ھەپتىلىك خەۋەرلەر (9 - ئۆكتەبىردىن 15 - ئۆكتەبىرگىچە)

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار بىلەن ئۇچراشتى

شۋېتسىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەپتە بېشىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەن.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئاساسلىقى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتىگە ئالاقىدار شەخسلەر بىلەن كۆرۈشكەن.

خانىم كۆرۈشۈشتە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە خىتاي تۈرمىسىدە ئازاب چېكىۋاتقان ئوغۇللىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە خانىمنىڭ تۈركۈمىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندا كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە قادىر خانىم ئالدىنقى ھەپتە شۋېتسىيىگە بېرىپ، ئۆزى ھەققىدە يېزىلغان "ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقۇچى ئايال" ناملىق كىتابىنىڭ شۋېد تىلىدا نەشر قىلىنىش مۇراسىمغا قاتناشقان ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئەنقەرەدىكى نامايىش خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى باشلانغان كۈنى يەنى 10 - ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى ئېلىپ بېرىلدى. نامايىش شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 يېرىمدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ چۈشكەن "خېلتون" مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك جامائىتى قاتناشتى.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن مېھمانخانىدىن چىقىۋاتقاندا، ئۇ ئۆتىدىغان يولدىن 10 مېتىر يىراقلىقتا نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلار، ۋېننىڭ رەسىمىنى يىرتىپ، رەسىمىگە تۈكۈرۈپ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ۋېننىڭ ئاپتوموبىلىغا مەمەت يۈسۈپ بىلەن ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئايىغىنى ئاتتى.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرمۇ شەنبە كۈنى، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئىستانبۇل زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نامايىشقا 40 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ۋېن جياباۋ چۈشكەن مېھمانخانا ئالدىدا نامايىش قىلغان. تۈركىيە ساقچىلىرى نامايىشچىلارنىڭ مېھمانخانىغا يېقىنلىشىشىنى توسقان.

نامايىشچىلار "قاتىل ۋېن"، "ۋېن تۈركىيىدىن يوقال" ۋە "تۈركىيە خىتاينىڭ يالغانلىرىغا ئىشەنمەيدۇ" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.

فرانكفورت خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىدە "شەرقى تۈركىستان بىرلىكى" تەشكىلاتى تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ باردى

6 ‏- ئۆكتەبىردىن 10 ‏- ئۆكتەبىرگىچە داۋاملاشقان بۇ يىللىق فرانكفورت خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسى جەريانىدا گېرمانىيىدىكى "شەرقى تۈركىستان بىرلىكى" تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

فرانكفورت خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسى ھەر يىلى گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ يىللىق يەرمەنكىگە لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن ئارگېنتىنا ساھىبخانىلىق قىلغان.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن كۈرەش ئاتاخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرمەنكىدە ئۇيغۇرلار مەخسۇس تەشۋىقات تاختىسى تەييارلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇلارنىڭ تەشۋىقات تاختىسىغا سابىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئېسىلغان. تەشۋىقات مەيدانىغا يەنە، "شىنجاڭ ئەمەس شەرقى تۈركىستان"، "شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق" دېگەن مەزمۇنلاردا پلاكاتلار ئېسىلغان.

پائالىيەتچىلەر يەنە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، زىيارەتچىلەرنى شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

گېرمانىيە نەشرىياتچىلىرى ۋە كىتاب سودىگەرلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان بۇ يەرمەنكىگە ئۆتكەن يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ساھىبخان بولغان ئىدى.

ئۆتكەن يىلقى كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە خانىممۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى "فرانكفورت كۆرگەزمىسىدەك خەلقئارالىق مەدەنىيەت پائالىيىتىگە ساھىبخانىلىق قىلىش لاياقىتى يوق" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان نازارەت كۈچەيتىلمەكتە

2009- يىلىدىكى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان نازارەت كۈچەيتىلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردە "ئوقۇغۇچىلار قوغداش ئەترىتى"، "ئوقۇغۇچىلار بايراق ئەترىتى" دېگەندەك ئەترەتلەر قۇرۇلغان.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئوقۇغۇچى، نۆۋەتتە ئۆز مەكتىپىدە قۇرۇلغان "بايراق ئەترىتى" نىڭ، مەكتەپ ئامانلىق قوغداش ئەترىتىگە ياردەملىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى، ئەمما زور كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلارنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپلىرىدىن قۇرۇلغان بۇنداق ئەترەت "ئوقۇغۇچىلار قوغداش ئەترىتى" دەپ ئاتىلىدىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەترەت ئەزالىرى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئەزاسى نامىدا ھەر ئايدا 100 يۈەن ئەتراپىدا ھەق ئالىدىكەن. بۇ ئەترەت خادىملىرى ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار ئىنتىزامىنى تەكشۈرگەندىن باشقا يەنە، ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى ئەھۋالىنىمۇ مەكتەپ دائىرىلىرىگە يەتكۈزىدىغان بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىدىكەن.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى William Hague دىلمۇرات پەرھات بىلەن كۆرۈشتى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىليام ھېيگ خىتاي زىيارىتىدىن 2 ئاي بۇرۇن، "دىيارىم" تور بېتىنىڭ ساھىبى دىلمۇرات پەرھاتنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىنىسى دىلشات پەرھات قاتارلىق ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي تەرەپتىن ئېرىشكەن مەلۇماتلىرىدىن دىلمۇرات پەرھاتنى خەۋەرلەندۈرگەن.

مىنىستىر ۋىلليام دىلمۇرات پەرھات بىلەن بولغان سۆھبىتىدە، "دىيارىم" تور بېتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى، "سەلكىن" ۋە "شەبنەم" قاتارلىق تور بەتلەرنىڭ "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىكى رولى ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر قەلەمكەش ۋە تور باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەن.

دىلمۇرات پەرھات مىنىستىرلىقتىن، خىتاي بىلەن سۆزلەشكەندە، دىلشات پەرھات قاتارلىق ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئىسمىنى ئېنىق تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ خىتاي تەرەپكە بېسىم ئىشلىتىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن تىرىشىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئىلگىرى سابىق ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد مىلىباند خىتاي زىيارىتىدىن 4 كۈن بۇرۇن دىلمۇرات پەرھاتنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

خىتاي: ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش نىسبىتى يۇقىرى

خىتاي دائىرىلىرى تارقاتقان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، 2010- يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئېلى "نوپۇسى قېرىلاشقان جەمئىيەت" قاتارىغا كىرىدىكەن.

ياۋروپادىكى بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ بۇ دەرىجىدە قېرىلىشىپ كېتىشى، ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ نەقەدەر كەسكىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

خىتاي "خەلق" گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە 60 ياشتىن ئاشقانلار 2 مىليون 1 يۈز مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، 21 ‏- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇسنىڭ 3 تەن بىر قىسمى قېرىلىشىپ بولىدىكەن. خەۋەردە، خىتاينىڭ مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىشىدىكى مۇددىئاسى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.

نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يۇقىرىقى ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىگە يەنە كۆپلەپ ئاتالمىش "ياش ئەمگەك كۈچلىرى"نى يۆتكەش ئىستراتېگىيىسىنى نەزەرىيىۋى ئاساس بىلەن تەمىن ئەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەركىن سىدىق: ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئاڭ جەھەتتىن مۇستەملىكە قىلىشىغا ئۇچرىماقتا

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى " ئاڭ جەھەتتىن مۇستەملىكە قىلىش" ھەرىكىتىنى كۆلەملىك ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇدىيىتىگە زور تەھدىت ئىكەنلىكى، شۇڭلاشقا بۇ خىل مۇستەملىكە سىياسىتىگە قارشى تەدبىر تېپىپ چىقىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان "جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش"نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنى "ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىڭ مۇھىم ئاساسى" دەپ كۆرسەتكەن ۋە بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئىدى.

ئەركىن سىدىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان " قوش تىل"، " دىنىي" ۋە " نوپۇس" سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرگەن.

ئەركىن سىدىقنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغاچقا ئاسانلىقچە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتمەيدىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە كەسكىن مەدەنىيەت خىرىسىغا دۇچ كەلگەن.

ئۇ مۇنداق دېدى:" ھازىر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش سۇيىقەستىگە قارشى جىددىي ئويلىشىدىغان، ئىزدىنىدىغان ۋاقىت كەلدى."

ئۇيغۇر ئېلىدە 2010 - يىللىق 'ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش كۇرسى' باشلاندى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2010 - يىللىق "ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش كۈرسى" نى باشلىغان. كۇرسىنىڭ دەرس باشلاش مۇراسىمى 8 - ئۆكتەبىر ئەتىگەندە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان.

مۇراسىمدا، ئاپتونوم رەئىسى نۇر بەكرى دىنىي زاتلاردىن "شىنجاڭنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ چىقىرىش" نى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر زىيالىيلار بۇنىڭ يەنىلا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ئاممىنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

نۇر بەكرى "دىنىي زاتلارنى توپلاپ تەربىيىلەش" خىزمىتىنىڭ "شىنجاڭنى مۇقىم قىلىپ؛ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى باي قىلىپ؛ چېگرانى مۇستەھكەملەش" ئىستراتېگىيىسىدىكى مۇھىم ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

نۇر بەكرى دىنىي زاتلاردىن "ۋەتەننى سۆيۈپ قانۇنغا بويسۇنۇش، ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىقى ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلىش" نى تەلەپ قىلغان.

ياۋروپادا ياشاۋاتقان بىر دىنىي زاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇ خىلدىكى "ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار" دىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، دىنىي ئاممىنى كونترول قىلىپ كەلگەن.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، "بۇ ئاتالمىش دىنىي زاتلار بولسا، بىر تۈركۈم مائاشلىق دىندارلاردۇر. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى بەرگەن ئازغىنا مائاش بەدىلىگە، ئۆز قېرىنداشلىرىغا زۇلۇم سېلىشقا قاتناشماقتا. بۇ 'ۋەتەنپەرۋەرلىك' ئەمەس، خائىنلىقتۇر " دېدى.

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇ خىلدىكى دىنىي زاتلارغا "ئاساسىي قاتلامدا ئالاھىدە ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان كادىرلار " دەپ نام بەرگەن ئىدى.