خىتاينىڭ كۆزىتىش كامېرا شىركىتى بولغان «Hikvision» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلانغان.
25-ئىيۇل كۈنى، دۇنيادىكى نازارەت كامېرا سىستېمىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان «IPVM» تەتقىقات شىركىتى خىتاينىڭ نازارەت كامېرا شىركىتى «Hikvision» نىڭ خىتايدىكى ساقچىخانىلارنى ئۆزلىرى ياساپ چىققان «سوراق قىلىش سۇپىسى» (高清审讯主机) دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.
بۇ ئورگاننىڭ دوكلات قىلىشىچە، مەزكۇر ئۈسكۈنە سوراق جەريانىنى خاتىرىلەيدىكەن ۋە سوراق جەريانىنى يېزىققا ئايلاندۇرۇپ بېسىپ چىقارغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ نەق مەيداندا ئىمزا قويۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. مەزكۇر سوراق ئۈسكۈنىسى «كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى بايقاش» تەك «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەرىكەت ئانالىزى» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ مەھبۇسلارنىڭ تۇيۇقسىز، كۈچلۈك ھەرىكەتلىرىنى بايقىيالايدىكەن. بۇندىن باشقا ئۇ يەنە سوراق قىلغۇچى ئۇخلاپ قالغان ياكى سوراقخانىدىن چىقىپ كەتكەن ئەھۋاللارنى ھەمدە يەنە سوراقخانىدا نورمالدىن كۆپ ئادەم بولۇشتەك ئەھۋاللارنى بايقاپ سىگنال بېرەلەيدىكەن.
بۇ ئۈسكۈنە ئادەتتە خىتاي سوراقخانلىرىدا كەڭ قوللىنىدىغان «يولۋاس ئورۇندۇق» قا باغلانغان بولىدىكەن ۋە ئۇ مەھبۇسنىڭ يۈرەك رىتىمى، قان بېسىمى ۋە قاندىكى ئوكسىگىن مىقدارىنى ئۆلچەپ تۇرىدىكەن. «يولۋاس ئورۇندۇق» خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك قىيناپ تۇرۇپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇرمە ۋە لاگېرلاردىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقى مەلۇم.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئۈسكۈنىنىڭ ھەم مەھبۇسنى ھەم سوراقچى ساقچىنى تەڭ نازارەت قىلىشتەك ئالاھىدىلىكى دىققەت قوزغايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەنچە بۇ يولۋاس ئورۇندۇق مەسىلىسى دىققەت قوزغايدىكەن. ئالدى بىلەن يولۋاس ئورۇندۇق خىتاي ساقچى تارماقلىرى تەرىپىدىن ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل جازالاش ئۇسۇلى. ئەمما بۇ ئەقىللىق يولۋاس ئورۇندۇقلار بولسا جىنايەت گۇماندارىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قوللىنىپلا قالماي، بەلكى شۇ سوراقچىلارنىمۇ كۆزىتىشنى يەنى ئۇلارنىڭ ئىشىنى لايىقىدا قىلىۋاتقان-قىلمايۋاتقانلىقى، يەنى ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشقۇن سىياسەتلىرىنى ياقىلاۋاتقان-ياقىلىمايۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ تۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە پەقەتلا كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش ئەمەس بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان ئاتالمىش قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، خىتايدىكى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش دېگىنى، گۇماندارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداشتىن ئەمەس، بەلكى پارتىيەنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىنى قوغداش دېگەنلىكتۇر.»
Hikvision نىڭ سوراق ئۈسكۈنىسى ئېكران، CD ياسىغۇچى ۋە قاتتىق دىسكا بوشلۇقىغا ئىگە بولغان ۋە خاسلاشتۇرۇلغان تور سىن خاتىرىلىگۈچ سىستېمىسى بولۇپ، تور سىن خاتىرىلىگۈچى (NVR) دېگىنىمىز سىن كۆرۈنۈشلىرىنى خاتىرىلەيدىغان ۋە ئۇنى قاتتىق دىسكىدا ساقلايدىغان كومپيۇتېر سىستېمىسىدۇر. «سوراق قىلىش چارىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئۈسكۈنە ئەمەلىيەتتە «Hikvision» شىركىتىنىڭ خىتاي تۈرمىلىرى ئۈچۈن ياساپ چىققان تېخىمۇ چوڭ «Hikvision» ئەقلىي ئەدلىيە ساقچى ئەمەلىي جەڭ سىستېمىسى ھەل قىلىش چارىسى» نىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
تېخى ئالدىنقى ئايدا «IPVM» تەتقىقات شىركىتى «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا «Hikvision» شىركىتى كامېرالىرىنىڭ تارتقان كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىغان ئىدى. ئۇلار بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان كامېرالارنىڭ نومۇرلىرىنى ئېنىقلاپ چىققان.
ئۇيغۇر رايونى ساقچى تەرەپ 2018-يىلغا ئائىت ئىچكى ھۆججەتلەردىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 23 مىليون ئاھالىنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈپ بولۇنغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىكەن. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئاتالمىش «بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە ئۇرۇش سۇپىسى» (IJOP) غا ئۇلانغان بولۇپ، ئاپتوماتىك ھالدا شەخسلەرگە دائىر بارلىق ئۇچۇرلارنى توپلاپ، شۇنىڭغا ئاساسەن «خەۋپلىك» كىشىلەرگە بەلگە قويۇپ ماڭىدىكەن. باش شتاب بولسا مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن كىمنى تۇتقۇن قىلىشنى بۇيرۇيدىكەن.
مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە كامېرا ياسىغان ۋە بۇنى ئوچۇق-ئاشكارا ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان Hikvision شىركىتىنىڭ نازارەت كامېرالىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ساقچى دۆلىتى سىستېمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغان ئىدى. ئۇ بۇ سەۋەبىتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولغان، دەپ ئەيىبلىنىپ قارا تىزىملىككە ئېلىنغان ۋە ئامېرىكا بازارلىرىدىن چەكلەنگەن.
تەتقىقاتچى مايا ۋاڭ بولسا، يۇقىرىقىدەك پەن-تېخنىكىلارنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن قوللىنىلىشىنىڭ بارغانسېرى ئەندىشە قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ بۇ ھەقتە بىر قانچە ئەندىشىمىز بار. بىرىنچىسى، بۇنداق كەڭ كۆلەملىك كۆزىتىش تېخنىكىلىرى كىشىلىك ھەقلەرگە تاجاۋۇزچىلىق ۋە كەمسىتىش خاراكتېرىگە ئىگە. بۇنداق تېخنىكىلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ رېجىمى بىلەن بىرلەشكەن تەقدىردە ئۇلارنىڭ قامالنى، كونترولنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال باشقا ھۆكۈمەتلەرنى، باشقا ھاكىمىيەتلەرنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ دۇنيادا دېموكراتىك سىستېمىلارغا ھەقىقەتەن خەۋپ يەتكۈزىدىغان بىر ئەھۋال».
مايا ۋاڭ سۆزىدە يەنە، بۇنداق تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە ياردەم قىلىۋاتقان بۇنداق شىركەتلەرنىڭ چوقۇم خەلقئارا بازارلاردىن چەكلىنىشى، ئۇلارنىڭ دۇنيادا كەڭ يېيىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى بۇ يىل 5-ئايدا خىتاينىڭ Hikvision شىركىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان بىر تەھرىرات ماقالىسىدە، بۇ شىركەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا قارا قولىنى سوزۇشىغا ئاكتىپ ماسلاشقان، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنى قولايلاشتۇرغان، ھەتتا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى بايقايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرالارنى ياساپ بازارغا سالغان، خىتاينىڭ نازارەت ۋە تەقىبلەش ئاساسىدىكى مۇستەبىت تۈزۈمىنى ئافرىقا، ئوتتۇرا-شەرق دۆلەتلىرى ھاكىمىيەتلىرىگە ئۆگىتىش ۋە ئېكسپورت قىلىشتا زور رول ئوينىغان بىر رەزىل نىيەتلىك شىركەت ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ شىركەتنى پۈتۈنلەي چەكلەپ، ئۇنى ھەتتا «دۆلەتلىك ئالاھىدە بەلگىلەنگەنلەر تىزىملىكى» (SDN) گە كىرگۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرگەن ئىدى.
مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەر بىلەن ھەرقانداق ئامېرىكا شىركىتى ياكى پۇقرالىرىنىڭ ئالاقە قىلىشى چەكلىنىدىغان بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكادىكى مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلىدىكەن.