەن كۆرسەتمەكتە.

يېقىندا خىتايدىكى لاگېرلاردىن قۇتۇلۇپ چىققان قازاقىستان پۇقراسى گۈلباھار جېلىلوۋا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي لاگېرىدا قانداق روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى گۈلباھار جېلىلوۋانى «تېرورچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن» دەپ لاگېرغا قامىغان ھەمدە ئۇنى «خىتاي پۇقراسى» دەپ ئېلان قىلغان.

خوتەندىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىشلەنگەن كىيىملەرنىڭ ئامېرىكىدا سېتىلىشى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى

يېقىندا ئامېرىكىدىكى داڭلىق تەنتەربىيە كىيىملىرى زاۋۇتلىرىدىن بولغان «باجېر» شىركىتىنىڭ خوتەندىكى «تەيدا كىيىم-كېچەك ھەسسىدارلىق شىركىتى» ئىشلەپچىقارغان بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، «تەيدا» شىركىتى خوتەندىكى لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بەدىلىگە مېڭىۋاتقان بولۇپ، «باجېر» شىركىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر شىركەتتىن بىر قىسىم مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشى خەلقئارانىڭ زور نارازىلىقىنى قوزغىدى. «نيو-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئالاقىدار تەپسىلىي خەۋەرلىرىدە «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر خەلقئارادا تارقالغاندىن كېيىن «باجېر» شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ «تەيدا» شىركىتى بىلەن بولغان بارلىق توختاملىرىنى بىكار قىلغان.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۆمەرجان نۇرى تۇتقۇن قىلىنغان

يېقىندا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا تارىخ پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئۆمەرجان نۇرى ئەپەندى 2017-يىلى 3-ئايدا خوتەن شەھرىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۆمەرجان نۇرىنىڭ ھازىر تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان قىزى سۈبھىدۇر بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ دادىسىنى ئىلگىرىمۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم ئاۋارە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆمەرجان نۇرى ئۇيغۇر تارىخى بويىچە كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان ھەمدە تەرجىمە قىلغان بولۇپ، ئانالىزچىلار «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرۋاقەت ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنى تەقىپ قىلىپ كەلمەكتە» دېدى.

ئۇيغۇرلارغا ياردەم چاقىرىقلىرى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە كۆتۈرۈلمەكتە

ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تۈرلۈك كىرىزىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئاخبارات خەۋەرلىرى ھەمدە ئاممىۋى مۇھاكىمىلەرنىڭ تەسىرىدە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە ئارقىمۇ ئارقىدىن ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلىدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى كورىي گاردنېر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى دەرھال تەدبىر ئېلىپ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىمۇ مەخسۇس تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىردى.

شۇنىڭ بىلەن تەڭلا دېگۈدەك ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «كادىرلار ئۇيۇشمىسى» ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىش مەقسىتىدە ب د ت نىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىغا خەت تاپشۇردى.