ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13 - نويابىردىن 19 - نويابىرغىچە)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمىنى خاتىرىلىدى

12 ‏- نويابىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمىنى خاتىرىلىدى.

جۇمھۇرىيەت كۈنى ئامېرىكا، بىر قىسم ياۋروپا ئەللىرى، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ھەرخىل شەكىلدە خاتىرىلەندى.

12- نويابىر ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلاردىن ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ ئىزىدا مېڭىپ، 1933 ‏- ۋە 1944 ‏- يىلدىكى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى مىللىي بايرام سۈپىتىدە ئىزچىل خاتىرىلەش، "غۇلجا ۋەقەسى" ۋە "ئۈرۈمچى ۋەقەسى"گە ئوخشاش كۈنلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

ئۇيغۇرلار باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى

بۇ ھەپتە ئۇيغۇر ئېلى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى.

قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ جۈملىدىن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

رابىيە قادىر خانىم، ھەممە ئادەم خۇشاللىققا چۆمىدىغان بۇ خاسىيەتلىك كۈنلەردىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت خۇشاللىقىدىن مەھرۇم ھالدا ھەرخىل بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن دىنىي سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن دىنىي سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.

دوكلاتتا، بۇ بىر يىلدا خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ناچارلاشقانلىقى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تىبەت بۇددىستلىرى ۋە خىتاي خرىستىئان گۇرۇھلىرىنىڭ زەربىگە ئۇچراپ، ئۆكتىچى دىنىي زاتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە تۈرمىگە سولانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىم، خىتاينىڭ دىنىي گۇرۇھلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بىز ھۆكۈمەتنىڭ تىبەت بۇددىستلار، ئائىلە چېركاۋلىرىغا ئەزا خرىستىئانلار ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر خىتايدىن كەلگەن مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇۋالدۇق" دېدى.

دوكلاتتا خىتاي يەنە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلغان.

خىتاي، ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ سىستېمىسىغا قارىتىلغان ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقتى

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ سىستېمىسىغا قارىتىلغان ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان "قوش تىل"، كەسپىي ۋە ئالىي مائارىپلارغا يۆلىنىش بەلگىلەش، ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىنى تۈزۈش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولىدىكەن.

بۇ ئالاھىدە گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشى، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە "قوش تىل" مائارىپىنى جىددىي كۆلەملەشتۈرىۋاتقان ۋە شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر تىلدىكى مەكتەپلەرنى بارغانچە كېمەيتىپ، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ھەسسىلەپ قىسقارتىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

جامائەت ئەربابى مۇھەممەد سالىھ ھاجىم 13 - نويابىر ئىستانبۇلدا ۋاپات بولدى

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان جامائەت ئەربابى مۇھەممەد سالىھ ھاجىم 13 - نويابىر ئىستانبۇل شەھىرىدە 87 يېشىدا ۋاپات بولغان.

مۇھەممەد سالىھ ھاجىم 1923 - يىلى، ئاتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن ۋە 1934 - 1937 - يىللىرى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى ئاتۇشتا ئاچقان يېڭىچە مەكتەپتە ئوقۇغان.

مۇھەممەد سالىھ ھاجىم 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە غۇلجىدا ياشىغان ۋە كۆپلىگەن مەشھۇر تارىخى شەخسلەر بىلەن ئۇچراشقان. مەرھۇم 1981 - يىلى تۈركىيىگە كېلىپ يەرلەشكەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئەھۋالى يامانلاشتى

ئۇيغۇر ئېلى، يېڭىدىن مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى جەھەتتە خىتاي بويىچە 4 - ئورۇندا، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى جەھەتتە 5 - ئورۇندا تۇرىدىكەن.

"تەڭرىتاغ تورى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 32 مىڭ 532 گە يەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 5 مىڭ 651 ئادەمدە رەسمىي كېسەللىك ئالامىتى شەكىللەنگەن.

"ئۈرۈمچى تورى" دا خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق رايونلاردا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر ئىكەن.

شائىرە گۆھەر مەمەت مىللىي كەمسىتىشكە قارشى داۋا قىلىپ بېيجىڭغا كەلدى

گۆھەر مەمەت ئەسلى ئۈرۈمچى شەھىرى"1 - ئاۋغۇست" پولات تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ، ئۇ، ئۆتكەن يىلى دېكابىر زاۋۇتتىكى يەر ئاستى سودا مەركىزىدە 30 نەچچە خىتاي تىجارەتچىنىڭ ئېغىر مىللىي كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى تىل - ھاقارىتىگە ئۇچرىغان.

ۋەقە زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. ئەمما، ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئورگانلار مەسىلىنى ھەل قىلمىغان.

ئاخىرى شائىرە گۆھەر مەمەت مەسىلىنى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن. ئۇ نۆۋەتتە بېيجىڭدا ئەرزىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تەييارلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا ئالاقىدار 953 - نومۇرلۇق قانۇن لايىھىسى قوللاشقا ئېرىشتى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى ئارى لېۋىن قاتارلىقلار تەييارلاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوللاشقا ئالاقىدار 953 - نومۇرلۇق قانۇن لايىھىسى قوللاشقا ئېرىشتى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جەيمىس مىكگوۋېرن مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرىگە قويۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئەربابلارغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە ئىلھام بەردى.

جەيمىس ئەپەندى مەكتۇپىدا، 2009‏ - يىلى 7‏ - ئايدا نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، قولغا ئېلىنغان ۋە ئادالەتسىز سوتلاپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى قانۇنلۇق ھوقۇقىنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈش كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

ھازىر دۆلەت مەجلىسىدە بۇ لايىھىنى قوللايدىغان ئەربابلار كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە.