رابىيە قادىر خانىم شۋېتسىيە زىيارىتى ئۈچۈن ستوكھولىمغا يېتىپ كەلدى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم "ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقۇچى ئايال" ناملىق كىتابنىڭ شۋېدچە نەشرىنىڭ تارقىتىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، 6 - ئۆكتەبىر ستوكھولىمغا يىتىپ كەلدى. كىتاب شۋېتسىيە "نارىن" نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
رابىيە قادىر خانىمنى شۋېتسىيىگە "نارىن" نەشرىياتى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، "نارىن" نەشرىياتى باشلىقى لاش ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئايرودرومغا چىققان.
لاش ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، "بۇ كىتابتا تەسۋىرلەنگىنى يالغۇز رابىيە قادىرنىڭلا ھاياتى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ خەلقى: ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدۇر" دېدى.
رابىيە قادىر خانىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ نۆۋەتلىك شۋېتسىيە زىيارىتى جەريانىدا شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولىدىكەن.
"ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقۇچى ئايال" ناملىق بۇ كىتاب، بۇندىن ئىلگىرىمۇ گېرمانچە، ئىنگلىزچە قاتارلىق 7 خىل تىلدا نەشر قىلىنغان ئىدى.
غۇلجىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىدا 4 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا مەمۇرى جازا بېرىلگەن
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلارنى غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەترىتى تۇتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلار پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلار غۇلجا شەھىرىنىڭ مەلۇم قاتناش بېكىتىگە يېقىن جايدا تۇتۇلغان.
خىتاي ساقچىلىرى بۇ ئوقۇغۇچىلارنى توسۇۋالغان ۋە ئۇلارنى، "دۆلەت بايرىمى جەريانىدا توپلاشماسلىق" دېگەن بۇيرۇققا ئىتائەت قىلمىدى دېگەن نام بىلەن قولغا ئېلىپ، ھەر بىرىگە 10 كۈنلۈكتىن مەمۇرى جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن. مەكتەپ دائىرىلىرىمۇ بۇ بالىلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىدى.
بېيجىڭدا تۇرۇپ ئەرز قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرى ئەرزدار مەخمۇت ئابلىمىت
نۆۋەتتە بېيجىڭدا تۇرۇپ ئەرز قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرى ئەرزدار مەخمۇت ئابلىمىتتۇر. مەخمۇت ئابلىمىت، مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدىن. ئۇنىڭ ئەرزىمۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تارتىۋالغان يەر مەسىلىسى.
ئەرز قىلىنىۋاتقان يەرنىڭ كۆلىمى 500 مو. مەزكۇر ئائىلە، 1992 - يىلى 120 مو يەر ھۆددىگە ئالغان. توختام بويىچە ئەتراپتىكى بوز يەرنى ئېچىپ، يەر كۆلىمىنى 500 موغا كېڭەيتكەن. بۇ چاغدا بازارلىق ھۆكۈمەت يەرنى تارتىۋالغان.
ئەرزنى دەسلەپتە، ئۇنىڭ 62 ياشلىق دادىسى ئابلىمىت سەمەت باشلىغان، بىراق ئۇ، بېيجىڭدىن 7 قېتىم تۇتۇپ كېلىنگەن ۋە جەمئىي 30 نەچچە كۈن سولاپ قويۇلغان.
گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ شۋېتسارىيىدە ياشاۋاتقان بەختىيار ۋە ئەركىن مەخمۇت ئاكا - ئۇكىلار
گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، 6 ئايدىن بۇيان شۋېتسارىيىدە ياشاۋاتقان بەختىيار ۋە ئەركىن مەخمۇت ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن، تۇنجى قېتىم رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەركىنلىككە چىققاندىن كېيىنكى ھېسسىياتلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئۇلار يەنە، ئۆزلىرىگە ئوخشاش "گۇناھسىز" دەپ ئاقلىنىپ، يەنىلا گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 5 نەپەر تۈرمىدىشىنىڭ بۇرۇنراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئاكا - ئۇكىلار شۋېتسارىيىنىڭ جۇرا رايونىغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئىدى.
شۋېتسارىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇرا مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت خادىمى پيېر ئالان بەلەي، بۇ ئۇيغۇر ئاكا - ئۇكىلارنىڭ شۋېتسارىيە جەمئىيىتىگە قەدەممۇ - قەدەم ماسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ھازىر ئايرىم - ئايرىم ئۆيلەرگە كۆچكەن، ھەتتا خىزمەتمۇ تېپىپ بولغان ئىكەن. ئالان بەلەينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاكا - ئۇكىلارنىڭ بىرى نۆۋەتتە باغۋەنچىلىك قىلىدىكەن.
ئەركىن ۋە بەختىيار مەخمۇت ئىككىيلەن بۇ يىل 24 - مارت شۋېتسارىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئىدى.
ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى
10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى دوختۇر رىشات دوغرۇ ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرىنى خىتاي باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.
رىشات دوغرۇ ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى.
يىغىن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيىگە قاراتقان زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان. رىشات دوغرۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى " تۈركىيىنىڭ باش مىنىستىرى، خىتاي باش مىنىستىرى بىلەن ئۇچراشقاندا خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىنى ئۇنتۇماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز."
مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى خەيرۇللا ئەفەندىگىلمۇ قاتناشتى.
نىجات ئابدۇرېھىم: 'تەقدىرىم ئېنىق ئەمەس، ئەمما باسقان قەدىمىمگە پۇشايمىنىم يوق'
نۆۋەتتە شۋېتسارىيىدە پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان سابىق ساقچى نىجات ئابدۇرېھىم، ئۆز تەقدىرىنىڭ ھېلىھەم ئېنىقسىز ئىكەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، چەتئەلگە چىقىپ، سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكىدىن پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نىجات ئابدۇرېھىم، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن، ئۆزى شاھىت بولغان بىر قىسىم ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى، ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خەتەردىن تېخى قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، باسقان قەدىمىدىن پۇشايمان قىلىشنىڭ ئورنىغا، مىللىتىنىڭ دەردىنى ئازراق بولسىمۇ دۇنياغا پاش قىلالىغانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەن.
خوتەندە ئۆسمۈرلەرنىڭ 'قوش تىل' سۆزلەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى
خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەندە ئۆسمۈرلەرنىڭ "قوش تىل" سۆزلەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارغان ۋە مۇسابىقىگە چۈشكەن بوۋاقلارنىمۇ مۇكاپاتلىغان.
كۆزەتچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي تىلى ئۆگەنگەنلەرنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
مۇسابىقىنى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىللىگەن بولۇپ، مۇسابىقە 28 - سېنتەبىر خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ يىغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلغان.
خوتەن ھۆكۈمەت خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، مۇسابىقىدە 3 ناھىيە، 10 بوۋاق، 10 بالا ۋە 10 ئۆسمۈر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
مۇكاپات تارقىتىش سەھنىسىدىن قارىغاندا مۇكاپاتلانغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلارغا 1000 يۈەندىن نەق پۇل مۇكاپات بېرىلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، "بۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان يەنە بىر ھېلى - مىكىر" دېدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل ئالدامچىلىقلاردىن سەگەك بولۇشقا چاقىردى.
خىتايدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىدىغان تۆمۈر يولنىڭ ئىككىنچى قوش لىنىيىسى جىددىي ياسالماقتا
خىتاي تۆمۈريول دائىرىلىرى نۆۋەتتە خىتايدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىدىغان تۆمۈريولنىڭ ئىككىنچى قوش لىنىيىسىنى جىددىي ياساشقا كىرىشكەن.
ئۇيغۇر كۆزەتچىلەر، مەزكۇر لىنىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يېڭىدىن ئادەم كۆچۈرۈش دولقۇنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر "ئىككىنچى قوش لىنىيە" گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە تۇتاشتۇرۇلىدىكەن.
لىنىيىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1 مىڭ 776 كىلومېتىر بولۇپ، خىتاينىڭ گەنسۇ ۋە چىڭخەي ئۆلكىلىرىدىن ئۆتىدىكەن. قۇرۇلۇش 2013 - يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى "لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈريولى"نى 1996 - يىلى قوشلاشتۇرغان ۋە ئەسلىدىكى رېلىسنى مەخسۇس ماددىي ئەشيا توشۇيدىغان، كېيىنكى رېلىسنى ئادەم توشۇيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتكەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قوش رېلىس پۈتسە، مەخسۇس يولۇچى توشۇشقا ئىشلىتىلىپ، ئەسلىدىكى قوش رېلىس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خام ئەشيالىرىنى توشۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن.