ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24 - ئاپرېلدىن 30 - ئاپرېلغىچە)

0:00 / 0:00

ۋاڭ لېچۈەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

خىتايدا دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى 16 يىلدىن بېرى سوراپ كەلگەن ۋاڭ لېچۈەننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن سەپلەنگەن.

ۋاڭ لېچۈەن 1994 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە باش سېكرېتار قىلىپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ۋەزىپە تۇتۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇ ۋەزىپە تۇتۇش جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە 1997 - يىلى بىر قېتىم ۋە 2009 - يىلى بىر قېتىم زور قارشىلىق نامايىشى يۈز بەردى. ھالبۇكى، ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ئىككى قېتىمقى نامايىشلىرىنى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ قاتتىق باستۇرۇپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى قارا -قويۇق تۈرمىگە تاشلىغان.

2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىدا خىتاي دائىرىلىرى 200 گە يېقىن خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئىككى كۈندىن كېيىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا توپلىشىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئاخباراتتىن يوشۇرغان ۋە بۇ كۈنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانىنى ئېلان قىلمىغان ئىدى.

ۋاڭ لېچۈەن بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا مۇئاۋىن سېكرېتار قىلىپ يۆتكەلگەن. بۇ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

نۇر بەكرىنىڭمۇ ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىنى 16 يىل سورىغان ۋاڭ لېچۈەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرىنىڭمۇ ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خوڭكوڭدىن چىقىدىغان "مىڭپاۋ گېزىتى"دە كۆرسىتىشىچە، خىتاي مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئايدا چاقىرىلىدىغان "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككىنچى قېتىملىق كادىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىكەن. يىغىندىن كېيىنكى كادىر ئالماشتۇرۇشتا نۇر بەكرى يۆتكەپ كېتىلىپ، مىللىي ئىشلار كومىتېتىغا مۇدىر قىلىپ تەيىنلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. نۇر بەكرى يۆتكەپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ۋەزىپە تۇتۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇئاۋىن رەئىسلەردىن بىرى تاللىنىپ رەئىس قىلىپ بېكىتىلىدىكەن.

نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئېلىدا رەئىس قىلىپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، "قوش تىل مائارىپى سىياسىتى" نى ئاكتىپ يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنى خىتاي تىلىدىكى مەكتەپلەرگە قوشۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. "ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى" نامىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان رەئىسلەرنىڭ بىرى ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم "ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى" ناملىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 'ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى' ناملىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى ئۈچۈن 26 - چېسلا چۈشتىن كېيىن نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلوغا يېتىپ كەلدى.

26 - ئاپرىل شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا، كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى، بۇ يىغىننىڭ باش تەشكىللىگۈچىسى تھور خالۋورسسېن رابىيە قادىر خانىمنى مېھمانلارغا ئالاھىدە تونۇشتۇرۇپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ جاسارىتى ۋە ئۆز خەلقى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەنلىكىنى، رابىيە قادىر خانىمنى ۋە ئۇيغۇرلارنى مەڭگۈ قوللايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى ناملىق بۇ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى باش شىتابى نيۇيوركتىكى "كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى" تەرىپىدىن ئۇيۈشتۇرۇلغان. بۇ قېتىمقىسى پايتەخت ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن 2 - قېتىملىق يىغىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى

مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى، ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيىدە ئېچىلغان، خەلقئارا تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت يىغىنىغا قاتنىشالمىغانلىقى سەۋەبى بىلەن ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى.

ئىلھام توختى خېتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى خىتاينىڭ قانۇنلۇق پۇقراسى دەپ ئېتىراپ قىلغان تۇرۇقلۇق ئۆز ئاساسىي قانۇنلىرىغا خىلاپ ھالدا، ئۇنى نورمال بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، چېگرىدىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئىلھام توختى خېتىدە، خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمە، نىزاملاردىن مىسال ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

ئىلھام توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ تۈركىيىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان مەزگىلدە، ئۇنى "ساياھەت قىلدۇرۇپ كېلىش" تەكلىپى بىلەن خەينەن ئارىلىغا ئېلىپ كەتكەن.

ئىلھام توختى شۇ يەردە "5 كۈن ئارام ئالدۇرۇلغان" ۋە يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇربىز تور بېكىتىدە مەزكۇر ئوچۇق خەتنى ئېلان قىلغان.

ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيىدە "خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى" ئېچىلغان ئىدى.

22 - ئاپرېل ئۈرۈمچىدە 420 مىڭ پارچە نەشر بۇيۇمى كۆيدۈرۈلدى

خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى 22 - ئاپرېل ئۈرۈمچىدىكى خەلق مەيدانىدا بىر قىسىم نەشر بۇيۇملىرىنى كۆيدۈردى. "ئۈرۈمچى توردا" خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەت كۆيدۈرۈلگەن نەشر بۇيۇملىرى 420 مىڭ پارچىدىن ئاشىدىكەن. خەۋەردە بۇلارنىڭ ھەممىسى "قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى" دەپ كۆرسىتىلگەن.

بۇلارنىڭ ئىچىدە كىتاب، CD ۋە VCD پلاستىنكىلىرىمۇ بار ئىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ھەرىكەتكە قاتناشقان ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىكسەپ بۆلۈمى "شەھۋانىي ۋە ساختا بۇيۇملارغا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى"نىڭ باشلىقى لى يى، شەھۋانىي بۇيۇملارغىلا ئەمەس بەلكى سىياسىي، دىنىي ۋە قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغىمۇ "يۇقىرى بېسىم بىلەن قاتتىق" زەربە بېرىپ، سىياسىي ئۈنۈم يارىتىشنى تەكىتلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى كېلەر ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە قەدىمىي ئەسەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك تىزىملاش خىزمىتى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ نۆۋەت كۆيدۈرۈلگەن نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئىچىدە قەدىمىي ئەسەرلەرنىڭ بار - يوقلۇقى ھەمدە ئۇيغۇرچە نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ھازىرچە نامەلۇم.

رەنە دىكسترا : "ئەكبەر تاھىر كېلەچەكتە دۇنيا چېمپىيونى بولالايدۇ"

گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر بىليارت ماھىرى ئەكبەر تاھىر گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىليارت مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجە قازانغان. ئەكبەر تاھىر ئىلگىرى خىتاي بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بىليارت مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. ئۇ ھازىر گوللاندىيىدە بىليارت ئوينىماقتا.

مۇسابىقە 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئامستېردام شەھرىدە باشلانغان. ئەكبەر تاھىر ئەپەندىنىڭ، كېلەچەكتە دۇنيا چېمپىيونى بولۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن. گوللاندىيىدە 9 قېتىم بىليارت چېمپىيونى بولغان رەنە دىكسترا ئەپەندى ئەكبەر تاھىرغا باھا بېرىپ، "ئەگەر ئۇ ياخشى مەشىق قىلسا دۇنيا چېمپىيونى بولۇشى مۇمكىن" دېدى.

"ئۇيغۇرلار" نىڭ ئۇيغۇرچىسى تۈركىيىدە قايتا نەشر قىلىندى

داڭلىق شائىر ۋە تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ "ئۇيغۇرلار" ناملىق كىتابىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى نەشر قىلدۇرغان. ئەسەرنىڭ بۇ نۇسخىسى جەمىئي 623 بەتلىك.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ بۇ ئەسىرى 1989 - يىلى ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەنئى قىلىنىپ يىغىۋېلىنغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلەنگەن بىر يۈرۈش كىتابلارنى نەشر قىلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، داڭلىق شائىر، تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ "ئۇيغۇرلار" ناملىق كىتابى بۇلاردىن بىرى ئىكەن.

د ئۇ ق نەشرىيات بۆلۈمى مەسئۇلى جېلىل تۇران ئەپەندى، تۇرغۇن ئالماسنىڭ "ئۇيغۇرلار" ناملىق كىتابى 89 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا نەشر قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇيالمىغانلىقىنى، شۇڭا قايتا نەشر قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ كىتابنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ `ئۇيغۇرلار` ناملىق ئەسىرى ئىككى ھەپتە بۇرۇن تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى سەلەنگە نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغان ئىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي قاتارلىق دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسى "ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر"دە دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ناچارلاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ئۆتكەن 10 يىلدا بۇ ئىككى مىللەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ 2009‏ - ۋە 2010 ‏ - يىلدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ئۈزلۈكسىز، سېستىمىلىق ۋە ئەسەبىيلىك بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا 2010 - يىلى خىتاينى يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسى "ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر"تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يەنە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلغان ئەمەلدارلار ياكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ناچار ئۆلكىلەرگە ئىمبارگو قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ، بۇ مەسىلىنى خەلقئارا مۇنبەر ۋە ئامېرىكا -خىتاي ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى

ياۋروپا پارلامېنتىدا خەلقئارالىق ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھاكىمە يىغىنى باشلاندى

ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان "خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىش مەسىلىسى: خىتاي ئاساسىي قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ‏ - ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى" ماۋزۇلۇق يىغىن 4 ‏ - ئاينىڭ 29 ‏ - كۈنى رەسمىي باشلاندى.

يىغىنغا ئامېرىكا، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 45 ئەتراپىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچى قاتناشماقتا.

بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن باشقا ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى، ياۋروپا لىبېراللار ۋە دېموكراتلار ئىتتىپاقى رەئىسى ماركو پانېللا ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسى نىككولو رىنالدى ئەپەندى، ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى گېئوففرەي خاررىس ئەپەندى، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى م گىبب ئەپەندى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرىتارى مارىنو بۇسداچىن ئەپەندى، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمىيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇيىسا گىرىۋا خانىم قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. رابىيە قادىر خانىم ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئوقۇپ ئۆتتى.

يىغىنغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ جەمئي 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىن 4 ‏ - ئاينىڭ 29 ‏ - كۈنىدىن 30 ‏ - كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ.

شۋېتسىيە پارلامېنتىدا "شۋېتسىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتى" قۇرۇلدى

28 - ئاپرېل شۋېتسىيە پارلامېنتىدا "شۋېتسىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتى" قۇرۇلدى. قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا بۇ جەمئىيەتنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كىلىۋاتقان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىدىن سىرت شۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە شۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئوتتو ۋان ئارنولد ئەپەندى يىغىندا قىلغان سۆزىدە، شۋېتسىيە پارلامېنتىدا مۇشۇنداق بىر جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ شۋېتسىيە پارلامېنتىدا كۈن تەرتىپكە كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يىغىن ئاخىرىدا، يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بۇيىچە، جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلاپ چىقىلدى. جەمئىيەت رەئىسلىكىنى خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئوتتو ۋان ئارنولد ئەپەندى، كاسسىرلىقىنى يېشىللار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى مەمەت قاپلان ئەپەندى ئۈستىگە ئالدى. قالغان رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى كېيىنكى يىغىندا تولۇقلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.