ۋاشىنگتوندىكى مىراس فوندىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
21 - ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى مىراس فوندى جەمئىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىننى مەزكۇر فوندى جەمئىيەت ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلامچى تەتقىقاتچىسى جون ساكى تەشكىللىگەن.
يىغىندا جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخى پروفېسسورى جەئىمس مىللىۋارد، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەتشۇناسلىق پەنلىرى پروفەسسورى شون روبېرت، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەل ھەم ئىنتېل مەركىزىنىڭ خادىمى بېن قاتارلىق ئەربابلار سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى جۈملىدىن يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالدى.
يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر بىردەك ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئۇزۇن مەزگىللىك قاتتىق باشقۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈردى.
مىراس فوندى ئامېرىكىدىكى مۇھىم ئاقىللار مەركىزى بولۇپ، ئامېرىكا ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا ئالدىنقى ئورۇنلارنى ئىگىلىگەن.
قەشقەردە 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قولغا ئېلىندى
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قەشقەردە 4 - ئاۋغۇست ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىدىن مەلۇمات بەردى. بۇ ئۇچۇرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا مەلۇم قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، 4 - ئاۋغۇست قەشقەردە ئىككى ئۇيغۇر بىر ساقچى ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، 16 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، 16 ئادەمنى يارىدار قىلغاندىن كېيىن، قولغا چۈشۈپ قالغان، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كۇچادا ۋە قەشقەر يېڭى شەھەرنىڭ يامانيار يېزىسىدا يەنە بىر قاتار ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئىدى.
يېقىندا ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن كادىرلار يىغىنىدا "ئۈچ خىل كۈچ"لەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ ھايات ماماتلىق كۈرەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شىۋېتسارىيىدىن گۇئانتانامودىكى ئۈچ ئادەمنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى
ئۆتكەن پەيشەنبە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىدىن گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان مەھبۇسلاردىن ئۈچ ئادەمنى قوبۇل قىلىپ، پاناھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
شۋېتسارىيە دائىرىلىرىمۇ مەزكۇر ئۈچ ئادەمنىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەپەر ئۇيغۇر بار.
نۆۋەتتە، گۇئانتانامودا 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇس بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە باشقا بىرەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش مەسىلىسى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىنماقتا.
پاكىستان پرېزىدېنتى مۇشەررەپ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى
بۇ ھەپتىدە پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ ئۆكتىچىلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا پرېزىدېنتى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. بۇ ۋەقە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، مۇشەررەپتىن كېيىنكى پاكىستاننىڭ قانداق سىياسىي يۆنىلىشكە ماڭىدىغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل تەھلىللەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ بىرى خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىدۇر.
مۇشەررەپ خىتاي بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، ئۇ، خىتاي بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشكە قوشۇلغانلىقى ئۈچۈن پاكىستاندىكى بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىلىرى پاكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلماقتا ئىكەن.
گرۇزىيە ئەھۋاللىرى
گرۇزىيە بىلەن رۇسىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزگەندىن كېيىن، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ دۈشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بىراق، خەلقئارا جەمئىيەت رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ چېكىنىش ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى يەنى بەك ئاستا بولۇۋاتقانلىقى، ھازىرمۇ گرۇزىيە تەۋەسىدە رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ بارلىقىنى تەنقىد قىلىشقان. ناتو بۇ مەسىلىلەردە يىغىن ئېچىپ، رۇسىيىنى ۋەدىسىدە تۇرمىدى دەپ ئەيىبلىگەن.
بۇ تەنقىد رۇسىيىنى خاپا قىلغان بولۇپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ناتو بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئاق ساراي باياناتچىسى بۇنىڭ ئانچە ئەھمىيەتلىك ئىش ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش جەنۇبىي ئاسسېتىيە ۋە ئابخازىيىنىڭ گرۇزىيە زېمىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ جاينىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئەسلەتكەن.
رۇسىيە تەرەپ بولسا، ئاز ساندىكى رۇسىيە قوشۇنلىرى گرۇزىيە - رۇسىيە چېگرا رايونىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئەمما، غەرب رۇسىيىدىن قەتئىي قوشۇن چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا.