گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
20 - ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر شۆبە كومىتېتىدا گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، باشقا مەھبۇسلار قاتارىدا 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىمۇ مۇھىم تېما قىلىنغان.
گۈئەناتامودىن قويۇپ بېرىلگەن، مىللىتى تۈرك بولغان گېرمانىيە پۇقراسى مۇرات قۇرناز، تېلى - كامېرا ئارقىلىق يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار شۆبە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېل دېلاھەنت ئەپەندى، يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەندە ئۇيغۇر مەھبۇسلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، "گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇش گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن - بىر يولى " دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇزۇندىن بۇيان گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان سېبىن ۋەلىت يىغىندا قىلغان سۆزىدە، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ئۈستىدە توختالدى.
ئۇ مۇنداق دېگەن: "گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولغان ھۇزەيفە پەرھات دىنىي ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان ۋە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى چىققان. خىتايدا، پەرھاتقا ئوخشاش ئوي - پىكىردە بولغانلارنى " مەنىۋى تېررورچىلار " دەپ ئاتايدۇ. ھۆكۈمەت مەنىۋى تېررورچىلىق كاتېگورىيىسىگە كىرگەن خاتالىقلارنى ئىشلىگەن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق جازالايدۇ. بەزىلىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىدۇ."
ئادۋوكات سېبىن ۋەللەت يەنە، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان ئامېرىكىغا دۈشمەن پوزىتسىيىدە بولمىغانلىقى ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭمۇ بۇ ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن دەپ بېكىتمىگەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تۈرمىدىن يازغان مەكتۇبى ئېلان قىلىندى
22 - ماي كۈنى كانادانىڭ داڭلىق گېزىتى ھېسابلانغان "يەر شارى ۋە خەت - چەكلەر" گېزىتى ئىككى يىلدىن بەرى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىنجان جېلىلنىڭ ئانىسىغا يازغان بىر پارچە خېتىنى ئېلان قىلغان.
مەزكۇر خەت 10 - مارتتا يېزىلغان بولۇپ، ھۈسەيىنجان جېلىل خېتىدە ئانىسىنىڭ ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىغا قارىماي، مانا ئەمدى يەنە ئىككى پەرزەنتىنى بېقىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقىدىن ئەپۇ سورىغان.
مەزكۇر گېزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئىزچىل ھالدا ھۈسەيىنجان جېلىلنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلىپ، كەلگەن بولۇپ، يېقىندا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاينىڭ كانادادىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن ھۈسەيىنجان جېلىلنى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئېيتىشىنى تەلەپ قىلغان.
پرېزىدېنت بۇش ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 20 - ماي كۈنى ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى مالىكى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قۇرئانى كەرىمگە ئوق ئېتىپ مەشىق قىلغانلىقىدەك قىلمىشى ئۈچۈن ئەپۇ سورىغان ھەمدە بۇ ئەسكەرنىڭ سوتقا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنە ئامېرىكىنىڭ باغدادتا تۇرۇشلۇق ھەربىي رەھبەرلىرىمۇ ئىراق باش مىنىستىرى، دىنىي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەپۇ سورىغان ئىدى.
بىر خىتاي زىيالىسى ب د ت غا ئوچۇق خەت يېزىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى
ئۆزىنى خىتاي سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى دەپ ئاتىغان بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق بىر خىتاي زىيالىسى ۋاڭ جاۋجۈن، 22 - ماي كۈنى ب د ت غا ئوچۇق خەت يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.
"بوشۈن" تورىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر خەتتىكى مەزمۇنغا قارىغاندا، ئوچۇق خەتتە، ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا خىتاپ قىلىنغان بولۇپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتايغا خەلقىغە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقى، شۇڭا خىتاينىڭ ب د ت دائىمىي ئەزالىقىدىن چىقىرىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر خەتتە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك تەشۋىقاتى بىلەن بولۇپ، سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشتىن ئالدىنى ئېلىش چارىلىرىنى قوللانمىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر ئېغىر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا جاۋابكارلىقى بارلىقى مۇھىم سەۋەبلەر تەرىقىسىدە كۆرسىتىلگەن.
رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ خىتاينى زىيارەت قىلدى
ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى، تۇنجى سەپىرى سۈپىتىدە قازاقىستاننى زىيارەت قىلغان رۇسىيە پرېزىدېنتى دىمىرىي مېدۋېدېۋ 23 - ماي كۈنى ئاستانا سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى ھەمدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە كەڭ پىكىر ئالماشتۇردى.
دمىترىي مېدۋېدېۋ رۇسىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تەرەققى قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىزھار قىلغان، خۇ جىنتاۋ بولسا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئائىت تۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاخىرىدا ئىككى رەھبەر" رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇھىم خەلقئارالىق ئىشلار ھەققىدىكى بىرلەشمە باياناتى" نى ئىمزالىغان.
مەزكۇر باياناتتا، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر، بىخەتەرلىك، تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش، قاتارلىق كۆپ تەرەپلەر بويىچە ئىككى مەملىكەتنىڭ ئورتاق مەيدانى بايان قىلىنغان. رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ 3 - پرېزىدېنتى، 42 ياشلىق دمىترىي مېدۋېدېۋنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىنكى تۇنجى سەپىرىنى غەرب دۆلەتلىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن قازاقىستان ھەم خىتايدىن باشلىشىنىڭ موسكۋانىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى تەھلىل قىلىشماقتا.
دالاي لاما ئولىمپىككە قاتنىشىش ئارزۇسىنى ئىپادە قىلدى
تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما يېقىندىن بۇيان ياۋروپادىكى بەش دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان ھەمدە لوندوندا زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا، ئەگەر ئولىمپىك يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنسا مەمنۇن بولىدىغانلىقىنى، لېكىن خىتاي بىلەن بولىدىغان سۆھبەت تىبەت ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا يارىسا ئاندىن قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا سوغۇق ئىنكاس قايتۇرغان. دالاي لاما ھەتتا سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سورىغان ھەمدە ئىئانە توپلاشقا دەۋەت قىلغان.
"كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن" ناملىق كىتاب تۈركچە نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى
ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان سۆيۈنگىل چانىشېۋ خانىمنىڭ 50 - 60 - 70 - يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا بېشىدىن كەچۈرگەن ھايات مۇساپىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ يازغان " كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن" ناملىق ئەسىرى ئۆتكەن يىلى تۈركىيىدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى ۋە ئۇنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن يېقىندا تۈركچە نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
مەزكۇر كىتابنىڭ تۈركچىسىنى ئىستانبۇلدىكى شائىرە نۇرالە گۆكتۈرك خانىم تەرجىمە قىلغان بولۇپ، كىتاب تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان. بۇ كىتابنىڭ تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا بېشىدىن كەچۈرگەن مۇساپىلىرىنى بىلىشىدا پايدىلىنىش قىممىتى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.