رابىيە خانىمنىڭ ئوغلى ئالىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ ھاياتى تەھدىت ئاستىدا
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئوغۇللىرىدىن ئالىمجان ئابدۇرېھىم ھاياتىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
16 - سېنتەبىر، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن ئالىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ قويۇۋېتىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
مۇراجىئەتنامىدە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئالىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى قاتتىق تەن جازاسى سەۋەبىدىن ھاياتىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكى، رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدىكى ئالىمجان ۋە خىتاي تۈرمىسىدىكى بارلىق ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى تۈرمىگە تاشلىغان ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى
2010 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەركىزىدە روزا ھېيتنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تېلېفون ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىناق - ئىتتىپاقلىق بولۇپ، بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا چاقىردى.
بۇ، پائالىيەتنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. پائالىيەتكە مەزكۇر جەمئىيىئەت مەسئۇللىرى، ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
گوللاندىيىدىكى مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش كۈنى پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى
گوللاندىيىدىكى مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش كۈنى پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلارغا ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، پائالىيەت 2010 - يىلى 13 - سېنتەبىر گوللاندىيىنىڭ دەنخاھ شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەتتە، ئۇيغۇر پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى مىللىي كىملىكى، مىللىي خاسلىقى ۋە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقلىرى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە دەردىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
ئۇلار، پائالىيەت جەريانىدا يەنە، گوللاندىيىلىك بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ يازغان ئاخبارات خاتىرىسىنى ئاڭلىتىپلا قالماي، مۇڭلۇق تەمبۈرنىڭ دەردلىك كۈيلىرى بىلەن مەيدان ئەھلىنى ھاياجانغا سالدى.
خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇلدى
تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ليۇ گاڭ، بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان. نيۇيوركتىكى بىر ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتى بۇ ئەرزنى قوبۇل قىلغان.
بۇ نۆۋەت سوتقا سۇنۇلغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىچىدە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇئاڭليې، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى چېن بىڭدﯤ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى باش سىياسىي كومىسسارى لى جىنەي قاتارلىقلار بار.
بۇلار ئۈستىدىن سۇنۇلغان ئەرزىنىڭ، نيۇ -يوركتىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى، چەتئەللەردە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
2009 - يىلى 6 - ماي ئىسپانىيە دۆلەت سوتىنىڭ سوتچىسى سانتىياگو پەدراز، ۋاڭ لېچۈئەن، جاڭ چىڭلى قاتارلىق 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
19 - ئاۋغۇست ئاقسۇدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىنكى خىتايلار ئەندىشىسى
19 - ئاۋغۇست ئاقسۇدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئاقسۇدىكى خىتايلار ئارىسىدا بىر خىل ساراسىمە پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋىرىدە نەقىل قىلىشىچە، خېنەندىن كۆچۈپ كېلىپ، 23 يىلدىن بېرى ئاقسۇدا ياشاۋاتقان ساۋ شيا ئىسىملىك بىر قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى خوجايىنى، ھۇجۇمنىڭ قىزى ئوقۇيدىغان مەكتەپ يېنىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئويلىسىلا قورقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، ئۆزىنىڭ ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ " ئۇلار بەك بەك ۋەھشىي. نەچچە يىللاردىن بېرى بۇ خىلدىكى زوراۋانلىقلارغا كۆنۈپ قالدىم، دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما ھازىر كوچىغا چىقسام ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ دەپ قورقۇدىغان بولۇپ قالدىم" دېگەن.
رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندىمۇ، 19 - ئاۋغۇست بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن بىر قىسىم ياردەمچى ۋە چارلاش ساقچىلىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە باشلىغان ئىدى.
ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇر، ئەرزىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكى ئۈچۈن 2 يىل كېسىلگەن
قەشقەر يېڭى شەھەرلىك ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇر، ئەرزىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكى ئۈچۈن، 2006 - يىلى قانۇنسىز ئەرز قىلدى، دەپ ئەيىبلىنىپ ئىككى يىل كېسىلگەن.
ئۇ، 2008 - يىلىغا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ قانۇنسىز 2 يىل قامالغانلىقى ئۈستىدىن قەشقەر ئوتتۇرا سوتقا ئەرز سۇنغان. ئۇنىڭ، بۇ ئەرزىمۇ رەت قىلىنغان. ئەمما رەت قىلىنىش سەۋەبى ئۇنىڭ كانادا ئەلچىخانىسى ئالدىدىن ئۆتكەنلىكىدۇر.
ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇر قەشقەردىكى بىر پارتلاشتا ئۆلگەن قېرىندىشى ۋە سىرلىق ھالدا ئېلىۋېتىلگەن كۆزى ھەققىدە ھەربىي رايون ئۈستىدىن ئەرز قىلىۋاتقان ئىدى.
خىتاي بىخەتەرلىك خادىمى غەيرەتنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتى جاسۇسلۇق خادىمى غەيرەت نۇرمەمەت، بۇ يىل 1 - ئايدا ئۆيىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەيرەت نۇرمەمەت ئۆلۈشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" گە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى مەستلىكتە ئېغىزىدىن چىقىرىپ تاشلىغان، ھەتتا يىغلاپمۇ سالغان ئىكەن.
يېقىندا چەتئەلگە قېچىپ چىققان غەيرەت نۇرمەمەتنىڭ يېقىن ئاغىنىلىرىدىن بىرى "غەيرەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى" دەپ، ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
غەيرەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر تۇغقىنىمۇ، غەيرەتنىڭ ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ناھايىتى ئېغىر روھىي ۋە ۋىجدانىي بېسىمدا قالغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئۇ "5 - ئىيۇل" دا كۆرگەنلىرى تەسىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيىدە خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان مەكتەپ ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالماسلىق تەشەببۇس قىلىندى
تۈركىيە ھۈنەرۋەن ۋە سەنئەتكارلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى بەندەۋى پالاندۆكەن ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاتا - ئانىلارنى خىتايدا ئىشلەنگەن ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى ئالماسلىققا چاقىردى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى تۈركىيىدىن چىقىدىغان "ھۆرىيەت" گېزىتىنىڭ 13 - سېنتەبىردىكى سانىدا بېرىلدى.
چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەن: "بالىلىرىمىزغا مەكتەپ فورمىسى ۋە ئوقۇش ماتېرىياللىرى ئالغاندا تۈركىيە ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىڭلار، سالامەتلىككە تەھدىت سالىدىغان خىتاي ماللىرىدىن ساقلىنىڭلار."
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، تۈركىيە سودا -سانائەت مىنىستىرى نىھات ئەرگۈن ئەپەندى تۈرك خەلقىنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمايدىغان دۆلەتلەردە ئىشلەنگەن ماللارنى ئىستېمال قىلماسلىققا چاقىرغان ئىدى.