ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ «ھەر بىرىمىزنىڭ كەلگۈسى، شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ كەلگۈسى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇقلۇقىغا قاراشلىق» دېگەن بۇ يەكۈنى 2022-يىلى فېۋرالدا ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى» ناملىق دوكلاتتا ئالاھىدە يەر ئالغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ دوكلات ھەرقايسىي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ، شۇنىڭدەك ئوخشىمىغان ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى. دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىدىن ھىندى ئوكيان بويلىرىغىچە بولغان بۇ رايوندا دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ياشاۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ھەمدە دۇنيادىكى يەتتە كۈچلۈك ھەربىي سىستېما ماكانلاشقان بۇ غايەت زور رايون ئامېرىكا خەلقىنى ئۈچ مىليوندىن كۆپرەك خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنە كېلىپ بۇ رايوندىن كېلىدىغان ھەمدە بىۋاستە ئامېرىكا تۇپرىقىغا سېلىنىدىغان مەبلەغ ئاللىقاچان 900 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوننى «كەلگۈسىدىكى گۈللىنىش ۋە بىخەتەرلىكنىڭ ئاچقۇچى» دەپ ئاتىشى بىكار ئەمەس ئىدى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايون بىلەن بولغان بۇ قەدەر چوڭقۇر ئالاقىسى ئىككى ئەسىر ئىلگىرىلا تىكلىنىپ بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بولسا بۇ خىل باغلىنىش يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇستەھكەملەنگەن. شۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە بۇ رايون تەۋەسىدە كۆرۈلۈۋاتقان تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىستراتېگىيەسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندا ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، ھەربىي ۋە تېخنىكا ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ تەيۋەن قاتارلىق بىر قىسىم جايلارنى بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ماھىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دائىرىدىكى شېرىكلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئېغىر زىيانلارغا ئۇچراتماقتا ئىكەن. مانا مۇشۇ خىلدىكى بىر قاتار مەسىلىلەر 28-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن چاقىرىلغان بۇ ھەقتىكى تور مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم تەپسىلى قاراپ چىقىلدى.
ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئامېرىكا گېرمانىيە مارشال فوندى جەمئىيىتى» نىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئالدى بىلەن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى خەزېر كۇنلېي (Heather A. Conley) خانىم ئالاھىدە ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
ئۇ روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىدىن گەپ باشلىغان ھالدا نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا سىياسىتىدە تۈپلۈك ئۆزگىرىشنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەتلەر ھالقىغان دۇنياۋى ئىنكاسنىڭ بۇ مەسىلىدە قايسىي شەكىلدە ئەكس ئېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ يەنە بىر ياقتىن تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان تەۋەلىكتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى نامايەن قىلغان بۇ خىلدىكى تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئىنكاسقا ئاۋاز قوشۇشتۇر. بۇ ئاۋاز قوشۇش ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكنى مۇستەھكەملەيدۇ،» دېدى.
يىغىن رىياسەتچىسى بوننى گلاسىر (Bonnie Glaser) خانىم شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ئىكىسپورت كونتروللۇقى ۋە جازا تەدبىرلىرى مەسىلىسىدە ھەمكارلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قانداق ئىنكاستا بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئامېرىكا ھۆكۈمەت ساھەسىنىڭ قانداق پىكىردە ئىكەنلىكىنى يىغىن ئەھلىگە ھاۋالە قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچىسى كۇرت كامپبېل (Kurt Campbell) ئەپەندى بۇ ساھەدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق، دوستلۇق ۋە شېرىكلىك ئامېرىكا بىلەن ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىمۇ مەۋجۇت ئىكەن. بۇنىڭ بىر مۇھىم ئىپادىسى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇلارنى ئېنېرگىيە مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىشى، بولۇپمۇ ياۋروپا ئەللىرى ئەڭ مۇھتاج بولۇۋاتقاندا ئۇلارنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىشىدە ئەكس ئەتكەن. يەنە كېلىپ ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيەنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ياردەم بىلەن بۇ سەپكە قوشۇلغانلىقى بۇ خىل ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. يېقىنقى مەزگىللەردە بولسا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى قوراللىق ياردەم شەكلىدىمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇكرائىناغا بىۋاستە ھەربىي ياردەم بېرىشكە قوشۇلغانلىقى بۇنىڭدىكى بىر زور ئىلگىرىلەش ھېساپلىنىدىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ھەركەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى گاننېر ۋېگاند (Gunnar Wiegand) ئەپەندى بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا ياۋروپا ئەللىرى توغرىسىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىن بەكمۇ يىراقتا بولۇۋاتقان ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ بۇ رايوننى بىر ياققا تاشلاپ ياۋروپا تەۋەسىدىكى ئىشلارغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشى لازىملىقى ھەققىدە بىر قىسىم پىكىرلەر ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۇت ئىكەن. ئەمما روسىيەگە ئوخشاش يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇۋاتقان ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان بىرىنىڭ ئاشكارا ھالدا ب د ت نىزامنامىلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىشى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا مۇشتومى زورنىڭ ۋە قورالى كۈچلۈكنىڭ «ھەقىقەتنى بەلگىلىشى» ئېتىراپ قىلىنغان بىر ۋەزىيەت بارلىققا كېلىدىكەن. بۇ ھال ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئىكەن. ئىككىنچىدىن، دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنا كىرىزىسىدا ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلگەن. ئۇكرائىنانىڭ بازار ئىقتىسادىنى ئاساس قىلغان ھالدا دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشى ۋە روسىيەنىڭ بىر قىسمى بولۇشنى خالىماسلىقى بۇ قېتىمقى تاجاۋۇزنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاشلا بۇ تاجاۋۇزغا قارشى مەيداننى ئىپادىلىگەن.
كۇرت كامپبېل ئەپەندى ئالاھىدە تەكىتلىگەن يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېشىپ مېڭىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ سىلجىتىشى بولدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل روسىيەنى قوللاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى بۇ خىل سەلبىي ئاقىۋەتكە ھەمدەم بولماسلىققا دەۋەت قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. يەنە كېلىپ نۆۋەتتە روسىيەنىڭ خەلقئارادا بەكلا يىتىم قېلىۋاتقانلىقى شۇنچە ئاشكارا بولۇۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى «يەل بەرمىسە» روسىيەنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بىر ھەركەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى قىيىنغا چۈشىدىكەن. بۇنى روسىيە ۋە خىتايمۇ ياخشى چۈشىنىدىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ ھازىرقى قىيىنچىلىقىمۇ يېتىپ ئاشقىچە بار ئىكەن. ئەمما بۇ ئۇرۇشنىڭ باشلانغىنىغا ئەمدىلا بىرنەچچە كۈن بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى مەسىلىلەرگە ھازىرچە كېسىپ بىرنەرسە دېيىش قىيىن ئىكەن.
يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئىجرا بولۇشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىسى ھەمدە بۇنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا تەدبىقلىنىشى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى. شۇ قاتاردا بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم سوئاللارغا جاۋاب بېرىلدى.