ھەپتىلىك خەۋەرلەر (19-دېكابىردىن 25-دېكابىرغىچە)

0:00 / 0:00

باي ھۇجۇمچىلىرىدىن تەسلىم بولغان گۇماندار تۇرغۇن ئەمەتنىڭ چارۋا مەيدان سېكرېتارىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

خىتاي تاراتقۇلىرى يېقىندا خەۋەر بېرىپ بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىدىن گۇماندار تۇرغۇن ئەمەتنىڭ ئۆز ئائىلىسى تەرىپىدىن ساقچىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن رادىئومىز گۇماندار تۇرغۇن ئەمەتنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى.

يەرلىك دائىرىلەر ئۇنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى ئىزچىل رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ يەرلىك ئاھالىلەردىن بىرى تۇرغۇن ئەمەتنىڭ كانچى يېزىسىغا قاراشلىق چوكاتال چارۋا مەيدان پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمىدىن كېيىن مەزكۇر سېكرېتار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە دېلوسىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر سېكرېتار ئوغلىنىڭ بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمىغا قاتناشقانلىقى شۇنداقلا ھۇجۇم گۇماندارلىرىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە كۆز يۇمغانلىقى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شاھىتلار 1985-يىلىدىكى 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 30 يىللىق خاتىرىسىدە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى

1985-يىلىدىكى 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە 30 يىل تولغان بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىر يەرگە جەم بولۇپ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۇ زور ۋەقەنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدى.

تارىخشۇناسلار بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى خىتايدا كۆرۈلگەن تۇنجى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى شۇنداقلا 1980-يىللاردىكى دۇنيا كوممۇنىزم لاگېرىدا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ دەسلەپكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى، دەپ ھېسابلىماقتا.

19-دېكابىر كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئەينى چاغدا نامايىشقا يېتەكچىلىك قىلغان ۋە قاتناشقان بىر قىسىم شاھىتلار ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلاتتى.

تەشۋىقاتچى قۇربانجان سەمەت بېيجىڭدىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوراق-سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن

ئۈندىدار ۋە فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى قۇربانجان سەمەت بېيجىڭدىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوراق-سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن.

قۇربانجان سەمەتنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئايرىم ئۆيگە ئېلىپ كېرىلىپ سوراق قىلىنىۋاتقان چاغدا تارتىلغان رەسىمى يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالماقتا.

مەلۇمكى، «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابى بىلەن خىتاي تەشۋىقات ساھەسىدىكى داڭدار شەخسكە ئايلانغان قۇربانجان سەمەت بۇ يىل يازدىن بۇيان ئامېرىكا، ياپونىيە، تۈركىيە، مىسىر ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ خىتاي تەشۋىقاتى ئۈچۈن لېكسىيە سۆزلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن دۇمباق چېلىۋاتقان قۇربانجان سەمەتتەك شەخسلەرنىڭمۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوئال- سوراقلىرىغا دۇچ كېلىشى خىتاي ئۈچۈن ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ گۇمان ئوبيېكتى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

ئاتاقلىق تىلچى مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى تۈركىيە ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى

18-دېكابىر كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاتاقلىق شائىر، مەشھۇر جامائەت ئەربابى ۋە يازغۇچى مەرھۇم ئابدۇرېھىم تىلەشۈپ ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى ھەمدە زامانىمىزدىكى يېتۈك تىلچى مىرسۇلتان ئوسمانوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىغا بېغىشلانغان «ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى.

مىرسۇلتان ئوسمانوف ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى ھەققىدىكى مەخسۇس تەتقىقاتلارغا بېغىشلىغان پېشقەدەم تىلچى. ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ھەمدە چاغاتاي تۈركىي تىلى تەتقىقاتى ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن.

مىرسۇلتان ئەپەندى مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى شۇنچە زور ئىلمىي نەتىجىلىرىگە قارىماي، ئۆزىنىڭ مىللىتى ۋە ئىلمىي ساھەدىكى مەجبۇرىيەتلىرى ئۈچۈن تاشلىغان قەدىمىنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تۈركىيەدىكى داڭلىق تۈركولوگ ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن مۇھاكىمە يىغىندا سۆز قىلىپ تىلچى مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

گۇما يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ 50 پىرسەنتى ئاقسۇدىكى بىڭتۇەننىڭ كېۋەزلىكلىرىدە ياللىنىپ ئىشلىمەكتىكەن

ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە يەرسىز قېلىپ بىڭتۇەننىڭ كېۋەزلىكلىرىدە ياللانما ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇشى دىققەت قوزغىماقتا.

بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا، بولۇپمۇ گۇما ناھىيەسىنىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇتلۇقى بىلىنمەكتە.

يېقىندا گۇمىدىكى ئوقۇتقۇچىلار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەۋەلىكتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئەر-ئاياللارنىڭ بىڭتۇەننىڭ كېۋەزلىكلىرىگە كەتكەنلىكىنى، مەكتەپ بالىلىرىنىڭ قارانچۇقسىز قالغانلىقىنى ئاشكارا قىلغان ئىدى.

گۇما ناھىيەسىنىڭ موكويلا يېزىلىق ساقچىخانىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يەرلىكتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەندىكى كېۋەزلىكلەرگە ياللانما ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئېقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قىزىل تارقىلىۋاتقانلىقى مەلۇم

رادىئويىمىزنىڭ ئىلى ئوبلاستىنىڭ قىسمەن جايلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىل دېكابىر كىرىشى بىلەن ئىلى تەۋەسىدە قىزىل تارقىلىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرىمۇ ئالدىنقى كۈنىدىن باشلاپ قىزىلدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش ھەققىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

ئۇقتۇرۇشتا دائىرىلەر رايوندا بۇ يىل قىزىل تارقىلىشنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىنمۇ بالدۇر باشلانغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

مەلۇمكى، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشقان بۈگۈنكى دەۋردە ئۇيغۇر ئېلىدا قايتا كۆرۈلۈۋاتقان قىزىل يۇقۇمى دۇنيا سەھىيە ساھەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.