ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆزگەرتىپ قۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈپ، كۆپلىگەن ئىسلاھاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم. شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، ئانا تىلىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى، ئەدەبىياتىنى تەرغىب قىلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولغانىدى. شۇلار قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يۆنىلىشتە كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى (كېڭىشى) تەركىبىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىمۇ مەملىكەتتىكى ئەڭ ئاكتىپ تەشكىلاتلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇلغانىدى. يېقىندا ئەنە شۇ مەركەزنىڭ ھېسابات-سايلام يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
28-ماي كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى «دوستلۇق» ئۆيىدە ئۆتكەن بۇ يىغىنغا جەمئىيەتلىك تەشكىلاتنىڭ باشقارما ئەزالىرى ۋە رايونلاردىكى ئۇنىڭ شۆبىلىرىنىڭ، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، باشقىمۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىنغا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسىنىڭ رەئىسى، تېببىي پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئەبەيدۇللا جاپپاروف رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بېكىتىلىپ، نازارەتچىلەر سايلام كومىسسىيەسىنىڭ ئەزالىرى تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، مەركەز رەئىسى، قازاقىستان خەلقى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف سۆزگە چىقىپ، بەش يىل داۋامىدا مەركەز تەرىپىدىن ئاتقۇرۇلغان ئىشلار ھەققىدە قىسقىچە توختالدى. ئۇ قازاقىستاندا كۆپلىگەن ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مەملىكەت رەھبىرى قاسىم-جومارت توقايېفنىڭ «يېڭى قازاقىستان: يېڭىلاش ۋە يېڭىلىنىش يولى» مەكتۇپى دائىرىسىدە مەملىكەتنى تۈپ-ئاساسلىق يېڭىلاش، يېڭى قازاقىستان قۇرۇش سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى، مىللىي مائارىپى، سەنئىتى ۋە ئەدەبىياتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مەركەز ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شاھىمەردان نۇرۇموف يەنە قازاقىستاندا ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان 62 مەكتەپنى، ھۆكۈمەت قوللاۋاتقان بىردىن بىر ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى بىلەن ئاكادېمىيەلىك مەرتىۋىگە ئېرىشكەن دۇنيادىكى يېگانە ئۇيغۇر تىياتىرىنى، شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدىكى «جانان» ئاياللار فوندىنىڭ رەئىسى مىزانگۈل ئاۋامىسىموۋا، قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى رۇستەم خەيرىيېف، ئالىملار كېڭىشىنىڭ رەئىسى، بىئولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى مەسىمجان ۋېلەموف مەركەزنىڭ ھېساباتىغا قانائەتلىنەرلىك باھاسىنى بەردى.

يىغىن رىياسەتچىسى مەركەز رەئىسلىكىگە ئۈچ باشقارما ئەزاسىنىڭ، يەنى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوفنىڭ، خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى سەنەم بېشىروۋانىڭ ۋە مەركەز رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموفنىڭ ئۆز نامزاتلىقىنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ھەر ئۈچ نامزات ئۆز پروگراممىلىرىنى تونۇشتۇردى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئەبەيدۇللا جاپپاروف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئېرشات ئەسمەتوف مەركەز تەرىپىدىن ئاتقۇرۇلغان ئىشلار توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ، ئۇنىڭ پائالىيىتىگە ئىجابىي باھاسىنى بەرگەن. ئۇ مەركەزنىڭ توغرا يولدا كېتىپ بارغانلىقىنى، خەلقتە بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەچ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسى پائالىيىتىنى، ئابرۇي-ئىناۋىتىنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ نامزىتىنى بىكار قىلىش قارارىغا كەلگەن. ئىككىنچى نامزات سەنەم بېشىروۋامۇ ياردەم قولىنى سۇنۇپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچان خانىم-قىزلارغا مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلغاچ، ئۆزىنىڭ نامزىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەبەيدۇللا جاپپاروف مۇنداق دېدى: «بۇ سايلامغا ئۆزىمىز چوڭ ئۈمىد قويغان. دېموكراتىك ئۆتسۇن دەپ پىلان قۇرغان. ھەممىسى ئۆز پروگراممىلىرىنى ئېيتتى. شۇنىڭغا قارىغاندا، شاھىمەرداننىڭ پروگراممىسى ئۈلگىلىك، ئىشەنچلىك پروگرامما بولغاچقا، ئۇ كىشىنى باشقارما ئەزالىرى قوللىدى. يېڭى قازاقىستان دەپ ھازىر ئاۋاز بېرىش بولۇۋاتىدۇ. ئاساسىي قانۇننىڭ 33 ماددىسى ئۆزگىرىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا قاراپ، مەدەنىيەت مەركىزىنىڭمۇ ئىشى ئۆزگىرىدۇ، دەپ ئويلايمەن. كۆزقاراش باشقىچە بولىدۇ. مەقسىتىمىز مەملىكىتىمىزدە بىرلىك، تىنچلىق، ئامانلىقنى ساقلاپ قېلىش».
ئىگىلىشىمىزچە، يىغىندا 82 باشقارما ئەزاسىنىڭ ئوچۇق ئاۋاز بېرىشى بىلەن شاھىمەردان نۇرۇموف «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ قايتا سايلانغان.
يىغىندا ئۈچىنچى مەسىلە قارىلىپ، مەزكۇر جەمئىيەتلىك تەشكىلاتنىڭ ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى، «مېتالل پروم گرۇپپ» شىركىتىنىڭ مۇدىرى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل سايلاندى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئېرشات ئەسمەتوف ئەپەندى مەركەزنىڭ بەش يىل داۋامىدا كۆپلىگەن ئىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، شۇ جۈملىدىن ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ساقلاش ۋە تەرغىب قىلىش، ياشلارنى تەربىيەلەش، خەيرخاھلىق ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە كۆپلىگەن ئىشلارنىڭ يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەڭ مۇھىمى، خەلقىمىزنىڭ جان تومۇرى بولغان مىللىي مائارىپ ساھەسىدىمۇ كۆپ ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. كارلىن مەخپىروف رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئانالىتىكىلىق مەركىزىنىڭ ئەزالىرى مىللىي مەكتەپلىرىمىزنى قوللاش يولىدا نۇرغۇن ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بىز مەركەزنىڭ خەلقىمىز ئالدىدىمۇ، مەملىكەت ئالدىدىمۇ ناھايىتى ئابرۇيلۇق تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدۇق».
يىغىندىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭغا قاتناشقان قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى زاكىرجان قۇزىيېف، نازارەتچىلەر يەنى كۇرت ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەزىز ئالىيېف، چېچەن-ۋايناخ ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەخەمەت مۇرادوف، گرېك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى گېئورگىي ئىئوردانىدى، ئالمۇتا شەھىرىدىكى «دوستلۇق ئۆيىنىڭ» باشلىقى نۇرسائۇلې ئالتېكوۋالار ھېسابات-سايلام يىغىنىغا ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىنى بېرىپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن.