خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش كەسپىي تەربىيە مەكتەپلىرىگە سولىۋېلىنغان مىليونلارچە تۇتقۇنلار ئارىسىدا ئۆز كەسپىدە مۇتەخەسسىس بولۇپ ئۇتۇق قازانغان زور بىر تۈركۈم ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ بارلىقى مىڭلارچە پاكىتلار بىلەن دەلىللەنمەكتە. بۈگۈن دەلىللەنگىنى كورلا شەھىرىدە «606 تىل مەكتىپى» نامىدا مەكتەپ ئاچقان ۋە ئارقىدىن «جاھان» پۇل مۇئامىلە پاي چېكى شىركىتى قۇرغان 41 ياشلىق كارخانىچى ھەسەنجان ئىسمائىلنىڭ خوتۇنسۇمبۇل ناھىيەسىدىكى بىر لاگېردا بىر يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدۇر.
مەلۇم بولۇشىچە، داليەن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سودا-سانائەت كەسپىنى پۈتتۈرگەن ھەسەنجان ئىسمائىل نۆۋەتتە بېلگىيەدە ياشاۋاتقان سابىق شېرىكى ئېلىجان ئەمەت بىلەن بىرلىكتە كورلادا تۇنجى بولۇپ «606 تىل مەكتىپى» نى تەسىس قىلغان. خۇسۇسى ئىگىلىكتىكى بۇ مەكتەپ ئارقىلىق بەلگىلىك دەرىجىدە ھەم ئىجتىمائىي ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بۇ ئىككى شېرىك كورلادا يەنە تۇنجى بولۇپ «جاھان» پۇل مۇئامىلە پاي چېكى شىركىتىنى تەسىس قىلغان.
ئېلىجان ئەمەتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە ۋە خىتايچە تىللارنى ئۆگىتىشتىن باشقا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش ئىمكانلىرى ئۈچۈن رەسمىيەت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىزچىل روناق تېپىۋاتقان بۇ مەكتەپ ۋە شىركەتنىڭ مەبلىغى 3 مىليون يۈەندىن ئاشقان بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر رايونىدا چىققان سىياسىي جۇدۇننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان. شىركەتنىڭ كورلادىكى ساھىبى ھەسەنجان ئىسمائىل ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئۇشتۇمتۇت غايىب بولغان.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى دەسلەپتە بۇنداق بىر مەكتەپ ۋە ھەسەنجان ئىسمائىل ئىسىملىك بىر كارخانىچىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.
مەزكۇر مەكتەپ ۋە شىركەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ئېلىجان ئەمەت ھەسەنجان ئىسمائىلنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە بىر ئېھتىماللىقنى بايان قىلدى.
كورلا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ھەسەنجان ئىسمائىلنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغاندىن كېيىن بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ خادىمىدىن مەلۇمات سورىدۇق. بۇ خادىم ھەسەنجان ئىسمائىلنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى رەت قىلماسلىق بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار بىر ج. خ. خادىمىنىڭ ئالاقە ئۇچۇرىنى تەمىنلىدى. ئىلگىرى بىر تۈرمىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە كېيىن بىر لاگېرغا خىزمەتكە يۆتكەلگەن بۇ خادىم ھەسەنجان ئىسمائىلنىڭ بىر يىلدىن بېرى تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە خېجىڭ، يەنى خوتۇنسۇمبۇل ناھىيەسىدىكى بىر لاگېردا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
ئېلىجان ئەمەت بۇ يىل 41 ياشقا كىرگەن ياش كارخانىچى ھەسەنجان ئىسمائىلنىڭ بىر پەرزەنتى بارلىقى، ئايالىنىڭ ئوبلاستلىق دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكى، ئەمما ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.