دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلمەكتە
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەركەتلىرىنى ئىنكار قىلىشى ئەۋجىگە چىقىۋاتقاندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلقلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرى ئۆتكۈزمەكتە.
بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ بولغان مالايسىيادىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسى بۇ نامايىشلاردا ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراقلارنى كۆتۈرگىنىچە شۇ جايلاردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىغا توپلىنىپ، لاگىرلارنى تاقاش ۋە لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قويۇۋېتىش مەزمۇنىدا شوئار توۋلىغان.
بۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى يەنە ھىندىستان، ھىندونېزىيە قاتارلىق كۆپلىگەن جايلاردىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمغا قارىتا دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا ئىكەن.
ئەلى ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكى دەلىللەندى
ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپكە تونۇلغان قاشتېشى سودىگىرى ئەلى ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى يېقىندا رەسمىي دەلىللەندى.
مەلۇم بولۇشىچە، قانۇنلۇق ھالدا شىركەت قۇرۇپ قاشتېشى ۋە ئۆي-مۈلۈك سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ئەلى ئابدۇللا 2016-يىلى قولغا ئېلىنغان. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۈچ قېرىندىشىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، شىركىتىدىكى 48 كىشى بىلەن بىرلىكتە ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئەلى ئابدۇللا ئىلگىرى كۆپ خىل ساھە بويىچە سودا قىلغان بولۇپ، غايەت زور مەبلەغ توپلىغان ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ «ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنسىز سودا قىلغان، دېگىنى پۈتۈنلەي تۆھمەت. خىتايلارنىڭ كۆزىنى قىزارتقىنى ئۇنىڭ تاپقان پۇللىرى،» دېدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى ۋە خوڭكوڭ نامايىشى بارغانسېرى بىرلەشمە تۈس ئالماقتا
ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىدە بولۇۋاتقاندا ئۇنىڭ خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى يەنە بىر مۇھىم ۋەقە بولۇۋاتقان خوڭكوڭ دېموكراتىيە نامايىشى بىلەن بىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ئالقىشقا سازاۋەر بولماقتا.
خوڭكوكدىكى ئايلارچە داۋام قىلىۋاتقان نارازىلىق نامايىشىدا پۇقرالار ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراقلارنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەزمۇنىدىكى پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن شۇنداقلا «ساختا ئاپتونومىيە» نىڭ تەكرارلىنىشى ئەيىبلەنگەن.
خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشىغا جۆر بولغان ھالدا ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ نامايىش تەشكىللەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ھەمدە خوڭكوڭ نامايىشىنى باستۇرۇش ھەركىتىنى ئەيىبلىدى.
تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش چۇقانلىرى يۇقۇرى پەللىگە چىقماقتا
تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر مەلۇم بولۇۋاتقاندا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى كۈچىيىشكە باشلىدى. بۇ پائالىيەتلەردە تۈرك خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە، كونيا قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان تۈرك خەلقى سەپ بولۇپ نامايىش قىلدى ھەمدە «ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان!»، «شەرقىي تۈركىستان يالغۇز ئەمەس!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.
تۈركىيەنىڭ دىنىي ئىشلار ساھەسى، سودا ساھەسى ۋە مەدەنىي-مائارىپ ساھەسىدىمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللاش سادالىرى تۈرلۈك شەكىللەردە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، بەزىلەر بۇنى «تۈرك خەلقى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسىنىڭ يارقىن ئىنكاسى،» دەپ كۆرسەتتى.
ياۋروپا خەلقىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قوزغاشتا نەتىجىلەر قولغا كەلمەكتە
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس قارار ئېلىشى، شۇنىڭدەك پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باياناتى قاتارلىق بىرقاتار ھادىسىلەر تۈپەيلىدىن ياۋروپادىكى ئاۋام خەلقنىڭ شۇنىڭدەك ياۋروپا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى ئېشىپ ماڭماقتا.
ئۆتكەن ھەپتىدە گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھرىدىكى تۈركلەر ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن بولسا گوللاندىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشلىرى مەيدانغا كەلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشلىرى يېقىن ئارىدا ياۋروپادىكى باشقا چوڭ شەھەرلەردىمۇ ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، دۇنيا خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا.
ئىستانبۇلدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
ئۇيغۇرلارنىڭ 11-ئەسىردىكى ئۇلۇغ پەيلاسوپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىقى 21-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى.
يىغىندا ئالىملار ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن پىكىر بايان قىلىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتى، ئۇنىڭ شاھانە ئەسىرى بولغان «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ قىممىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاقلاشتى.
مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەت دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى 2019-يىلىنى «قۇتادغۇ بىلىگ» دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 950 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىلى، دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى پائالىيەتلەر باشقا جايلاردىمۇ كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلگەن.