ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن، 2 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە خەلقئارا قانۇن بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى 2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىدە باشلىنىپ، 23 - ئاپرىل كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
مەزكۇر كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، بارلىق يىغىن قاتناشچىلىرىنى تەبرىكلىدى ھەمدە مەزكۇر پائالىيەتنى قوللىغان ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى ۋە باشقا ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىۋاتقان ياردەملىرىگە رەھمىتىنى ئىزھار قىلغان.
بۇ كۇرس جەريانىدا خەلقئارا تونۇلغان بىر قىسىم غەربلىك ئىنسان ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى لېكسىيە ئوقۇغان بولۇپ، ياۋروپا ھەم ئوتتۇرا ئاسىيانى ئوز ئىچىگە ئالغان 13 دۆلەتتىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان.
رابىيە قادىر خانىم باشلىق كۇرس قاتناشقۇچىلىرى، 23 - ئاپرىل كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ گېرمانىيىدىكى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە گېرمانىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلغان. مەزكۇر كۇرسنىڭ تۇنجى قېتىمقىسى 2007 - يىلى 6 - 11 - ماي كۈنلىرى گوللاندىيىنىڭ خاگ ۋە بېلگىيىنىڭ بريۇكسېل شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
ئۇيغۇرلار گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھرىدە نامايىش ئۆتكۈزدى
2 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەم بىر قىسىم غەربلىكلەر 2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كۇرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىدىكى تارىخى مەيدانىدىكى براندەنبۇرگەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.
مەزكۇر نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان. بۇ پائالىيەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر، ئىتالىيە پارلامېنت ئەزاسى ماركو پەردۇكا ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش سېكرىتارى مارىنو بۇسداچىن قاتارلىق ئاتاقلىق ئەربابلارمۇ بار.
ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، ئۇيغۇرلارغا دېموكراتىيە، ئۇيغۇرلارغا ئىنسان ھەقلىرى دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان ھەمدە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن. رابىيە قادىر خانىم ۋە ئىتالىيە پارلامېنت ئەزاسى پەردۇكا قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن.
ئاۋسترالىيىدە ئۇيغۇرلار ئولىمپىككە قارشى نامايىش
ئاۋسترالىيە پايتەختى كانبېررادا 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى پەيشەنبە يەنى 24 - ئاپرىل كۈنى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ پائالىيەت ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە باشقا ئىنسان ھوقۇقى ھىمايىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلدى.
نامايىشتا ئادالايد، سىدنېي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 150 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قوللىرىدا كۆك بايراق كۆتۈرگەن ھالدا شوئارلارنى توۋلاشتى. ئۇلارنىڭ يېنىدا 8000 دىن ئارتۇق خىتاي نامايىشچى بولۇپ، ئۇلار بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى قوللىغۇچىلار سۇپىتىدە ئوز دۆلىتى خىتاينى قوللايدىغان شوئارلار توۋلاشتى.
نامايىش جەريانىدا بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ بەزى ئەزالىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، بىر خىتاي ۋە ئۇيغۇر تەرەپتىن يارىلانغانلار بولدى. بىراق، ئۇيغۇر نامايىشچىلار سانىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي، خىتاي نامايىشچىلارنىڭ ھەيۋىسى ۋە تەھدىت سېلىشلىرىغا پىسەنت قىلماي، نامايىشنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن.
خىتاي دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلدى
خەلقئارا جەمىيەتنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىشكە رازىلىق بىلدۈرگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ شىنخۇانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، "دالاينىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە كۆپ قېتىملىق سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلىپىگە بىنائەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى يېقىنقى كۈنلەردە دالاينىڭ خۇسۇسىي ۋەكىلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ" دېيىلگەن.
دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىش مەسىلىسىنى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىر قانچە قېتىم تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ غەربنىڭ تىبەت سىياسىتىدە خىتايغا تۇتقان مەيدانىغا ئايلانغان ئىدى.
دالاي لاما ئوتتۇرا يولنى تاللىغان بولۇپ، ئۇ تىبەتكە مۇستەقىللىق ئەمەس بەلكى ئالىي مۇختارىيەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىزچىل ئىزھار قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما، خىتاي ئۇنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ھەتتا 14 - مارتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تىبەتلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىمەكتە ئىدى.