ھىلمىي ئايدىن: «ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكىگە ئالاقىدار مەسىلىدۇر»

0:00 / 0:00

زىيارىتىمىزنىڭ قوبۇل قىلغان ئىستانبۇل كاغىتخانا مەھمەت ئاكىف ئەرسوي كۇتۇپخانىسى مۇدىرى ھىلمىي ئايدىن ئەپەندى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا مەسىلىسى بولماستىن بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىنىڭ مەيلى قايسى دۆلەت بولۇشتىن قەتئىينەزەر سىياسىي بىر مەسىلە بولۇشتىن ھالقىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكىگە ئالاقىدار مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى خەلق – ئاممىسىغا بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىمىز. مەرھۇم رەھبەر ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ دېگىنىدەك،<شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭلا دەۋاسى بولماستىن بەلكى پۈتۈن تۈرك مىللىتىنىڭ دەۋاسى، تۈرك مىللىتىنىڭ دەۋاسى بولغانغا ئوخشاش ئىسلامنىڭمۇ دەۋاسى، ھەممىدىن مۇھىمى بىر ئىنسانلىق دەۋاسى>. زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ساداسىنى ياڭرىتىش بىزنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك بۇرچىمىز».

ھىلمىي ئايدىن ئەپەندى بۇ سۆزلەرنى، ئىستانبۇل كاغىتخانا مەھمەت ئاكىف ئەرسوي كۇتۇپخانىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن مەزكۇر كۇتۇپخانا زالىدا 19 – ئاۋغۇست جۈمە كۈنى ئېچىلغان« شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېگەن تېمىدىكى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە ئېيتتى.

كۆرگەزمىگە قويۇلغان بۇيۇملار -1
(MUSA ABDULEHED ER)

مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە ئۇيغۇرلارنىڭ، ئەر – ئايالچە چىمەن ۋە بادام دوپپىلىرى، كانۋاي كۆڭلەك-چاپانلىرى، چالغۇ ئەسۋابلىرى قاتارلىق مەدەنىيەت بۇيۇملىرى قويۇلغاندىن سىرت يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ كەشتە تىكىش، پىچاق ياساش دېگەندەك قول – ھۈنەر سەنئەتلىرى نامايان قىلىنغان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەر خىل رەسىملەرمۇ قويۇلغان.

ئىستانبۇل كاغىتخانا مەھمەت ئاكىف ئەرسوي كۇتۇپخانىسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرغان كۇتۇپخانا مۇدىرى ھىلمىي ئايدىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى توغرىسىدا توختالدى ۋە مۇنداق دېدى: « بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مەقسىتى، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمنى ئەتراپىمىزدىكى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈش، 2017 – يىلىدىن بۇيان ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋەتىنىدىكى ئائىلىسى، بالا – چاقىسى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون ئارقىلىقمۇ ئالاقە قىلالماسلىقىغا ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانىنىڭ قاينىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش. پەلەستىن ۋە بوسنىيەنىڭ مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلىۋاتقاندەك شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلۈشىگە ھەسسە قوشۇش. مانا بۇلار ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇردۇق».

كۆرگەزمىگە قويۇلغان بۇيۇملار - 2

بىز بۇ مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغان يۇلتۇز تېخكىنكا ئۇنىۋېرىستېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور سۇلايمان دوغان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پروفېسسور دوكتۇر سۇلايمان دوغان ئەپەندى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر – قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا ۋەھشىيلەرچە ئىنتايىن قەبىھ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى قان قېرىنداشلىرىمىزغا قارشى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستاندا ھەر خىل باھانىلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە ئوخشاش پائالىيەتلەر شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى ئاڭلىتىش ۋە جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىش جەھەتتە، مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، دەپ ئويلايمەن. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دۇنيادا قوللاشقا ئېرىشەلمەيۋاتقان بىردىن بىر مەسىلە، ئەلۋەتتە تۈركىيە قوللايدۇ، كۈچتۈڭگۈر كۆرۈنۈۋاتقان خىتايغا قارشى پۈتۈن دۇنيا ھەرىكەتكە ئۆتۈپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىققاندا ئاندىن نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ».

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: "«شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، قەتلىئاملار دۇنيا جامائىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل كۆرگەزمە پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا كىشىلەردە ئاڭ - چۈشەنچە ھاسىل قىلىش كېرەك، بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشنى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك دەپ قارايمەن».

كۆرگەزمىگە قويۇلغان بۇيۇملار - 3

بىز يەنە بۇ ھەقتە پىكىر – قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ھەمكارلاشقان شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتۇرانت ئابدۇسالام تەكلىماكان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇسالام تەكلىماكان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرىنى تۈركلەرگە تونۇشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ مەدەنىيەت كۆرگەزمىنى ئاچقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە بۇ مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى بۇ يىل 8 – ئاينىڭ 19 – كۈنىدىن 26 – كۈنىگىچە ئىستانبۇل كاغىتخانا مەھمەت ئاكىف ئەرسوي كۇتۇپخانىسىدا بىر ھەپتە ئېچىلىدىكەن.