ئاۋسترالىيە گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش ئىلتىماسىنى ئويلىشىدۇ
ئوباما ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمىنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، كانبېررا ھۆكۈمىتى ئوبامانىڭ مەزكۇر ئىلتىماسىنى ئويلىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بوش ھۆكۈمىتى مەزگىلدە ئامېرىكا دائىرىلىرى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە 2 قېتىم ئىلتىماس سۇنغان ئىدى. لېكىن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ھەر ئىككىلا قېتىمدا بوش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماسنى رەت قىلىپ، تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ قېتىمقىسى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيىگە سۇنغان 3 - قېتىملىق ئىلتىماسى بولۇپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماسىغا بىر قەدەر ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى، لېكىن ھەر بىر كىشىنىڭ ماتېرىيالىنى ئايرىم - ئايرىم كۆرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تالانتلىق ياش يازغۇچى ھۈسەيىن تاش ۋاپات بولدى
تونۇلغان ياش يازغۇچى ھۈسەيىن تاش 30 - ماي كۈنى كېچە سائەت 2 دە ئاشقازان راكى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.
تاش 90 - يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ناھايىتى تىز كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق ياش يازغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى.
ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش ئوقۇرمەنلىرىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە باھا بەرگۈچىلەر "ئۇنىڭ پروزا ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تېگىشكە بولمايدۇ دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر روھىيىتىنىڭ نازۇك قاتلاملىرىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئىپادىلەش قىيىن بولغان نازۇك تۇيغۇلارنى چىرايلىق شەكىللەر بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن،" دەپ تەرىپلەشكەن ئىدى.
ئۇنىڭ "يىلان يىللىق قىز"،" ھېلىمنىڭ ھاممىسى"، "ئاققۇ"، "ئاجرىشىش خىتابنامىسى"، "يىرگىنىش"، " چىڭقى چۈشتىكى مۇھەببەت" قاتارلىق پوۋېست، ھېكايىلىرى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ھۈسەيىن تاش 1966 - يىلى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى قەشقەر توققۇزاق ناھىيە بۇلاقسۇدا تۇغۇلغان. 1985 - يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1994 - يىلى پولات - تۆمۈر گېزىتىگە يۆتكىلىپ، تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە شۇ يەردە تەھرىر، باش تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن.
كالىفورنىيىدىكى مۇتەخەسسىس مىرىئام ج ۋودىس خېنىم قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداپ قېلىش ئۇچۇن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا
قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چېقىلىشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان مىرىئام ج ۋودىس خېنىم، مەزكۇر شەھەرنى ۋەيرانچىلىقتىن توسۇپ قېلىش ئۇچۇن ئىنتېرنېتتا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا.
ۋودىس خېنىم ئالدىنقى ھەپتە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چېقىلىشتىن قوغداپ قېلىشتا قولىدىن كېلىدىغان ياردەملەردە بولۇشقا ئۈندىگەن ئىدى.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: "پرېزىدېنت ئوباما قەشقەرنىڭ قىممىتى، شىنجاڭنىڭ باي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلالايدۇ. ئۇ سۆزلىسە كىشىلەر قۇلاق سالىدۇ. شۇڭا مەن ئۇنى بۇ ھەقتە سۆزلەشكە كۆندۈرۈشكە ھەرىكەت قىلمەن" دېدى.
خىتاي ئولىمپىك مەزگىلىدە غۇلجىدا تۇتۇلغان 12 نەپەر ئۇيغۇرنى قاتتىق جازالىدى
يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىللىق ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرغان بولۇپ، بۇ جەرياندا پەقەت غۇلجا تەۋەسىدىنلا 12 نەپەر ئۇيغۇر ياشقا جازا ھۆكۈم قىلغان.
رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى، غۇلجا تەۋەسىدىن بۇلتۇر ئولىمپىك مەزگىلىدە يەنى 2008 - يىلى 4 - ئايدىن 6 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا مەردان سىيىتاخۇن، ئەخمەتجان ئەمەت ۋە مەۋلانجان ئەخمەت قاتارلىق 12 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى تۇتقۇن قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ ياشلار ئۇستىدىن 2008 - يىلى 11 - ئايدا سوت ئاچقان ۋە 2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلغان.
ئىلى ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان 2008 - يىل 106 - نومۇرلۇق ھۆكۈمنامىدە، مەزكۇر ئۇيغۇر ياشلارنىڭ " دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئالدىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، كەينىگە 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
بۇ ئۇيغۇر ياشلىرى غۇلجا ناھىيىسى، غۇلجا شەھىرى ۋە نىلقا ناھىيىسى تەۋەسىدىن تۇتۇلغان تىجارەتچى ياشلار بولۇپ، رادىئومىز ئالدىنقى كۈنى جازا ھۆكۈم قىلىنغان بالىلارنىڭ ئىسىملىكى، ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ھۆكۈمىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاتقان ئىدى.
ئوباما ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا ئەھمىيەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى
4 - ئىيۇن كەچقۇرۇن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما مىسىرنىڭ داڭلىق خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسىتېتى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىسلام دۇنياسىغا قارىتىلغان نۇتۇق سۆزلىدى.
پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەتلىك نۇتۇقىنىڭ باش تېمىسى ئامېرىكا بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئارىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارغا خاتىمە بېرىپ ئۆزئارا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشكەن.
پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قاراتقان نۇتقى يەتتە چوڭ مەسىلىگە ئىخچاملىغان بولۇپ، ئۇلار: تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇپ، تىنچلىقنى قوغداش، پەلەستىندە، ئىسرائىلىيە - پەلەستىندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيە پروگراممىسىنىڭ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىن تاللاش ۋە دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ئەركىنلىكىنى قانات يايدۇرۇش، دىنىي ئۆزگىچىلىكلەرگە چەك قويماسلىق، دېموكراتىيىنى دۇنيانىڭ ھەممىلا جايلىرىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەركىن ياشاش ھۆرىيىتىنى قوغداش، ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ دىنىي قىياپەتلىرىگە ۋە بىلىم ئېلىش ئەركىنلىكىگە چەك قويماسلىق، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇپ، بار ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىش ھەمدە دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىقنى جانلاندۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئوباما نۇتقىدا يەنە گۇەنتانامو تۈرمىسىنىڭ كېلەر يىلىنىڭ بېشىغىچە تاقىلىپ بولىدىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالدى.
