ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 20 - سېنتەبىردىن 26 - سېنتەبىرگىچە )

0:00 / 0:00

پرېزىدېنت بۇش ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارغا داۋاملىق ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

23 - سېنتەبىر كۈنى نيۇ - يورك شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىللىق ئومۇمىي يىغىنى باشلانغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلغان بۇ يىغىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشمۇ سۆز قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇشنى تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا ۋە يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ئىزچىل قوللاشقا چاقىردى.

جورج بۇش سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، " بىز ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ھەمدەمدە بولۇشىنى داۋاملاشتۇرىمىز" دېگەن.

ب د ت نىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋمۇ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى مەدھىيىلىگەن،ئەمما ئۇ يىغىندىن سىرت چەتئەللەردىكى خىتاي ژورنالىستلىرىغا سۆزلىگىنىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادى - سىياسىي ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ياش ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئىدىيىۋى تەربىيە ھەرىكىتى باشلىدى

ب د ت ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدا ياش - ئۆسمۈرلەرگە بولغان سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان.

ياش ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان بۇ ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىش دولقۇنىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئاتالمىش " ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش مەزمۇنلىرى ئاساس قىلىنغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرى كادىرلار يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە، نۇر بەكرىنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشكە باشلىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىنماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلدى

9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 2008 - يىللىق دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا خىتاي ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنىڭ يەنىلا ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

دوكلاتتا " تىبەت بۇددىستلىرى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش دىنىي گۇرۇھلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر دىنىي ئېتىقادى، تىلى ۋە مىللى مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن ئىجتىمائىي كەمسىتىشكە ئۇچرىماقتا،" دەپ ئەسكەرتىلگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا 2007‏ - يىلى ھەج قىلغان ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ 2006 - يىلقىدىن 3100 كىشى ئازايغانلىقى تەكىتلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇلۇۋاتقانلىقى پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىلگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر تەھلىل قىلىندى

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغان دۆلەت بايرىمى كۈنى، 1949 - يىلى ماۋ زېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ستالىن ھۆكۈمىتى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى باشتىن ئاخىرى قوللىغاندىن سىرت يەنە شەرقىي شىمالدىكى ياپونىيە ئارمىيىسىدىن ئولجىغا چۈشكەن قورال - ياراقلارنى كوممۇنىستلارغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ قوراللىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ھەتتا ماۋ زېدوڭغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قۇرۇشنى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىگە تېزدىن قوشۇن كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى ئاجرىتىپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنى ئۇيغۇر ئېلىغا توشۇغان ئىدى. بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي 1960 - يىلىغىچە ياخشى مۇناسىۋەتتە بولسىمۇ، بىراق بىردىنلا بۇزۇلۇپ، 25 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت رەقىبلىك جەريانىنى باشتىن كەچۈردى.

ھازىر رۇس ۋە خىتاي تارىخچىلىرى ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ، كېتىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەر ھەققىدە تەتقىقات يۈرگۈزۈپ، بىر قانچىلىغان ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. خىتاي ۋە رۇس تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئاساسلىقى، ستالىننىڭ ئەينى ۋاقىتتا ماۋ زېدوڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن قورسىقىدا نارازىلىق ساقلىغان.

بولۇپمۇ، ستالىننىڭ ئۇيغۇر ئېلى، شەرقىي شىمال قاتارلىق جايلاردا ئۆز ئىمتىيازىنى تىكلىۋېلىشى، ماۋ زېدوڭنى نارازى قىلغان بولۇپ، ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن، ئاستا - ئاستا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنى سىقىپ چىقارغان، نەتىجىدە مۇناسىۋەتلەر بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئىكەن. ماۋ زېدوڭ ستالىننى جۇڭگو ئىنقىلابى مەسىلىسىدە تۆت خاتالىق ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىگەن ئىكەن.

تۈركىيىدىكى MPL تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى

ھەر دۈشەنبە كۈنى ئاخشام سائەت 9:35 تە تۈركىيىدىكى MPL تېلېۋىزىيىسىدە تۈركىستانبۇل ناملىق، تۈرك دۇنياسى ھەققىدە بىر پروگرامما تارقىتىلماقتا.

بۇنىڭغا تۈركىيىدىكى قازاقلاردىن يېتىشىپ چىققان زىيالىي ئەخمەت تۈركوز رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن. بۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھۋالى، ھازىرقى مەسىلىلىرى ۋە باشقىلار تونۇشتۇرىلىدىكەن.

نۆۋەتتە، مەزكۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ تۈركىيە جامائىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى چۈشىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخى ئەرەبچىدە نەشىر قىلىندى

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، تەرجىمان مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ تەرجىمە قىلىشى بىلەن 20 - ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى ۋە تارىخچىلىرىدىن بىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ " شەرقىي تۈركىستان تارىخى" ناملىق كىتابى ئەرەب تىلىدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

تەرجىمان بۇ ئەسەرنى ئەسلىدە 1998 - يىلى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان بولسىمۇ، بىراق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەشىر قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، پەقەت ئون يىلىدىن كېيىن يورۇق كۆرگەن.

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ بۇ ئەسىرى 1940 - يىلى كابۇلدا نەشىر قىلىنغان ۋە 1980 - يىللاردا ئىستانبۇلدا بىر قېتىم ھەمدە 1998 - يىلى يەنە بىر قېتىم نەشىر قىلىنغان بولۇپ ھازىرچە پەقەت ئۇيغۇر تىلىدىلا چىققان ئىدى.