ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13-مايدىن 19-مايغىچە)
2017.05.19
خوتەن ساقچىلىرى چەكلەنگەن ئىسىملارنى ئۆزگەرتىش ئوبيېكتىنىڭ 16 ياشتىن تۆۋەنلەرگە قارىتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بىر قىسىم مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى چەكلىگەنلىكى ئۆتكەن ئايدىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلاردا مۇنازىرە تېمىسى بولغان ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەر يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ساقچىخانىلارغا بېرىپ، ئىلگىرى بالىلىرىغا قويۇۋالغان بىر قىسىم سەزگۈر مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلغان.
خوتەننىڭ ئىلچى ساقچىخانىسىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نۆۋەتچى ساقچى «چەكلەنگەن ئىسىملارنى ئۆزگەرتىش» ئوبيېكتىنىڭ 16 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا قارىتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى دىققەت قوزغىماقتا
چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلغان يېرىم يىلدىن ئارتۇق جەرياندا ئۇنىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن بىر يۈرۈش قاتتىق قول سىياسەتلىرى دىققەت قوزغىماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ساقچىخانىلارنىڭ دەلىللىشىچە، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي تەدبىرلىرىنىڭ بىرى شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە ساقچى تورى بىلەن زەنجىرسىمان تەكشۈرۈش پونكىتلىرى بەرپا قىلىپ، يەرلىك خەلقنى ئىسكەنجىگە ئېلىش بولغانلىقى مەلۇم.
كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلار چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتى رايوندا مۇقىملىقنى ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ زور قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ ھېسابلىماقتا.
ئۇيغۇر ئۆلىمالار «قۇرئان كەرىم» نىڭ 2012-يىلدىن ئاۋۋالقى تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ چەكلىنىشى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى
ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزنىڭ پەيزىۋاتتىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا «قۇرئان كەرىم» نىڭ 2012-يىلىدىن ئاۋۋالقى تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دىنىي ئۆلىمالار رادىيومىز ئارقىلىق بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى ۋە ئاتېئىست خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرىغا بولغان سۇيىقەستىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئۇيغۇرچە يېڭى تەرجىمىسىدە بىر تەرەپتىن ئايەتلەردىكى ئۇقۇملار مۈجىمەللەشتۈرۈلگەن ۋە ئۆزگەرتىلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەرجىمانلار گۇرۇپپىسىدىكى كىشىلەرنىڭ سالاھىيەتسىز، ھەتتا سەلبىي تەسىرلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىشى خەلقئارا ئاخباراتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2016-يىلى 6-ئايدا ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر پاسپورتقا ئىلتىماس قىلسا، ئۇنىڭ DNA قاتارلىق بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى كەڭ كۆلەمدە يىغىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
بۇ خەۋەر دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە قىزىققۇچى كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ ئەندىشىسىنى قوزغىدى. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ۋېي جىڭشېڭ: «مەلۇم بىر مىللەتنى نىشان قىلىپ، ئۇلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىش ئىرقچىلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر» دېدى.
د ئۇ ق «2016-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 17-ماي كۈنى «2016-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
30 بەتلىك بۇ دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە دىنىي ۋەزىيىتى شۇنداقلا خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ئەمەلىي مىساللار بىلەن شەرھلەنگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنى يېقىندا جەنۋەدە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدىكى مەخسۇس يىغىنغا توغرا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىلى سۇلارى» ناملىق شېئىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 1940-يىللاردىكى تارىخىي مىللىي تراگېدىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن
«ئىلى سۇلارى» - ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 20-ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنمىغان نادىر شېئىرلىرىنىڭ بىرى.
بۇ شېئىر ئۆزىنىڭ بەدىئىي گۈزەللىكى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى 1940-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈك ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىشى تۈپەيلى يۈز بەرگەن تارىخىي مىللىي تراگېدىيەسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكى بىلەنمۇ مۇھىم قىممەتكە ئىگىدۇر.
تۈركىيەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ھۈليا خانىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىرىي ئىجادىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنى «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردىكى بۈيۈك مىللىي شائىرى» دېدى.