2023-يىللىق يازلىق تەتىل باشلانغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، «يازلىق تەتىللىك ھەربىي لاگېرلىرى» غا ئەۋەتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئېنىقسىز ئۇچۇرلار مەلۇم بولغانىدى. ئۇيغۇر دىياردىكى مائارىپ دائىرىلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «يازلىق تەتىللىك ھەربىي لاگېر» لار ياش-ئۆسمۈرلەرنى «ئىنتىزامچان ۋە تەرتىپلىك قىلىپ تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان» ئورۇنلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ھەربىي قىسىملىرى ۋە بىڭتۇەن بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى، ھەربىيچە لاگېردىكى مەشىق ۋاقتىنىڭ بالىلارنىڭ يېشىغا قاراپ ئىككى ھەپتىدىن بىر ئايغىچە بولىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
ھەربىيچە تۈزۈمدە يۈرەكئالدى قىلىۋېتىلگەن بالىلار
ئۈرۈمچىدىكى «كىچىك بۈركۈت ھەربىي لاگېرى» ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭ ھەربىي قىسمىنىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگو كەنتىگە جايلاشقان مەلۇم قىسمى ئىچىدە ئېچىلغان. «يازلىق تەتىللىك ھەربىي لاگېر» نىڭ پروگراممىلىرى تونۇشتۇرۇلغان بىر تەشۋىقات فىلىمىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ھەربىيچە لاگېرلار يېرىم ھەربىي تۈزۈمىدە باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بارلىق پائالىيىتى «مۇتلەق ھەربىيچە» شەكىلدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە مەشىق جەريانىنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، 24 سائەت مۇتلەق يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلىدىغان بۇ لاگېرلاردىكى بالىلارنى كىچىكىدىنلا ئىنتىزامچان، تەرتىپلىك، جاپاغا چىداملىق، مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە ۋە ئىرادىلىك قىلىپ تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. تەربىيەلەش ئوبيېكتى ئالتە ياشتىن 12 ياشقىچە بولۇپ، ھەربىيچە لاگېردىكى بالىلار ئوخشاش ياشتىكىلەر 100 دىن 200 گىچە بىر ھەربىي قىسىم، ھەر قىسىمدا يەنە ئۇلار 20 دىن 30 غىچە گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ، ھەربىي ئوفىتسېرلارنىڭ باشقۇرۇشىدا تەربىيىلىنىدىكەن.
ھالبۇكى يېقىنقى مەزگىللەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق مەلۇم بولغان ئۇچۇرلار ئاتالمىش «تەتىللىك ھەربىيچە لاگېرلار» غا يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ھەمدە بۇ لاگېرلارنىڭ ئەھۋالى ئۆزگىچە بىر ھاياجانلىق تەتىل لاگېرلىرىدەك ئاڭلىنىدىغان بۇ تەشۋىقاتلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىكەنلىكى، كىچىك بالىلارنىڭ بەرداشلىق بەرگۈسىز قاتتىق جىسمانىي رېجىم، تۈرلۈك روھىي ئىسكەنجە ۋە خورلاشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ كۆرسەتمەكتە. بۇ ۋىدېيولاردىكى ھەربىيچە كىيىندۈرۈلگەن، قارا تەرگە چۆمگەن سەبىي ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزىدە لىق ياش ئەگىيدۇ. گاھىلىرى قاتتىق قورققان، گاھىلىرى ئاسارەتكە ئۇچرىغاندەك تەمتىرىگەن ھالەتتە ئالدىدىكى كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ھۆركىرەۋاتقان «يالماۋۇز» ئاتلىق خىتاي ئوفىتسېرىغا دوكلات بېرىدۇ. بالىلار تولىمۇ رەھىمسىز كۆرۈنىدىغان بۇ خىتاي ئوفىتسېرنىڭ ئۆزىنى «لاياقەتلىك بولدۇڭ» دەپ باھالىشىغا ئازابلىق تەلمۈرۈشىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ لاياقەتسىز باھالىنىپ قالسا قانداق جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.
بۇ «يازلىق تەتىللىك ھەربىيچە لاگېر» لاردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا دائىر ۋىدېيولارنىڭ ھېچ بىرىدە بۇ بالىلارنىڭ كۈلكىلىرىنى ئاڭلىمايسىز، بالىلارچە باققىنىنى كۆرمەيسىز. خۇشاللىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بۇ بالىلارنىڭ تىترەپ تۇرۇشلىرىدىن بۇ ھەربىي لاگېرغا ئۇلارنىڭ ئىختىيارى كەلمىگەنلىكى مانا مەن، دەپلا چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ جايدا پەقەت قورققىنىنى، نېمىلەرگە ئۇچرىغىنى تۇرماق، بۇ جاينى ياخشى كۆرمىگەنلىكىنىمۇ ئېيتىشقا پېتىنالمايۋاتقان نارىسىدىلەرنىڭ يۈرەكنى ئېزىدىغان تارام-تارام كۈز ياشلىرىنى كۆرىسىز. بۇ خىل ۋىدېيولاردىكى ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق ئۇلارنىڭ ئازابلىق كۆز ياشلىرى، قورقۇنچتىن، ئېغىر زۇلۇم ياكى ئاسارەتتىن ئەندىككەن كۆزلىرى خالاس. بۇ ۋىدېيولارنىڭ بەزىلىرىدە ھەربىي لاگېردىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايسىز. ئەمما ئۇلار ئاتا-ئانىلىرىغا نېمە بولغاننى دېيىشكە پېتىنالمايدۇ. پەقەت ئاتا-ئانىسىنىڭ خىتايچە «چىدىۋەتكىن بالام، ئاز قالدى، سەندىن پەخىرلىنىمىز! سەن بەك ياراملىق!» دېگەنلىرىگە باش لىڭشىتىپ، مۆل-مۆل يىغلايدۇ. «مەن سىلەرنى بەك سېغىندىم، ئۆينى سېغىندىم»، «خاپا بولماڭلار» دەپ خۇددى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ جازالىنىۋاتقاندەك بىر كەيپىياتتا كۆرۈنىدۇ.
لاگېر شاھىتىنىڭ نەزىرىدىكى «ھەربىي لاگېر»
ئۇيغۇر بالىلىرى «جازا لاگېرلىرى» غا ئوخشاش مۇئامىلىگە دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ئاتالمىش «يازلىق تەتىللىك ھەربىي لاگېر» قانداق جاي، بۇ نارەسىدە ئۇيغۇر بالىلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇرۇشقا سالىدىغان ئەسكەرلەرنى تەربىيەلىگەندەك ئاشقۇن بىر ھەربىيچە تۈزۈمىدە بۇ قەدەر ئىسكەنجىلەرگە ئېلىنىشى قانداق بىر تەربىيە؟
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىچ يۈزىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان لاگېر شاھىتلىرىدىن مېھرىگۈل تۇرسۇن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بۇ ئازابلىق ۋىدېيولىرىنى كۆرۈپلا «بۇ بالىلار لاگېرى ئىكەن» دېدى.
مېھرىگۈل بۇ ۋىدېيولارنى كۆرگەندە ئۆزى چەرچەندىكى جازا لاگېرلىرىدا كۆرگەن خورلۇق ۋە زۇلۇملارنى قايتىدىن يادىغا ئالغاندەك، بالىلارنىڭ كۈزىگە غەزەپلىك قادالغان خىتاي ئوفىتسېرلىرىنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆزىنىڭ لاگېردا ئۇچرىغان ئىنسانلىقتىن چىققان مۇئامىلىنى كۆرگەندەك بولغانلىقىنى، ھەمدە نارەسىدە بالىلارنىڭ بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلىشىنى قىياس قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مېھرىگۈلنىڭ دېيىشىچە، بۇ بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان خورلاشلارغا ئۇچرىدى دېگىلى بولمىسىمۇ، ئۇ قەدەر قاتتىق رېجىم ۋە ۋەھشىيلەرچە رەھىمسىز مۇئامىلىنىڭ ئۆزىلا بىر خىل پسىخىكىلىق قىيىن-قىستاق بولۇپ، بالا تۇرماق، قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىمۇ روھىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىۋېتەلەيدىكەن.
«ئاتالمىش ھەربىي لاگېردا ئۇيغۇر بالىلار زوراۋانلىققا ئۇچرىماقتا!»
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلدا تەربىيەلەۋاتقان «مېھرىبان ئانا» مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈرەييە خانىم يازلىق تەتىل مەزگىلىدە بالىلارنى رەسىم سىزىش، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ناخشا-ئۇسۇل قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، بالىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتىپ كەلمەكتە ئىدى.
بىز ئۇنىڭدىن ھەربىي لاگېردىكى بالىلارنىڭ ۋىدېيولىرىنى كۆرگەندىن كېيىنكى ھېس تۇيغۇلىرىنى سورىدۇق. ئۇ، ئۆزىمۇ ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن چىدىغۇسىز ئازابلانغانلىقىنى، شۇ بالىلار بىلەن تەڭ يىغلىغانلىقىنى بايان قىلىپ «بۇ ئەمەلىيەتتە بالىلارنى ئېغىر دەرىجىدە خورلاش» دېدى.
سۈرەييە خانىم يەنە «ئەگەر مېنىڭ بالام شۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بولسا دەرھال بالامنى زەخىملەندۈرگەنلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، قاتتىق قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلاتتىم ۋە ئۇلار قاتتىق جازالانغان بولاتتى. ئەپسۇسكى ۋەتەندە ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى تۇرماق ئۆزىنىمۇ قۇتقۇزالمايۋاتقان ھالدا ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز» دېدى.
سۈرەييە خانىم بۇ ۋىدېيولارنىڭ ئۆزىنى ئازابلىغان يەنە بىر تەرىپىنىڭ بولسا بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ تېلېفوندا ئۆز ئارا خىتايچە ئەھۋال سورىشىۋاتقان ياكى خىتايچە پاراڭلىشىۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىز كۆرۈشنى خالىمايدىغان نەتىجىلىرىنى كۆرۈۋاتقاندەك بولدۇم» دېدى.
خىتاينىڭ يازلىق تەتىل پروگراممىلىرى ھەققىدىكى رەسمىي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى، شۇنىڭدەك ئاشكارا ئۇچۇر ۋە ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ «يازلىق تەتىللىك ھەربىيچە لاگېر» لار يولغا قويۇلغان بولسىمۇ ئۇلار مەجبۇرىي ئەمەس ئىكەن. ئۇلارنىڭ تۈزۈلمە ۋە پروگراممىلىرىنىڭ جىددىيلىك سالمىقىمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ خىل لاگېرلاردىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەن. ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنى پەقەت ھەربىيچە فورما كىيىش ۋە ئىنتىزامچان ھەربىي قىياپەت مەشىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ تەرتىپلىك بولۇشقا يېتەكلەيدىكەن. تەربىيەلەش جەريانىدا خىتاي ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى كۆزىتىشىگە ۋە كۆرۈشىگە يول قويۇلىدىكەن. ھالبۇكى يازلىق تەتىلدە ئۇيغۇر بالىلىرى پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، قىسقا بولغاندا ئىككى ھەپتە، ئۇزۇن بولغاندا بىر ئايغىچە ئۆيگە قايتالمايدۇ. ئاتا-ئانىلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈرۈلمەيدۇ. ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ھەربىي لاگېرىدىكى مەشقلەندۈرۈش سىستېمىسى مەيلى خاراكتېر ياكى دائىرە جەھەتتىن تەتىللىك پائالىيەت ياكى بالىلارنى تەربىيەلەشكە ماس پروگراممىلاردىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم.
«خىتاي ئۇيغۇر بالىلىرىنى مۇتلەق بويسۇنغۇچىلارغا ئايلاندۇرماقتا!»
ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي دائىرىلىرى يولغا قويغان بۇ خىل ھەربىيچە لاگېرلار ھەققىدىكى ۋىدېيولار زور تەنقىدىي ئىنكاس ۋە ئەندىشە قوزغىماقتا. پىكىر بايان قىلغۇچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ھەربىيچە لاگېر» نامىدا بالىلارنىڭ تەتىلىنى مەجبۇرىي يوسۇندا تارتىۋېلىشنىڭ يالغۇز مائارىپ قانۇنىغىلا خىلاپ بولۇپ قالماستىن، ئۇنىڭ بالىلارنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشىگە مۇخالىپ بولغان بىر قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى ھەربىي لاگېرلار بالىلارنىڭ ئەقلىي ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تەرەققىياتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بالىلارنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقىغا قىلىنغان «زوراۋانلىق»، «بالىلارنى خورلاش» ۋە «مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇش» بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر پارچىسى.
ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان بىڭتۇەنىدە ئوقۇتقۇچى بولغان، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي تۈزۈملىرىدىن ئېنىق خەۋىرى بار، ئامېرىكادىكى كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر بالىلىرى كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىنغان «يازلىق تەتىللىك ھەربىي لاگېرلار» نىڭ خاراكتېرى نورمال بولغان يازلىق تەتىل لاگېرلىرىنىڭ خاراكتېرىگە پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن. بۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بۇ جايلاردا خۇددى خىتاينىڭ ئەسكەرلەرنى ئۇرۇش تەييارلىقىغا سالىدىغان ھەربىي مەشىقىگە ئوخشاش پەۋقۇلئاددە جىددىي، شۇنىڭدەك تولىمۇ قاتتىق بولغان جىسمانىي ۋە روھىي مەشىقنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.
ئېلشات ھەسەننىڭ پىكرىچە، بۇ خىل ھەربىي مەشىق پەقەتلا ھەربىيچە كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ياكى جىسمانىي جەھەتتىكى مەشىق بولۇپلا قالماي، ئەمەلىيەتتە مېڭە يۇيۇش جەريانى ئىكەن. بۇ ھال خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش بىلەنلا توختاپ قالماي، ئەمدىلىكتە ئۇلارنى بالا ۋاقتىدىن تارتىپلا، ئىدېئولوگىيەسىدە خىتاي كومپارتىيەسىگە مۇتلەق سادىق ۋە مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. شۇنداقلا بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاخىرىدا پەقەتلا مۇتلەق بويسۇنغۇچى ۋە بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغۇچىلارغا ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىكەن.