مىسىردىن قايتقان ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن
بۇ يىل ياز ئايلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ مىسىردىن يۇرتى كورلاغا قايتىپ كەلگەن ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە گەپ تارقالغان ئىدى. يېقىندا بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى دەلىللەندى.
گۇۋاھچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇسالام مەمەت كورلا شەھىرىدىكى بىر چوڭ مەسچىتنىڭ ئىمامىنىڭ ئوغلى ئىكەن. ياسىنجان بولسا كورلا شەھىرى چاھارباغ يېزىسىدىكى بىر ساقچىنىڭ ئىنىسى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل چەتئەللەردىن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى قولغا ئېلىنغان ھەمدە ئوخشاش بولمىغان قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
«چاقىرىلمىغان مېھمانلار» ئۇيغۇرلارنى ئاۋارە قىلماقتا
يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ ئىجرا بولۇشىغا ئەگىشىپ، يۈزلىگەن خىتاي كادىرلىرى ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرگەنلىكى مەلۇم بولدى.
بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا مىللىي، دىنىي ۋە ئۆرپ-ئادەت پەرقلىرىگە قارىماستىن ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى «مېھمان» دېگەن نامدا كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە ئۆي ئىگىلىرىنىڭ رازىمەنلىكىنى ئېتىبارغا ئالماسلىق قىلمىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بولمىغان ئاۋارىچىلىكلەرنى كەلتۈرۈۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇ خىل زورلۇق خاراكتېردىكى «تۇغقانلىشىش» پائالىيىتىنىڭ ھېچكىمنى «تۇغقان» قىلالمايدىغانلىقىنى ئالغا سۈردى.
ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «چاھارباغ» درامىسى شەرەپ قۇچتى
تۈركىيەدىكى ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى تەشكىللىگەن 2-نۆۋەتلىك «خەلقئارا قورقۇت ئاتا دراما يېزىش مۇسابىقىسى» دە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «چاھارباغ» درامىسى بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.
بۇ درامىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر قىشلاقلىرى دۇچ كەلگەن قىسمەتلەر بايان قىلىنغان. شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆز يۇرتىنى سۆيۈش، ھەرقانچە قىيىن شارائىتتىمۇ ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇماسلىقتەك ئېسىل پەزىلىتى مەدھىيەلەنگەن.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ دراما ئەسىرىنىڭ تۈرك دۇنياسىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ خەلقئاراغا تونۇلۇشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە،» دېدى.
«ۋال سترېت ژۇرنىلى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى خەۋىرى زور غۇلغۇلا قوزغىدى
19-دېكابىر كۈنى ئامېرىكىدىكى ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ بولغان گېزىتلەردىن «ۋال سىترېت ژۇرنىلى» دا ئۇيغۇرلار ھەققىدە زور ھەجىملىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئالقىشلانغان ماقالىلەردىن بولۇپ قالغان.
ماقالىدا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلانغانلىقى ئەڭ يېڭى رەسىم ۋە سىن ماتېرىياللىرى ئارقىلىق تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.
مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ ھال بىزنى ئويغىتىشى لازىم. چۈنكى بۇ بىر زور خەتەردىن بېشارەت بەرمەكتە» دېدى.
«تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بەزى ئەھۋاللار مەلۇم بولدى
يېقىندا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار سولىنىۋاتقان «تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەن نامدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەھۋاللار مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنغان ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارغا كارىۋات يېتىشمىگەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ كىشىلەر ئاخشاملىرى بىر-بىرىگە چاپلىشىپ يانچە يېتىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلارنىڭ «ھۇجۇم تەھدىتى» نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ كىيىملىرىدىكى تۈگمىلەر، كەمەرلەر ۋە ئاياغلارنىڭ بوغقۇچلىرى يىغىۋېلىنغان.
مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ ھال ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ‹يىغىۋېلىش مەركەزلىرى› گە سولانغان يەھۇدىيلارنىڭ تەقدىرىنى ئەسلىتىدۇ،» دېدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا دىنىي چۈشەنچىلەر مۇھاكىمىسى ئېلىپ بېرىلدى
ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، بۇ مۇھاجىرلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇش مەسىلىسى ۋە نېمە ئوقۇشى لازىملىقى ھەققىدە كۆپلىگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
يېقىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، دىنىي ئۆلىمالار ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرى بويىچە بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىشتى.
مۇھاكىمە جەريانىدا بالىلارغا نوقۇل دىنىي تەربىيە بېرىپلا ئۇلارنى پەننىي بىلىملەردىن خەۋەرسىز قويۇشنىڭ بەك خەۋپلىك ھال ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈردى. شۇنىڭدەك ئۆسمۈرلەرنى ھەم پەندە ھەم دىندا لاياقەتلىك قىلىپ تەربىيەلەشنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
0:00 / 0:00