ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كامبودژانىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى قىلمىشىنى ئەيىبلىدى
كامبودژا دائىرىلىرى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتتى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كامبودژا دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىدىن قايغۇرغانلىقى ۋە قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇۋەققەت باياناتچىسى گوردون دۇگۇئىد 19 - دېكابىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، كامبودژا دائىرىلىرىنىڭ بۇ تاسادىپىي قىلمىشى ئۆزلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، پىنومپېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك خەلقئارا مەسئۇلىيەتكە خىيانەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا كامبودژا دائىرىلىرىنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ب د ت كامبودژانى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى
ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىگە قارىشى بايانات ئېلان قىلىپ، كامبودژا ھۆكۈمىتىنى " خەلقئارا كېلىشىملەردە بەرگەن ۋەدىسىگە نومۇسسىزلارچە خىلاپلىق قىلدى" دەپ ئەيىبلىدى.
باياناتتا، "خىتاي 5 - ئىيۇل دېلولىرىنى ئادالەتسىز بىر تەرەپ قىلىۋاتقان، مەھكۇملارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى، ئۇلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى ئېغىر تەھدىت ئاستىغا ئىتتەردى" دەپ كۆرسىتىلدى.
ب د ت ئەنقەرە شۆبىسى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
كامبودژا تەرىپىدىن 20 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتى بىلەن 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق شۆبىسى بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. نامايىش ئاخىرىدا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن 20 ئۇيغۇرغا سىمۋول سۈپىتىدە 20 ئاق گۈل بىلەن قارا گۈلچەمبىرەك خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قويۇلدى.
بۇ نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ نامايىشقا يەنە تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان تۈرك دۇنياسى تەشكىلاتلار بىرلىكى مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى.
خىتاي يەنە 10 ئۇيغۇرنى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە چېتىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى كۈنى، 23 - دېكابىر، سوت ئېچىپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە ماجىرا پەيدا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 22 كىشىگە ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 5 كىشىنىڭ دەرھال ئۆلۈم جازاسىغا، يەنە 5 كىشىنىڭ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ خىتاينىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە ئائىت دېلولارغا 4 - قېتىم ئۆلۈم جازاسى ئېلان قىلىشىدۇر.
بۇنىڭ بىلەن خىتاي"5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە ماجىرا پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى 22 گە يەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - ئايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 9 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىپ، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
ياپونىيە كامبودژانىڭ 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگىنىنى ئەيىبلىدى ۋە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خەلقئارا كېلىشىملەرگە خىلاپ ھالدا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 22 - دېكابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ كامبودژا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ 20 نەپەر ئۇيغۇرغا ئىنسانىي ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ باياناتنى چىقىرىش جەريانى ھەققىدە توختالدى.
تۈركىيە 20 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
20 نەپەر ئۇيغۇر كامبودژا تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ كامبودژا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.
باياناتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىدا پاناھلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېخى تولۇق تەكشۈرۈلمەستىنلا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىنىڭ خەلقئارا نىزامنامىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىككە مەلۇمات بېرىشكە، ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان.
د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھالدا 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، مۇشۇنداق شارائىتتا تۈركىيىنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.