خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىپ كەلگەن «خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى بىلەن «قىزىللاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ قوشۇلۇپ بىرلىكتە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى بارغانسېرى ئاشكارا بولماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» دىن مەلۇم بولۇشىچە، 20-ئۆكتەبىر كۈنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى بىڭتۈەن بىرىنچى دىۋىزىيەنىڭ ئارال شەھىرىدە «تارىم مەدەنىيەت ساياھەت ھەمكارلىق بىرلەشمىسى» كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمى ۋە «تارىم مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى» ئۆتكۈزۈلگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە بىڭتۈەننىڭ ئاقسۇدىكى 1-دىۋىزىيە ئارال شەھىرى، كورلىدىكى 2-دىۋىزىيە باش ئەگىم شەھىرى، ئاقسۇدىكى 3-دىۋىزىيە تۇمشۇق شەھىرى ۋە خوتەندىكى 4-دىۋىزىيە قۇرۇم قاش شەھەرلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە بۇ ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىغان.
1954-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەربىي ۋە كارخانىلارنى بىرلەشتۈرۈشنى ئاساس قىلغان ئالاھىدە سىستېمىلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئورگاندۇر. دەرۋەقە، ھەربىي كونتروللۇق تۈزۈلمىسىدىكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىڭتۈەن ئۆزى قۇرغان شەھەرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ «تارىم مەدەنىيەت ساياھەت ھەمكارلىق بىرلەشمىسى» نى تەسىس قىلىشى چەتئەلدىكى خىتاي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.
«دېموكراتىك خىتاي فىرونتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «مانجۇرىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى، كانادادىكى سىياسىي ئانالىزچى شېڭ شۆ خانىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا، بۇ كېلىشىم ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ماھىيەتتە ئۆزىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى يەرلىك خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا، ھەتتا كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلغان كۈندىلىك تۇرمۇش پائالىيەتلىرىگىچە تولۇق سىڭدۈرۈۋاتقانلىقى ھېسابلىنىدۇ. شېڭ شۆ خانىم بىڭتۈەننىڭ ھازىر ھەربىي كونتروللۇق سىستېمىسىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدا ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ رەھىمسىز ۋاسىتىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك رايوندىكى يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقاچان ئەركىن ياشاش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ھەربىي كونتروللۇق ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر رايونىغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ھالدا ئارىلىشىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
«مېنىڭچە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا قوللانغان بىۋاسىتە قىرغىنچىلىق ئۇسۇلىدىن پەرقلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ناتسىستلارنىڭ ئەكسىچە، يەرلىك مىللەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قاتتىق تىركىشىۋاتىدۇ. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەۋەلىكى، جۈملىدىن مەدەنىيىتى، تارىخى، دىنى-ئېتىقادى، تىلى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ھەتتا كۈندىلىك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە چوڭقۇرلاپ كىرىپ، ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن خورلاۋاتىدۇ. بۇ خىل خورلاش ئەلۋەتتە بىۋاسىتە ئۆلتۈرۈشتىنمۇ رەھىمسىز ۋە رەزىلدۇر. مېنىڭچە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەنە، ‹تارىم مەدەنىيەت ساياھەت ھەمكارلىق بىرلەشمىسى› نى قۇرۇش ئارقىلىق رايوننىڭ ھەر خىل يەرلىك بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭدىن ئەڭ زور دەرىجىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە، خىتاي بۇ خىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ يالغان تەشۋىقاتلارنى تارقىتىشتەك نىشانىغا يېتەلەيدۇ. »
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «كېلىشىم» تارىم ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە بىڭتۈەن ۋە مەدەنىيەت ساياھەت ئامىللىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئەتراپلىق بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىتتىپاق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، شۇنداقلا ئۆزگىچە تەبىئىي ئېكولوگىيە، تارىخ ۋە مەدەنىيەت، «قىزىل مەدەنىيەت» ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە باشقا مەدەنىيەت ساياھەت بايلىقلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى باشلىغاندىن بۇيان «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن ئېرىتىپ تۈگىتىشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. جۈملىدىن «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر تۈركۈم «قىزىل مۇزېيلار» ۋە «قىزىل مەدەنىيەت شەھەرچىسى» لىرىمۇ شۇ جەرياندا بەرپا قىلىنغان ئىدى.
رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيەدىكى ئىنسانشۇناس پەنلىرى دوكتورى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنې سىتېنبېرگ (Rune Stenberg) ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە داخىل بولدى. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىدىكى بىڭتۈەننىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىدېئولوگىيەلىك جەھەتتىكى سىياسىي پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا يەنە، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ «قىزىل مەدەنىيەت» ىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئۇنى ساياھەت تۈرلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
خەۋەردە كۆرسىتىلگىنىدەك، «قىزىل رەڭ، قىزىل قەلب، قىزىل يول-قەلبنىڭ مەنزىلى» تېمىسىدىكى بۇ قېتىملىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايرىمى «قىزىل مەدەنىيەت» ، «قىزىل مۇددىئا» ۋە «قىزىل ساياھەتچىلىك» نى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ئاتالمىش «تارىم مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى» دا يېمەكلىكلەرنى تېتىش، شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى ئويۇنلىرى، شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەقسىز شىپاخانىلىرى، سەنئەت نومۇرلىرى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئورۇن ئالغان.
بۇ ھەقتىكى رادىيو سۆھبىتىمىزدە شېڭ شۆ خانىم يەنە، نۆۋەتتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ «ساختا تىنچلىق» يارىتىشتەك بۇ قىلمىشىنىڭ ئۇرۇش رايونلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭدەك ئۇ يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىنى تېخىچە تولۇق چۈشىنىپ يېتەلمىگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ رېئاللىقنىڭ كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
«خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ساياھەت، مەدەنىيەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ھەر خىل مەزمۇنلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ خىلدىكى ‹قىزىل قەلب، قىزىل يول، قەلبنىڭ مەنزىلى› دېگەندەك بۇ ئويۇنلىرى ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىۋاسىتە نامايان قىلىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يەرلىك خەلقلەرگە ئىنتايىن چېكىدىن ئاشقان ۋە رەھىمسىز ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئەمما، خىتاي مەيلى قانداقلا قەبىھ ئۇسۇللارنى قوللىنىشتىن قەتئىي نەزەر، خەلقنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئېڭىنى بۇ خىلدىكى ۋاسىتىلەر ئارقىلىق يوقىتالمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن ئىبارەت بۇ ھەربىي قۇرۇلمىلارنى بىۋاسىتە سەپەرۋەر قىلىۋاتىدۇ. »
دوكتور رۇنې سىتېنبېرگ ئەپەندى ئاخىرىدا، نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەۋەلىك جەھەتتىن ھەر تەرەپلىمىلىك يوقىتىش ۋە بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكى، مەدەنىيىتى، تارىخىنى ساقلاش ۋە قوغداپ جەھەتتە كۈچ چىقىرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، بۇ ھەقتىكى پىكرىنى رادىيو ئاڭلارمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە بىڭتۈەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى بۇرمىلاپ ئۆزىنىڭ «سەلتەنەتلىك» تارىخىنى يارىتىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن «قىزىل ساياھەت» نۇقتىلىرىغا ئوخشاش «قىزىل مەدەنىيەت» تىن ئىبارەت يۇمشاق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم سىياسىتىنى ۋە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە ئىكەن.