خىتاي يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە ئېلىپ ماڭدى
خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى 7 - يانۋار يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە ئېلىپ ماڭدى. شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەت ئېلىپ مېڭىلغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيىسى ئوپال يېزىسىدىن ئىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەت جەمئىي 500 نەپەر ئۇيغۇر قىزى، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ۋە شەندۇڭ ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلغان. ئەمما خەۋەردە بۇ قىزلارنىڭ كونكرېتنى قايسى زاۋۇتلارغا ئېلىپ مېڭىلغانلىقى ۋە بۇ قىزلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا قانداق خىزمەتلەرگە سېلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.
شېنجېندا بىر ئۇيغۇر كۈتكۈچى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، شېنجېن ۋەزىيىتىدە جىددىيلىك كېلىپ چىققان
شېنجېندا بىر ئۇيغۇر كۈتكۈچى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، شېنجېن ۋەزىيىتىدە جىددىيلىك كېلىپ چىققان. جەنۇبى خىتاي سەھەر گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ۋەقەنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان 26 - ئىيۇن شاۋگۇئەن ۋەقەسىنىڭ تەسىرى تېخى تۈگىمىگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكى بۇ خىل جىددىيلىكنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئالاھىدە سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
چارشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن، بىر قىسىم خىتاي خېرىدارلار شېنجېن شەھىرى فۇتيەن رايونىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا بىر ئۇيغۇر كۈتكۈچىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىدى.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن يەرلىك ساقچى ئورگانلىرى فۇتيەن رايونى ئەتراپىدىكى مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىكى تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن ھەمدە ۋەقە يۈز بەرگەن رېستوران ئالدىدىكى دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلاپ كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرغان.
يېڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇ قاتىللىق گۇماندارلىرى شېنجېن شەھىرىدىكى خئۇڭتەيدﯤ مال - مۈلۈك شىركىتىنىڭ ئامانلىق قوغداش خادىملىرى ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم تاقىۋېتىلگەن تور بەتلىرى ئېچىلىشقا باشلىدى
خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا تاقىۋەتكەن بىر قىسىم تور بەتلىرىنى ئېچىشقا باشلىدى. تەڭرىتاغ تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بىر قىسىم ھۆكۈمەت ۋە خەۋەر تورلىرى 10 - يانۋاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە چەكلىك دائىرىدە ئېچىلىشقا باشلىغان.
خەۋەردە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: "ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە ئويلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون، "خەلق تورى" ۋە "شىنخۇا تورى" نى 10 - يانۋاردىن باشلاپ ئېچىشىنى قارار قىلدى."
ئۇنىڭدىن باشقا خەۋەردە يەنە، "تەڭرىتاغ تورى " نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە بەتلىرىنىڭ خىتاي سىرتىدىمۇ ئېچىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇيغۇر ئېلىنى ئىنتېرنېت ئالاقىسىدىن ئۈزۈۋەتكەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە ئۇرۇلىدىغان خەلقئارالىق تېلېفونلارنى چەكلىگەن ئىدى.
ياپونىيىدە "5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئەمەلىيىتى" ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى
يېقىندا ياپونىيىدە "5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئەمەلىيىتى" ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى. بۇ كىتاب، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى تەرىپىدىن ياپون تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، يېقىندا ياپونىيىدىكى "تاكىراجىما نەشرىياتى" تەرىپىدىن 15 مىڭ تىراج بىلەن نەشردىن چىقتى.
ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى كىتابىدا، ئۆزىنىڭ خىتايدا ئۆتكەن 30 نەچچە يىللىق ھايات سەرگۈزەشتىلىرى بىلەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلىش ئارقىلىق، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان.
ئەركىنلىك سارىيى: ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇش سىياسىتى 2009 - يىلى چېكىگە يەتتى
باش شتابى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقان "ئەركىنلىك سارىيى" يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىك دەرىجىسىنى باھالاپ چىقتى.
دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009 - يىلى جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ھەرخىل چەكلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغانلىقى ۋە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى" نى قاتتىق باستۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنغان قىسمىدا، "ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزۇندىن بېرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ نوپۇس قاتلىمىنى ئۆزگەرتىش ۋە شىنجاڭدىكى دىنىي ئەركىنلىكنى قاتتىق بوغۇش سىياسىتى، 2009 - يىلىغا كەلگەندە، بۇ رايوندا مىللىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىي غايىب بولۇشى، نەچچە رەت ئېلىپ بېرىلغان ئۆلۈم جازالىرى ۋە چىڭىتىلغان ئىنتېرنېت چەكلىمىسى قاتارلىقلار بىلەن چېكىگە يەتتى " دېيىلگەن.
خەلقئارالىق خەۋەرلەر
بۇ ھەپتە جەريانىدا دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن مۇھىم خەلقئارا خەۋەرلەر بولسا، بۇ ھەپتە ئىنتېرنېت شىركىتى گوگۇلنىڭ خىتايدىن چىقىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىمنىڭ خىتاينى سىياسىي ئېچىۋېتىشكە چاقىرغانلىقى ۋە كارىب دېڭىزىدىكى دۆلەت ھايتىدا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىدۇر.
گوگۇل شىركىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئابۇنىتلىرىنى نازارەت قىلىشنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقى، ئەگەر خىتاي بۇنىڭغا قېتىلمىسا شىركەتنىڭ خىتايدىكى تىجارىتىنى توختىتىپ، ئىشخانىلىرىنى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، ئىنتېرنېت خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى داۋاملاشقان تەقدىردە، گوگۇل خېرىدارلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقى، بۇنداق ئەھۋالدا تىجارەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ، گوگۇل شىركىتىنىڭ ئەخلاقى پرىنسىپلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
گوگۇلنىڭ بۇ قارارى دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، بولۇپمۇ پىكىر ئەركىنلىكى قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
گوگۇلنىڭ بۇ قارارى يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن فرانك ۋولف كىرستوفېر سىمىت قاتارلىقلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن.
نۆۋەتتە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيىلەردە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي شتاتىدىكى تەتقىقات ئورنى: "شەرق-غەرب مەركىزى" دە سۆز قىلىپ، خىتاينى سىياسىي ئېچىۋېتىشكە چاقىردى.
خىتاينىڭ قوشنا ئەللەر شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشى 21 - ئەسىردە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن كلىنتون خانىم خانىم: " بىز خىتاينىڭ سىياسىي ساھەدە تېخىمۇ كۆپ ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بىز يەنە، تېخىمۇ كۆپ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن ئومۇميۈزلۈك بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز،" دېدى.
12 - يانۋار، كارىب دېڭىزىدىكى دۆلەت ھايتى جۇمھۇرىيىتىدە يەرلىك ۋاقىت 21 دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە 7.3 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەشتە، تەخمىنەن 3 مىليون ئادەم يەنى ئاز دېگەندە بۇ دۆلەتتىكى 9 مىليون نوپۇسنىڭ 3 تەن بىر قىسمى ئاپەتكە ئۇچرىدى.
يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئادەم سانى 100 مىڭ ئەتراپىدا دەپ تەخمىن قىلىنماقتا. ھايتىنىڭ پايتەختى پورت ئاۋ پرىنسى شەھىرىدە ئاساسى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. ئىنتېرنېت، تېلېفون ياكى يانفون قاتارلىق ئۇچۇر - ئالاقە ۋاسىتىلىرى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.
ھازىر بۇ دۆلەتكە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەر ياردەم قولىنى سۇنماقتا.