1991-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، خىتاي خىلمۇ خىل سىياسىي نەيرەڭ ۋە رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى تەقىب ۋە باستۇرۇشنى يىلدىن يىلغا كۈچەيتىپ كەلدى.
ھىندىستاننىڭ خەلقئارالىق تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان «ۋىيون» (بىر دۇنيا) تېلىۋىزىيىسى 11-ئىيۇن «خىتاي ئىككىنچى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئايلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ» ناملىق بىر سىياسىي ئانالىز ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ نېمىشقا ئىرقچى سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەملىك باستۇرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى تەھلىل قىلىنغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش سەۋەبىنىڭ قانداقتۇر تېررورلۇقلا ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا مىللىي زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق، ئەمما زادى نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟ خىتاي نېمىشقا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى جاھىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ؟ نېمىشقا ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولايدۇ؟ بۇ سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئەمما نېمىشقا؟ خىتاينىڭ پەقەت تېررورلۇقتىن ئەنسىرىشى بۇنىڭغا سەۋەب بولالمايدۇ.»
ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي ئۇيغۇرلارنى ھەر قانچە قىلسىمۇ ئاسسىملاتسىيە قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بولغاچقا، تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى تۈپتىن يوقىتىش سۈيقەستىنى پىلانلىغان.
يۇقىرىقى ئانالىزدا خىتاينىڭ ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدىغانلىقى، ئەمدى ئۇلارنى خىتايلاشتۇرمىغۇچە بولدى قىلمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، «خىتاي نېمىشقا بۇ ئاز سانلىق مىللەتكە زىيانكەشلىك قىلىدۇ؟ بۇ ئىش ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. خىتاي ئۇلارنىڭ مىللىي ئېڭىدىن، مىللىي تەۋەلىك چۈشەنچىسىدىن ئەنسىرەيدۇ. خىتاينىڭ قارىشىچە، خىتايدا پەقەت بىرلا مىللەت ئېڭى، يەنى خىتاي ئېڭى بولۇشى كېرەك. بىرلا ئىدېئولوگىيە، يەنى كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسى بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ رەھبىرى شى جىنپىڭ بولۇپ، ئۇنىڭغا يات ھەر قانداق نەرسە زەربە نىشانى بولىدۇ» دېيىلگەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش، ئاسسىملاتسىيە قىلىپ تۈگىتىش سىياسىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولسىمۇ، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن بۇ قەبىھ سىياسەتنى ئىجرا قىلىش قەدىمىنى تېزلەتكەن بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ۋەيران بولۇش ئالدىدىكى جان تالىشىشىدىن بېشارەت بېرىدىكەن.
يۇقىرىقى ئانالىزدا يەنە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، «خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىدەك پارچىلىنىپ كېتىشتىن قاتتىق ئەنسىرەيدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب-مىللەتلەرنىڭ ئايرىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئىدى. خىتاي دۆلىتىدە ئۇيغۇرلار ئايرىم بىر مىللەت بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك مۇسۇلمان ۋە تۈركىي تىللىق خەلقتۇر. بۇ ئالاھىدىلىكلەر «ئەجدىھا» نىڭ (خىتاينىڭ) ئۇلارنى يۇتۇۋېتىش قەستىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە» دېگەن كۆز قاراشلار ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەۋپ-خەتەر بولۇپ قالغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا تىبەت، تەيۋەن، خوڭكوڭ بىلەن زەنجىرسىمان مۇناسىۋىتى بولغان، بىرى بۇزۇلسا ھەممىسى چۇۋۇلىدىغان ھالقىلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاينىڭ بۇ رايوننى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونى مەسىلىسى ئەزەلدىن خەلقئارا مەسىلە بولۇپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ خەلقئارادا رەسۋا بولۇشى، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ ئۇنى ئىستراتېگىيەلىك رەقىب دەپ تونۇشى بىلەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ قولدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا كۈچەيمەكتە ئىكەن.
خىتاينىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تامامەن چەكلىشى، بۇلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئىكەنلىكى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھەر خىل تەھلىللەرنى ئېلىپ بارغانىدى. بەزىلەر بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىن كېلىدىغان تەھدىتنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتى دەپ قارىسا، بەزىلىرى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيمچىلىك قىلىشتا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان رەزىل پىلانى دېگەن قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ، قەبىھ ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
يۇقىرىقى ئانالىزدا ئومۇمەن شىنجاڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىتىدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار سەۋەبىدىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدەك تەقدىرگە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى، مانا بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نېمىشقا ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇپ، مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، دەل شۇ سەۋەبتىن مىليونلىغان ئۇيغۇر ئەركىنلىكتىن ئايرىلىپ، خىتايدىن پەرقلىنىدىغان بارلىق نەرسىلىرى ۋەيران قىلىنماقتا ئىكەن.
خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋاڭ ياڭ 8-ئىيۇندىن 12-ئىيۇنغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت تەكشۈرۈشىدە بولغان بولۇپ، كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭغا دائىر يېڭى دەۋر سىياسىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى، شىنجاڭدا خىتايچىلاشتۇرۇلغان ئىسلام دىنىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، دىننى سوتسىيالىزمغا تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ۋاڭ ياڭنىڭ «دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈش» دېگىنى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن، مىللەت ئېڭىنى يوقىتىپ، ئۆزىنى تامامەن خىتايغا تەۋە قىلىش، خىتاي پۇقراسى بولغىنىدىن پەخىرلىنىش دېگەنلىكنى بىلدۈرىدىكەن. «شىنجاڭدا خىتايچىلاشتۇرۇلغان ئىسلام دىنىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش» دېگىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىسلام دىنىنىڭ خىتايچىلىشىشىنى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولدۇق، دېگەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. خىتاينىڭ ئۈچ يىلدىن بېرى لاگېرلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، لاگېردىكلەرنى ئىچكىرىگە، ئىچكىرىدىكى خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى، ئەۋلادلىرى، ئومۇمەن ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ تۇرىدىغان بارلىق نەرسىلىرىنىڭ چەكلىنىپ ۋەيران قىلىنىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىۋېتىش غەرىزىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا يېتەرلىك بېسىم قىلىپ ئۇنى توختاتمىسا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ئېغىر خەۋپكە ئۇچرايدىكەن.
0:00 / 0:00