د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر يېڭى يىلنى تەبرىكلىدى
ھەر قايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 2009 - يىلىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ يېڭى يىلنى يېڭى قەدەم بىلەن باشلىدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى 31 - دېكابىر كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتون يېنىدىكى فائىرفاكس شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە 2009 - يىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خۇشاللىق ۋە نەتىجىلىك يىل بولۇشى، جۈملىدىن خەلقئارا سەھنىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىدە تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بولۇشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى يېڭى يىل بىلەن قۇتلۇقلىدى ھەمدە ئۆز تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى
مەركىزى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 30 - دېكابىر كۈنى 2008 - يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا پۈتۈن يەر شارىدا ئۆتكەن بىر يىلدا 60 نەپەر ژورنالىستنىڭ خىزمەت تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاي، سۈرىيە، ئىران، بىرما قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىنتېرنېت تورىدىن تارقىتىلىۋاتقان ئاخباراتنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى دەرىجىدە كونترول قىلىشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەندىن سىرت، 2008 - يىلى 38 مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى توغرىسىدىكى زىيارەت خەۋەرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى شۇنىڭدەك 31 نەپەر ئىنتېرنېت يازغۇچىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ۋە تەھدىتگە ئۇچرىغانلىقى، بولۇپمۇ ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن " ساخاروف " ئەركىنلىك مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلەنگەن خىتاي ئۆكتىچىسى خۇ جيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 نەپەر دېموكراتىيە پائالىيەتچىسىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى قەيت قىلىنغان.
مەھمۇت قەشقەرى ئۆز يۇرتىدا خاتىرىلەندى
مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ ئۇنىڭ 1000 يىللىقى ۋە خەلقئارا مەھمۇت قەشقەرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن 27 - دېكابىر كۈنى قەشقەردىكى بىر گۇرۇپپا زىيالىيلار خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئاممىۋى پائالىيەت شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنى قەشقەر "بىلكەنت تىل تەربىيە مەركىزى" بىلەن "ئەسىرىم شېئىرىيەت مۇنبىرى" ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەت نۇرلان تېز تاماقخانىسىدا بولۇپ ئۆتكەن.
"خاتىرىلەش پائالىيىتىگە زىيالىيلار ۋە پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 200 دەك ئادەم قاتناشتى. پائالىيەتكە يەنە ھۆكۈمەتنىڭ نەشرىيات، سەنئەت ساھەسى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك گېزىتخانىدىكى بىر قىسىم رەھبەرلەر ئۆز شەخسىي نامىدا قاتناشتى.
بۇ پائالىيەت دۆلەت ئىچىدىكى رەسمى يىغىن تۈسىنى ئالمىغان. مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەتكە يەنە قەشقەر رايونىدا ياشاۋاتقان نامدار زىيالىيلار ھەم شائىرلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.
ئۈرۈمچىدە نەشىر بۇيۇملىرى ئۈستىدىن تازىلاش ئېلىپ بېرىلدى
ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق ھۆكۈمىتى، ئۆز رايونى تەۋەسىدە نەشر بۇيۇملىرىغا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھېيت - بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تازىلاشتا يىغىۋېلىنغان نەشر بۇيۇملىرى 8 مىڭ پارچىغا يېتىدىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىۋېلىنغان نەشر بۇيۇملىرى ئىچىدە 2700 پارچە، "قانۇنسىز" ئۈن - سىن پلاستىنكىسى، 3400 پارچە "قانۇنسىز" كىتاب، 1800 پارچە تەشۋىقات ۋارىقى بار ئىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تەڭرى تاغ رايونى، سايباغ رايونى ئۇيغۇر قاتارلىق خەنزۇ ئەمەس مىللەتلەر نوپۇسى كۆپ ئولتۇرۇشقان جايلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايلاردا ئۇيغۇرلار ئاچقان كىتابخانىلارمۇ بار. لېكىن خەۋەردە يىغىۋېلىنغان نەشىر بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇر تىل - يېزىقىدىكىلىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى يېزىلمىغان.
تۈركىيىدە زەينۇرە ئەيسانىڭ يېڭى كىتابى نەشىر قىلىندى
يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەت' ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نەشرىياتچىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئالىملىرى، ئەدىبلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرگە سۇنماقتا.
ئەلۋەتتە، بۇ جەھەتتە قازاقىستان ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. يېقىندا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ياۋرو - ئاسىيا تەلىم - تەربىيە ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋەخپى تارمىقىدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان شاھىرە زەينۇرە ئەيسانىڭ "تارىم قىزى" ناملىق يېڭى شېئىر توپلىمىنى نەشىر قىلىپ تارقاتتى.
بۇ توپلامغا شائىرەنىڭ 150 شېئىرى كىرگۈزۈلگەن، بۇ كىتاب 170 بەت بولۇپ، مەزكۇر كىتابتىكى شېئىرلارنىڭ كۆپى تۈركچىگە، بەزىلىرى نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. زەينۇرە ئەيسا 70 - 80 - يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدا تونۇلغان شائىرلارنىڭ بىرى ئىدى.