ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 9 - فېۋرالدىن 15 - فېۋرالغىچە)


2008.02.15

"ياۋا كەپتەر" ناملىق ھېكايە كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىندى

ياش ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمەمەت ياسىننىڭ 2004 - يىلى قەشقەر ئەدەبىياتىنىڭ 5 - سانىدا ئېلان قىلغان ياۋا كەپتەر ناملىق ھېكايىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئەسەر ئاپتورى نۇرمۇھەممەت ياسىنغا توققۇز يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن، "ياۋا كەپتەر " ئېنگىلىز، خىتاي تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.

يېقىندا مەزكۇر ئەسەر تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ژۇرنالىست مۇھەممەد ئىمىن باتۇر تەرىپىدىن تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىزچە ۋە تۈركچە نۇسخىسى جەملىنىپ بىر كىتاب شەكلىدە نەشىر قىلىنغان.

ئۈرۈمچىدە خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

خوڭكوڭدا چىقىدىغان " يۇلتۇزلۇق ئارال" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدە خىتاي ساقچى كۈچلىرى بىلەن ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسەتكۈچلىرى ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 18 ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەن، خىتاي ساقچىلىرىدىن ئىككى نەپىرى ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خوڭكوڭدىكى "يۇلتۇزلۇق ئارال" گېزىتىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە مەزكۇر قوراللىق توقۇنۇشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى 13 - فېۋرال كۈنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن توقۇنۇشتا ساقچىلارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. خەۋەردە ۋەقەنىڭ 4 - فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ بەخت يولى باغچىسى ئاھالىلار رايونىدا يۈز بەرگەنلىكى، بەخت يولى ساقچى پونكىتىدىكى خادىملارنىڭ ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

لېكىن، ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرى رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغان ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەتبۇئاتلاردىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

يەنە بەزى خەۋەرلەردە ۋەقەنىڭ شۇ جايدىكى باغچىدا يۈز بەرگەنلىكى، ساقچىلارنىڭ باغچىغا توپلانغان ئۇيغۇرلارغا ئوق چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

يېقىندا يېڭىسار ناھىيىسىدىن ئىچكىرىگە ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەنلەر 600 گە يەتكەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەپ ئىشلىتىش ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا. يېقىندا يېڭىسار ناھىيىسىدىن 600 دىن ئارتۇق قىزنى ئاساس قىلغان ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەپ ئېلىپ بېرىپ ئىشلىتىشكە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىگىلىنىشلەرگە قارىغاندا، بۇنداق يۆتكەشتە مەجبۇرلاش ھەمدە ئۇيغۇر ئىشچى قىزلىرىغا تۆۋەن ھەق بېرىپ، كۆپ ئىشلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار سادىر بولغان ئىكەن. بۇ مەسىلە خەلقئارالىق ئەمگەك تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا.

ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى توم لانتوس ئەپەندى ۋاپات بولدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرىنىڭ بىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى توم لانتوس ئەپەندى، 11‏ - فېۋرال كۈنى، 80 يېشىدا ۋاپات بولدى. توم لانتوس ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسى ئۈچۈن زور يوقىتىش ھېسابلاندى. ئامېرىكا رەھبەرلىرىمۇ توم لانتوس ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.

توم لانتوس ئەپەندى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە بولۇپمۇ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلگەن سىياسەتچى بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن ئازات قىلىنىشىدا كۆپ كۈچ چىقارغان شۇنىڭدەك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئېلىنغان ھەر خىل قارار لاھىيىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان ئىدى. ئۇ، 2006 - يىلى مارت ئېيىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارغا زور ئىلھام بەرگەن ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ ئۇنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

توم لانتوس گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ يەھۇدىيلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىدىن ساق قالغان كىشى بولۇپ، ئۇ كېيىن ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇپ، ئاخىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە داڭلىق ئىنسان ھوقۇقى ئەربابىغا ئايلانغان ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاق ساراي ئالدىدا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزدى

بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ۋاقىت قەرەلى يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى بېسىمىغا ئۇچرىماقتا.

دۈشەنبە كۈنى يەنى 11 - فېۋرال كۈنى ئامېرىكا پايتەختىدىكى پرېزىدېنت بۇشنىڭ تۇرالغۇ جايى ئاق ساراي ئالدىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلىكى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلار يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بەرگەن ئىنسان ھوقۇقىنى ياخشىلاش ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى ھەمدە پرېزىدېنت بۇشتىن بۇ تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنسان ھوقۇقىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ توغرىسىدا پرېزىدېنت بۇشقا مەكتۇپ يوللاپ، خىتايدىكى ئىنسان ھوقۇقىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھوللىۋۇد رېژىسسورى ئولىمپىكقا بايقۇت ئېلان قىلدى

ئامېرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق كىنو مەركىزى ھوللىۋۇدنىڭ ئاتاقلىق رېژىسورلىرىدىن بىرى ستۋېن سپىېلبېرگ ئەپەندى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ سەنئەت مەسلىھەتچىلىكىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغالغان ئىدى.

بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، سپىېلبېرگ ئەپەندى باياناتىدا خىتاينىڭ دارفۇر مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوينىغان رولىنى ئەيىبلىگەن. ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ سەۋەبتىن سەنئەت مەسلىھەتچىلىكىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ 14 - فېۋرال كۈنى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، "دارفۇر مەسىلىسى بىلەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىر - بىرىگە چېتىۋېلىش ئولىمپىك روھىغا خىلاپ،" دەپ بىلدۈردى.

يۇقىرقىدىن باشقا يەنە سەيشەنبە كۈنى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر قانچە داڭلىق ئەرباب خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئوچۇق خەت يېزىپ، دارفۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خىتاينىڭ رول ئوينىشىنى تەلەپ قىلدى شۇنىڭدەك خىتايدىكى ئىنسان ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.