ئۇيغۇر ئېلىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلدى
ئۇيغۇر ئېلىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلدى. دەل شۇ پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان بىڭتۇەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن زور تۈركۈمدە ئاققۇن ئىشچىلارنى قوبۇل قىلدى.
شىنخۇا ئاخباراتىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەت خىتاي ئۆلكىلىرىگە يولغا سېلىنغان ئۇيغۇر قىزلىرى خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيىسىدىن بولۇپ، جەمئىي 115 نەپەر. بۇلار چىڭداۋغا جايلاشقان "چىڭداۋ تەيگۇئاڭ ئاياغچىلىق شىركىتى"گە بىر يىللىق توختام بىلەن ئېلىپ مېڭىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار بىڭتۇەن ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئەمگەك ئىدارىسى كەسىپ تونۇشتۇرۇش بۆلۈمىدىن ئىگىلەنگەن. ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي ئاققۇن ئىشچىلار ئاساسەن خېنەن، گەنسۇ ۋە چۇڭچىڭ قاتارلىق ئۆلكە، رايونلاردىن ئېلىپ كېلىنىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل بىڭتۇەن 7 مىليون مو كېۋەز تېرىغان بولۇپ، كېۋەز تېرىش ئۈچۈن 50 مىڭ ئىشچىغا ئېھتىياجلىق ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت پۇرسىتىنىڭ كەملىكى، ئەمما ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئارتۇقلۇقىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن ياش ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكئىمەكتە ئىدى.
خەلقئارا ئۇرال - ئالتاي قەلەمكەشلىرى يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى
خەلقئارا ئۇرال - ئالتاي قەلەمكەشلىرى يىغىنى29 - ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ئوسمان ئابىدىسى مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
مەلۇم بولۇشىچە، قەلەمكەشلەر يىغىندا 2010 - يىلى نۇرمۇھەممەت ياسىن يىلى قىلىپ بېكىتكەن. ئۇنىڭ "ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسىرىنى خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىگە ئەزا 156 دۆلەتتىكى مىللەتلەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە نۇرمۇھەممەت ياسىننى تۈرمىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھەققىدە قارار ماقۇللانغان.
يىغىندا ئاساسلىقى، كىشىلىك ھوقۇق، قەلەمكەشلەرنىڭ دېموكراتىك ھەق - ھوقۇقلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئوقۇش، يېزىقچىلىق، پىكىر ئەركىنلىكى، يېزىقچىلىق پرىنسىپلىرى ۋە قەلەمكەشلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
يىغىن ئاخىرلاشقاندا، يىغىنغا كۆزەتچى سۈپىتىدە قاتناشقان ئامېرىكا دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى لوئىيسا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدىكى پىكىر كۆز - قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ ئۇتۇقلىرىنى تەبرىكلىدى.
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كىيىنكى ئۇيغۈر ئېلى ۋەزىيتى
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يۈز بەرگىنىگە ئىككى ئايدىن ئاشتى. ۋەتەن ئىچى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا جىددىي، سىياسىي مۇھىتىنىڭ كەسكىن ئىكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا. 5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر رايونلىرىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەندە كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلدى.
ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بىر كۈن كېيىن، يەنى 6 - ئىيۇلدا قەشقەردىمۇ ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. يېقىندا قەشقەردىن يېنىپ چىققان بىر ئۇيغۇر ئايال كۆز ياشلىرى ئىچىدە قەشقەردە كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
بۇ ئۇيغۇر ئايال، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بىر كۈن كېيىن قەشقەردىمۇ 500 ئەتراپىدا ياشنىڭ كوچىغا چىققانلىقىنى، قوراللىق ساقچى، ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە تۇتۇپ سولىغانلىقىنى ھەم باش - كۆزى ئۇرۇپ يېرىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۈرۈمچىدىن تۇغقان يوقلاپ قايتىپ كەلگەن بۇ ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تولۇق قوراللانغان ساقچىلارنىڭ چارلاپ يۈرگەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ كېچىلىرى سىرتلارغا چىقىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى، يەرلىك ئۇيغۇرلار بۇ رايوننى "گازا" (غەززە) رايونى دەپ ئاتاشسا، كۆچمەن خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلار رايونىنى "ئاق تەنلىكلەر رايونى" دەپ ئاتىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرى
بۇ ھەپتە جەرياندا ئۇيغۇرلارغا ئائىت يۈز بەرگەن مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ بىرى بولسا، رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرىدۇر.
9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ھەشەمەتلىك زالىدا 26 - ئىيۇن شاۋگۇئەن ۋەقەسى ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.
رابىيە خانىم باشلىق د ئۇ ق ھەيئەتلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرى ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلدى.
ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئۈستىدىن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى
1 - سېنتەبىر، ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى ھېيدى ھائۇتالا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى قوللىدى.
ھېيدى ھۇئاتالاما سۆزىدە:" ئىشىنىمەنكى، بۇ يەردە ھەر تەرەپتىن خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلاش زۆرۈر بولغان، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى مەۋجۇت" دەپ كۆرسەتكەن.
سەيشەنبە كۈنى بريۇسسېلدا زىيارىتىنى باشلىغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سىرلىق ۋاكسىنىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلاردا ساراسىمە پەيدا قىلغان
بىر ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1 - سېنتەبىر يېڭى مەۋسۇملۇق ئوقۇش باشلىغان كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم پەرزەنتلەر مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلاردا ۋاكسىنىدىن كوللېكتىپ رىئاكسىئەلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىلار ئۆلگەن ھەم بىر قىسمى دوختۇرخانىلاردا قۇتقۇزۇلماقتا ئىكەن.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىپ رىئاكسىيەلىنىشىگە، مەكتەپ باشلىغان كۈنى بىر گۇمانلىق ئورۇننىڭ ئوقۇغۇچىلارغا نامەلۇم ۋاكسىنا ئەملىشى سەۋەب بولغان. نۆۋەتتە ساقچى دائىرىلىرى ۋەقە سەۋەبچىلىرىنىڭ جىددىي تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە، مەكتەپ ۋە ئاتا - ئانىلارغا بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر تارقاتماسلىقىنى ئۇقتۇرغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىمۇ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئىنتايىن قاتتىق كونترول قىلماقتا ئىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى بىر سېسترا ۋاكسىنىدىن رىئاكسىيەلەنگەن بالىلارنىڭ سانى ھەم ئەھۋالىنى ئېنىق بىلمىسىمۇ، ئەمما بالىلارنىڭ دوختۇرخانىنىڭ زەھەردىن قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھالبۇكى، رىئاكسىيەلەنگەن بالىلار قۇتقۇزۇلۇۋاتقان بۆلۈمنىڭ تېلېفونى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن بولۇپ پەقەت ئالاقىلىشەلمىدۇق.
ئۈرۈمچىدە خىتاي پۇقرالىرى نامايىش قىلدى
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 9 - ئاينىڭ 2 - ۋە 3 - كۈنلىرى ئۈرۈمچىدىكى خىتاي پۇقرالىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ ئەنسىزلىكى ۋە ۋاڭ لېچۈئەننىڭ بۇ يىللاردا يۈرگۈزگەن بىر قاتار سىياسەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ ئۈرۈمچىدە نامايىش ئېلىپ بارغان.
رادىئومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە خىتاي پۇقرالىرى نامايىش قىلغاندىن كېيىن، شەھەر ئىچىدە ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ، قايتىدىن تولۇق ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەن. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىدارە - جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى ئۆيدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىش پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دىن ئاشقاندا باشلانغان. نامايىشقا 1000 دىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسى قاتناشقان. ئۇلار، خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق كىنوخانىسى قاتارلىق جايلارغا يىغىلىپ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي نامايىشچىلار، ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىپ شوئار توۋلاشقان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، ئۈرۈمچىدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ شەھەر پۇقرالىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، پۇقرالارنى مۇھىم ئىشى بولمىسا ئۆيدىن چىقماسلىققا دەۋەت قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى 5- ئىيۇلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن.
پرېزىدېنت ئوباما ئاقسارايدا ئىپتار زىياپىتى بەردى
مۇبارەك ئېيى داۋام قىلىۋاتقان كۈنلەردە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئاقسارايدا ئىپتار زىياپىتى بېرىپ رامزاننى قۇتلۇقلىدى. ئۇ سەيشەنبە كۈنى، ئىپتار زىياپىتىدىكى نۇتقىدا، "ئىسلام دىنى ئامېرىكىنىڭ بىر قىسمى" دېدى.
پرېزىدېنت ئوباما سۆزىدە، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى بايان قىلىپ تۈگىتىشكە مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، چۈنكى ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكا ھەر ساھە، ھەر كەسىپلىرىگە زىچ جىپسىلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما سۆزىدە يەنە، ئىسلامنىڭ بىر بۈيۈك دىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىياتنى ياقلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئاقسارايدا بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىگە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى مۇسۇلمان ئەزاسى كىيىس ئېللىسون ۋە ئاندرى كارسونلار بىلەن بىرلىكتە، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان.