ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16 - ئۆكتەبىردىن 22 - ئۆكتەبىرگىچە)

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم ياۋروپادىكى بىر قىسىم ئەللەرگە قاراتقان زىيارىتىنى باشلىدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 20 - ئۆكتەبىر بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان خەلقئارالىق پائالىيەتلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش سەپىرىنى باشلىدى. رابىيە قادىر خانىم بۇ نۆۋەت فرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە 5 كۈن زىيارەتتە بولىدۇ.

رابىيە قادىر خانىم ئالدى بىلەن فرانسىيىگە بېرىپ، يوقىلىپ كېتىش تەھدىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بېرىدۇ.

رابىيە قادىر خانىم فرانسىيىدىكى 2 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 23 ‏- ئۆكتەبىر ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان "ئەركىنلىك مارشى" ناملىق پائالىيەتكە مۇھىم يېتەكچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىدۇ. رابىيە قادىر خانىم تېخى يېقىندىلا شۋېتسىيىدە زىيارەتتە بولغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي مىلياردېرلار

خىتايدا يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان 100 مىلياردېرنىڭ 8 نەپىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا خىتاي مىللىتىدىن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 8 خىتاي مىلياردېرنىڭ ئومۇمى بايلىقى 39 مىليارد 900 مىليون يۈئەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بايلىقى ئۇيغۇر رايونى يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 10%نى ئىگىلىگەن.

سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ 2009 ‏ - يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى427 مىليارد 400 مىليون يۈئەن بولغان.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايقىشىچە، بۇ 8 نەپەر خىتاينىڭ ھەممىسىلا ئۇيغۇر رايونىغا 1990 ‏ - يىللاردىن كېيىن كەلگەن ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە 4 ئورۇندا چوڭ نېفىت ئايرىش بازىسى قۇرماقچى

خىتاي مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە 4 ئورۇندا چوڭ نېفىت ئايرىش بازىسى قۇرۇپ، يىللىق نېفىت ئايرىش مىقدارىنى 40 مىليون توننىغا يەتكۈزىدىكەن.

خىتاي خەلق تورىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر نېفىت ئايرىش بازىلىرى، مايتاغ، قاراماي، ئۈرۈمچى ۋە كۇچا تەۋەسىگە ياسىلىدىكەن.

غەرب ئەللىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ھاۋا، سۇ ۋە تۇپراقنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىكەن.

خىتاي خەلق گېزىتىدە بېرىلگەن خەۋەردە، ئۇيغۇر ئېلىگە قۇرۇلىدىغان مەزكۇر زاۋۇتلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىت مەسىلىسىنىڭ قانداق ھەل قىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيى'نىڭ يەرلىكلەرنىڭ مەنپەئىتى قوغدىمايدۇ

2009‏ - يىلىدىكى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە تەكلىپ يوللاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنىڭ يەرلىكلەرنىڭ مەنپەئىتى قوغدىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

بۇ ئۇيغۇرچە تەكلىپنىڭ بىرىنچى قىسمىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىدارە -ئورگانلارنىڭ خىتايلار ئىشلەيدىغان ئىدارە -ئورگانلارغا ئايلىنىپ بولغانلىقى، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭمۇ ئىشقا ئورۇنلىشالمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

تەكلىپتە مۇنداق دېيىلگەن: "ئۇيغۇرلار ھوقۇقسىز، ئېتىبارسىزلىقتىن ئىقتىسادىي جەھەتتە نامرات، مائارىپ جەھەتتە قالاق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى خەلققە تەھدىت، ۋەھىمە سالىدىغان ئورگانغا ئايلىنىپ قالدى."

تەكلىپتە يەنە، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ناھەق قولغا ئېلىنغانلىقى، ئاخىرى ھېچقانداق گۇناھ ئارتالماي قويۇپ بېرىلگەنلىرىنىڭمۇ خىزمەت ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

تەكلىپ ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تور بېتىمىزدىن كۆرگەيسىلەر.

ئەرزدار ھېكىم سېيىت ئابتوبۇستىن چەكلەنگەن

يېڭىسار ناھىيىسىدىكى ساقچى ئورگانلىرى يېڭىساردىكى ئاپتوبۇس شوپۇرلىرىغا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئەرزدار ھېكىم سېيىتنى سۆگەت يېزىسىدىن باشقا جايلارغا ئاپارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ۋە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئەرزدار ھېكىم سېيىت، بۇ يىلنىڭ ئىچىدە 20 قېتىمدىن ئارتۇق ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن.

"يېڭىسار دېھقانلىرىنىڭ ئاۋازى" دەپ نامى چىققان ئەرزدار ھېكىم سېيىت ئالدىنقى يىلى يېڭىسار ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ مەجبۇرىي پارنىك تېرىقچىلىقىغا سېلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئەرز باشلىغان.

ھۆكۈمەت ئەرزىگە قۇلاق سالمىغاندىن كېيىن، ھېكىم سېيىت ئەھۋالنى رادىئومىز ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئىدى. ھېكىم سېيىتنىڭ يېقىندا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئەرزىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھەل بولغان.

ئەمما ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەل بولغان مەسىلىلەر، يېڭىسار ناھىيىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ پەقەت يۈزدىن ياكى مىڭدىن بىر قىسمى ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىىكى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى چارشەنبە كۈنى چاقىرغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەزىيىتى نۇقتىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىن، خىتاي ئىشلار كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە تاماملىغان خىتاي ھەققىدىكى "2010‏ - يىللىق دوكلات"نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان.

يىغىندا، خىتاي ئىشلار كومىتېتىدىكى كارا ئابرامسون خادىمىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئىشلار كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، 2010‏ - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلاشقان.

كارا ئابرامسون مۇنداق خانىم دېدى: "5‏ - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىگە ئەگىشىپ، دائىرىلەر رايوندا بۇرۇن مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان كونتروللۇقنى يولغا قويدى شۇنداقلا خەلققە قاراتقان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تور بەتلىرىنىڭ مەشغۇلاتىنى بۇ يىل 5‏ - ئايغا قەدەر چەكلىدى."

چارشەنبە كۈنكى يىغىندا يەنە تىبەت ۋەزىيىتىگىمۇ قاراپ چىقىلدى.

يازغۇچى ھىزمەت ئابدۇللىننىڭ ھەيكىلىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى

16- ئۆكتەبىر ئالمۇتا ئەتراپىدىكى خىزمەت ئابدۇللىن نامىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى مەرھۇم ھىزمەت ئابدۇللىننىڭ ھەيكىلىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر يازغۇچىسى ھىزمەت ئابدۇللىننىڭ ھەيكىلى مەكتەپ قورۇسىغا تىكلەنگەن بولۇپ، ھەيكەل ئۇنىڭ 85يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان.

مۇراسىمغا قاتناشقان يازغۇچى - شائىرلار، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار شۇنداقلا يېزا ئاھالىسى، مەرھۇم يازغۇچىنىڭ خەلقىگە قىممەتلىك ئەسەرلەر ۋە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنى ئەسلەپ ئۆتتى. ھىزمەت ئابدۇللىن 85 - يىلى 60 يېشىدا ئالەمدىن ئوتكەن.

ئۇ، ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇر ئېلى توغرىسىدا نۇرغۇن شېئىر، ھېكايىلەرنى ۋە " تۇرپان تەۋەسىدە"، تەقدىر" ۋە "ئوتلۇق چەمبەر" ناملىق رومانلارنى يازغان. ئۇنىڭ بىر نەچچە كىتابلىرى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.