ساقچى خادىمى: «يېشى 60 تىن ھالقىغانلارنىڭلا ھېيت نامىزى ئوقۇشىغا رۇخسەت بېرىلدى»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2023.04.25
ئۇيغۇر رايونىنىڭ بەزى جايلىرىدا بۇ يىل رامازاندا روزا تۇتۇشقا بولىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن سان چۈشۈرۈلگەن رامازان مەزگىلىدە ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئەتراپىنى چارلاۋاتقان خىتاي ساقچىلىرى. 2021-يىلى 3-ماي، قەشقەر.
REUTERS

ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىل ھېيت نامىزى بەزى جايلار چەكلەنگەن، بەزى جايلاردا ئاز ساندىكى مەسچىتلەر ئېچىلىپ، يېشى 60 تىن ھالقىغان، ئاز بىر قىسىم جامائەت بىلەنلا ئوقۇلغان. دائىرىلەر ھېيت نامىزىنىڭ ئۆيلەردە خۇپيانە ئوقۇلۇپ قېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن، كوچا ۋە ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

2017‏-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي يوسۇنلار قاتتىق چەكلىنىش ۋە «جىنايەت» سۈپىتىدە جازاغا تارتىلىش بىلەن بىرلىكتە يەنە چەكلىمە يۇمشىتىلىدىغان، ھەتتا چەكلەنگەن ھەرىكەتلەر رىغبەتەندۈردىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن. شۇڭا روزا تۇتۇش ۋە ناماز ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى توغرا ياكى خاتا دەپ قاراش مەسىلىسىدە ئاھالىلەردىلا ئەمەس، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت خادىملىرىدىمۇ ئېنىقسىزلىق ۋە گاڭگىراش پەيدا بولغان. بىز بۇ يىللىق روزا ھېيتنىڭ قانداق باشلانغانلىقى، بولۇپمۇ ھېيت نامىزىغا رۇخسەت قىلىنغان-قىلىنىمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق.

غۇلجا ناھىيەسىنىڭ دۆڭمازار، نىلقا ناھىيەسىنىڭ ئولاستاي ساقچىخانىلىرى بۇ يىل روزا ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلغان ياكى ئوقۇلمىغانلىقى ھەققدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى. ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئاھالىلەردىن بىرى، نۆۋەتتە نىلقا ۋە كۈنەسلەردە مەسچىتلەر ئاساسەن چېقىلىپ بولغانلىقى، ھېيت نامىزىغا رۇخسەت بېرىلگەن تەقدىردىمۇ، ناماز ئوقۇشقا ئورۇن يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئاقتۆپە ساقچىخانسىمۇ ھېيت نامىزى توغرىلىق ئېغىز ئاچالمىدى.

مارالبېشى ناھىيەسىدىكى بىر ئائىلىلىكلەر قوروسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، بۇ يىل مارالبېشى ناھىيە بازىرىدا ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلمىغانلىقى قولۇم-قوشنا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارا ھېيت پەتىسىنىڭمۇ بولمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

قەشقەر پەيزىۋاتتىكى ئاھالىلەردىن بىرىمۇ بۇ يىللىق روزا ھېيتتا ئۆيىدە ساڭزا سېلىنمىغانلىقى، ھېيت پەتىسى ئۈچۈن باشقىلارنى زىيارەت قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ ھېيت ئۆتكۈزۈشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە بىرەر ئۇقتۇرۇشنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە جاۋاپ بېرەلمىدى.

ئاقسۇنىڭ ياركۆۋرۈك يېزىسىدىكى بىر ساقچى خادىمىنىڭ دېيىشىچە، بۇ يېزىدىكى بىر مەسچىت روزا ھېيت نامىزى ئۈچۈن ئېچىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر مەسچىت ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق نازارەت قىلىنغان.

باي ناھىيەسى بۇلۇڭ يېزىلىق ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يېزىدىمۇ بىر مەسچىت ھېيت نامىزى ئۈچۈن ئېچىلغان. ئەمما يېشى 60 تىن ھالقىغانلارنىڭلا ھېيت نامىزى ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان. بۇ خادىمنىڭ يەنە دېيىشىچە، يېشى 60 تىن تۆۋەنلەرنىڭ ھېيت نامىزى ئوقۇماسلىقى ئاشكارا ئۇقتۇرۇش قىلىنغان؛ يېشى 60 تىن ھالقىغانلارنىڭ بولسا ھېيت-نامىزى ئوقۇش ياكى ئوقۇماسلىق ئەركىنلىكى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن ئاھالىلەر، ھېيت نامىزىنى ئوقۇشنى ئەمەس، بەلكى ئوقۇماسلىق «ئەركىنلىكى» نى تاللىغان. نەتىجىدە باي ناھىيەسىنىڭ 10 مىڭ نوپۇسلۇق بۇلۇڭ يېزىسىدا پەقەت 12 كىشىلا ھېيت نامىزىغا قاتناشقان. بۇ 12 كىشىمۇ ھېيت نامىزىنى 3 نەپەر رەسمىي ساقچى ۋە بىرقانچە نەپەر ياردەمچى ساقچىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئوقۇغان؛ ساقچىلار ھېيت نامزىغا قاتناشقانلارنىڭ كىملىكلىرىنى خاتىرىلىۋالغان.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقۇرىدا ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىللىق ھېيت نامىزىنىڭ بەزى جايلاردا چەكلەنگەنلىكى، بەزى جايلاردا بولسا يېشى 60 تىن ھالقىغان ئاز ساندىكى جامائەت بىلەن ئوقۇلغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.