خىتاي يانفون ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاشنى چەكلىك دەرىجىدە يولغا قويدى
خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە، 17 - يانۋاردىن باشلاپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە چەكلىك دائىرىدە يانفون ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش مۇلازىمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرىنى قەدەممۇ - قەدەم ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرچە ئۇيغۇر ئېلى دائىرىسىدىكى يانفون ئىشلەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قىسقا ئۇچۇر يوللىسا بولىدىكەن، ئەمما چەتئەللەرگە ئۇچۇر ئەۋەتىش يەنىلا چەكلەنگەن.
ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى 60 مىڭغا يەتكۈزۈلمەكچى
خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر بىخەتەرلىك كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، 60 مىڭغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى پىلانلىغان.
"جۇڭگو خەۋەر تورى" يېقىندا تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، 2010 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىخەتەرلىك كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى60 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىكى ھەر قايسى يول ۋە كوچا ئېغىزلىرىنىڭ، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ، پۇقرالار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ھەممىسىگە ئاپپارات ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 24 سائەت كۆزىتىش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دائىرىلەر 2009 - يىلى 11 - ئايغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى ئاممىۋى سورۇنلار ۋە پۇقرالار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ئاز كەم 47 مىڭ دانە بىخەتەرلىك كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان. پىلانغا ئاساسەن بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر يەنە 13 مىڭ دانە ئاپپارات ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسمى سىبىرىيىدىن كېلىدىغان سوغۇق ئېقىمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسمىدا قار ئاپىتى يۈز بەردى. ئاپەتتە 5 ئادەم ئۆلدى ۋە 1 مىليون 250 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە يولۇقتى. ئاپەت ئالتاي ۋە چۆچەك ۋىلايىتى قاتارلىق رايونلاردا بىر قەدەر ئېغىر بولغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى ھاۋارايى ئىدارىسى خادىمى ۋېي رۇڭچىڭ، بۇ نۆۋەتلىك شىۋىرغاندا 100 مىڭ ئەتراپىدا ئۆي ئۆرۈلگەنلىكىنى ياكى ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ھەمدە 15 مىڭ ئەتراپىدا چارۋا مال ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 43 سېلسىيە گرادۇسقا چۈشكەن. 450 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىيان بولغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى يېڭى پائالىيەتلىرىنى باشلىدى
ئامېرىكىدا "ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى" قۇرۇلدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كومىتېت ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم، مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى قۇرۇلغان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ھەمدە تەشكىلاتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەت پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئىككى ئۇيغۇر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە 'ئەجدىھا' سودا سارىيىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەندى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە چىقىدىغان The National گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئابۇدابىدە ئىككى ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئېچىلغان. سوتتا بۇ ئىككى ئۇيغۇر "شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ۋە تېررورچى" دەپ ئەيىبلەنگەن.
ئەيىبنامىدا، بۇ ئىككى گۇماندارنىڭ ئابۇدابى شەھىرىدىكى "ئەجدىھا" ناملىق خىتاي ماللىرى بازىرىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى بايان قىلىنغان. سوتتا ئىككى ئۇيغۇر ئەيىبنامىنى رەت قىلغان ۋە ۋەقە ھەققىدىكى ئىقرارنامىسىنى قىيىن - قىستاق نەتىجىسىدە مەجبۇرلانغان ھالدا يازغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى ۋە قاچان قولغا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنمىغان. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى نەپەر گۇماندارنىڭ بىرى 31، يەنە بىرى 35 ياش. ئەجدىھا ناملىق سودا سارىيى خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئەڭ چوڭ سودا مەركەزلىرىدىن بىرىدۇر. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى سوتتا مەھكۇملار پەقەتلا ئەيىبلەنگەن، تېخى ھۆكۈم چىقمىغان.
خىتاي دائىرىلىرى خۇبېيدىكى 2 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى ئاخباراتتىن يوشۇرماقتا
دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇ شۈﯤ شەھىرىدە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.
ۋەقەدە شۇ كۈنى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوغرىلىق گۇمانى بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا بىر نەپەر ئۇيغۇر نەق مەيداندا، يەنە بىرى دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، يېقىنلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، تەجرىبە - ساۋاقلىرىغا ئاساسەن ۋەقەنىڭ ئۈرۈمچىگە ۋە دۇنياغا ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا.
"خىتاينىڭ ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون لىنىيە مۇلازىمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى يالغان"
خىتاي ھۆكۈمىتى، 20 - يانۋار يېرىم كېچىدىن كېيىن، خەلقئارالىق ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون مۇلازىمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ھالبۇكى، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى دەلىللەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە ئۇرغان بارلىق تېلېفونلىرى جاۋابسىز قالدۇرۇلدى.
خىتاي دائىرىلىرى 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن مۇقىملىق "نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلىغان ئىدى.
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى
گېرمانىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان گۇيدو ۋېستېرۋېل 16 - يانۋار ئۆزىنىڭ تۇنجى خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، گۇيدو ۋېستېرۋېل ئۆزىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە ياڭنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشىمىغان پىكرى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما، خەۋەردە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى قاتارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تەكىتلەنگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات يوق.
ھايتى ھۆكۈمىتى يېڭىدىن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئادەم سانى 200 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن
ھايتى ھۆكۈمىتى يېڭىدىن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ نۆۋەت ھايتىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەن ئادەم سانى 200 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
12 - يانۋار، كارىب دېڭىزىدىكى دۆلەت ھايتى جۇمھۇرىيىتىدە 7 بالدىن دىن يۇقىرى يەر تەۋرەپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆي ماكانسىز قالغاننىڭ ئۈستىگە، دەسلەپتە 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
خەلقئارا جەمئىيەت ھايتى ھۆكۈمىتىگە جىددىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەر ئاللىقاچان ھايتىغا ياردەم ئەسلىھەلىرى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى ئەۋەتىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يېڭى دوكلاتى
مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى -- "كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى" دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا 2009 - يىلى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۈزلۈكسىز دەپسەندچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى ياقلايدىغان ئاممىۋى گۇرۇھلار ۋە شەخسلەر ئۈزلۈكسىز زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان كونتروللۇقنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
612 بەتلىك دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت پاراگرافى ئاساسەن 2009 - يىلى يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" گە ئاجرىتىلغان.
دوكلاتتا، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان دۆڭكۆۋرۈك ۋە بەيگە مەيدانىنى پۈتۈنلەي قورشاپ، كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ئېلىپ بارغانلىقى، ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئاساسلانغاندا، بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ بۇ ئىككى مەھەللىدە ئۇيغۇر ياشلارنى ۋە بالىلارنى ئاختۇرغانلىقى، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ 20 ياشلاردىكى يىگىتلەر، ئەڭ كىچىكىنىڭ 14 ياشلاردىكى ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكى، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر داۋاملاشقانلىقى، لېكىن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانىنىڭ مەلۇم ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن.