ھىندىستاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئادۋوكاتى غەرب ئەللىرىنى ئۇلارنى قوغداشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىن بولغان ئاكا-ئۇكىلاردىن ئادىل تۇرسۇن، ئابدۇخالىق تۇرسۇن ۋە ئابدۇسالام تۇرسۇننىڭ ئادۋوكاتى، بۇ ئۈچەيلەننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇلارنى قوغداپ قېلىشىنى ئۆتۈندى. ئادۋوكات مۇھەممەت شافى لاسۇنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، نۆۋەتتە كەشمىرنىڭ جاممۇ شەھىرىدىكى بىر تۈرمىگە يۆتكەپ كېلىنىپ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئادىل تۇرسۇن، ئابدۇخالىق تۇرسۇن ۋە ئابدۇسالام تۇرسۇننىڭ 2013-يىلى 6-ئايدا ھىندىستان چېگراسىدىن ئ‍ۆتۈپ كەشمىرنىڭ لاداق رايونىغا قېچىپ چىققاندا، ئابدۇسالام تېخى 16 ياشتا، ئۇنىڭ ئوتتۇرانچى ئاكىسى ئابدۇخالىق 18 ياشتا، چوڭ ئاكىسى ئادىل 20 ياشتا ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار چېگرادىن ئۆتۈپ، لاداقتىكى سۇلتان چۈشكۈ دېگەن جاينىڭ ئەتراپىغا كەلگەندە شۇ جايدىكى ھىندىستان چېگرا قوغداش قىسىملىرىدىن ھىندى-تىبەت قوراللىق ساقچى ئەترىتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ، 2 ئايدەك شۇلارنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان.

ئۇلار ئىككى ئايلىق سوئال-سوراقتا ھىندى-تىبەت قوراللىق ساقچى ئەترىتى ئۇلارنىڭ قاغىلىق ئارقىلىق ھىندىستان چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدىن باشقا، ئۇلاردىن ھېچقانداق بىر غەيرىي نەرسە بايقىمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى ئايلىق سوئال-سوراقتىن كېيىن جامۇ-كەشمىرنىڭ لېخ شەھىرىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئاكا-ئۇكىلار، ھىندىستان چېگراسىغا قانۇنسىز كىرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان ۋە 2014-يىلى 7-ئايدا «چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش» جىنايىتى بىلەن 18 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان. لېكىن ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ 2015-يىلى بۇ ئۈچەيلەننى ھىندىستاننىڭ كەشمىردە يۈرگۈزۈۋاتقان بىر ئالاھىدە بىخەتەرلىك قانۇنىغا سېلىپ قايتا ئەيىبلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دېلوسى 10 يىلدىن بېرى ئىزچىل تۇتۇپ تۇرۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر «قانۇنى بوشلۇق» ئىچىگە كىرىپ قالغان. ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ كەشمىرلىك ئادۋوكاتى مۇھەممەد شافى لاسۇنىڭ (Mohammed Shafi Lassu) مۇخبىرىمىزغا ئېيتىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇشنى «جامۇ-كەشمىر ئاممىۋى خەۋپسىزلىك قانۇنى» غا سېلىپ، ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم ئۇزارتىپ كەلمەكتە ئىكەن.

مۇھەممەد شافى لاسۇ 14-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئۇلار لاداق رايونىدىكى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتلىنىپ، چېگرادىن رەسمىيىتى يوق ئەھۋالدا قانۇنسىز ئۆتۈش جىنايىتى بىلەن بىر يىل 6 ئايلىق كېسىلگەن. ئۇلار بىر يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‹جامۇ-كەشمىر ئاممىۋى خەۋپسىزلىك قانۇنى› غا ئاساسەن قايتا تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ قانۇن بەك قاتتىق بولۇپ، ئۇنىڭ بويىچە ھۆكۈمەت كىشىلەرنى سوتسىز تۇتۇپ تۇرالايدۇ. ھۆكۈمەت ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇشنى ‹ئاممىۋى خەۋپسىزلىك قانۇنى› بويىچە ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۇزارتىپ كەلمەكتە» .

مۇھەممەد شافى لاسۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتايدىن ئەندىشە قىلغاچقا بۇ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشتىن ئېھتىيات قىلماقتا ئىكەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى چەتكە ئالغانلىقىنى، ئەگەر ھىندىستان ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بەرسە، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەد شافى لاسۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ھۆكۈمەت خىتايدىن خەۋپسىرەيدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇ بالىلارنى قويۇپ بەرسە ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشى كېرەك، ئۇلار بۇنىڭدىن قېچىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇلارنى قويۇپ بەرمەسلىكنىڭ كويىدا. مەن ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى، ھېچبولمىسا ۋاقىتلىق سىياسىي پاناھلىق بولسىمۇ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان. لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمىدى. مەن يەنە ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىغىمۇ ئىلتىماس قىلغان. ئۇلار بىزنىڭ بۇ خىل دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىمىز يوق، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇلار ھۆكۈمەت بۇ كىشىلەرنى مۇساپىر، دەپ ئېلان قىلسا، ئاندىن بىز ئۇلارغا مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىمىز، ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلسا بىز ئۇلارغا ھەر خىل ياردەملەردە بولىمىز» .

لېكىن مۇھەممەد شافى لاسۇنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسى روھىڭگالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا بارلىق مۇساپىرلارغا بۇ خىل تەلەپنى قويمايدىكەن. بىز 13-ئىيۇن ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلاردىن بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق. مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ خادىمى راما دىۋىۋېدى (Rama Dwivedi) زىيارەت ئىلتىماسىمىزنى يازما ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. بىز يازما ئىلتىماسىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتكەن بولساقمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر جاۋاب كەلمىدى.

ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى، مۇساپىرلار مەھكىمىسى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىۋاتقان، ھەتتا كانادا 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرىنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان بىر ۋاقىتتا، 3 ئۇيغۇرنى ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇشى ھەم خىتايغا قايتۇرۇشنى پىلانلىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى مېناكشى گانگۇلىنىڭ 13-ئىيۇن زىيارىتىمىزنىڭ قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىپ، ئۇلارغا جىنايەتچىدەك مۇئامىلە قىلىشقا خاتىمە بېرىشى كېرەك ئىكەن.

مېناكشى گانگۇلى مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى مەسىلە ھىندىستان ب د ت مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويمىغان. لېكىن ھىندىستان دائىرىلىرى شۇنى بىلىشى كېرەك، ب د ت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغان. شۇڭا ھىندىستان بۇ كىشىلەرنى جىنايەتچى مۇئامىلىسى قىلىش، ئۇلارنى قايتۇرۇلسا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان بىر دۆلەتكە مەجبۇرىي قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا بۇ كىشىلەرنى قوغدىشى كېرەك» .

مېناكشى گانگۇلىنىڭ خانىمنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھىندىستان مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بۇ دېلودا خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن.

مېناكشى گانگۇلى: «بۇ ئالاھىدە دېلودا ۋەزىيەتتىن باشقا ھىندىستاننىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتىمۇ بار. بۇ دېگەنلىك ھىندىستان ھۆكۈمىتى مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىنى ئىمزالىمىغان تەقدىردىمۇ، ھېچكىمنى ئۇلار خەۋپكە ئۇچرايدىغان بىر جايغا قايتۇرماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ب د ت ۋە باشقىلار ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا ئېغىر خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. شۇڭا ھۆكۈمەت بۇ كىشىلەرنى قايتۇرماسلىقى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىندىستان ھۆكۈمىتى سىياسىي پاناھلانغۇچىلارغا جىنايەتچى مۇئامىلىسى قىلماسلىقى شەرت. ئىزتىراپ چېكىۋاتقان بۇ كىشىلەر بىخەتەر بىر ماكان ئىزدەۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت ئۇلارنى قوغدىشى ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېدى.

خىتاي-ھىندىستان چېگراسى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ لاداق چېگراسى ئىككى دۆلەتنىڭ زېمىن ئىختىلاپى سەۋەبىدىن ھەر ئىككى تەرەپ كۆپلەپ قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ قاتتىق قوغدايدىغان چېگرا بولسىمۇ، لېكىن ئاكا-ئۇكا ئۈچەيلەننىڭ ئۇنىڭدىن قانداق ئۆتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئىككى دۆلەت چېگرا قىسىملىرىنىڭ 2020-يىلى 6-ئايدىكى لاداق چېگراسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 20 دەك ھىندىستان ئەسكىرى ئۆلگەن. خىتاينىڭ ئاز دېگەندە 4 ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بالىلار بۇنىڭدىن بىر-ئىككى ئاي ئاۋۋال كەشمىرنىڭ جامۇ شەھىرىدىكى كوت بالۋال تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېلىنگەن بولۇپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 10 يىلدىن بېرى ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتىدىن باشقا كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈشىنى چەكلەپ كەلگەن. ئادۋوكات مۇھەممەد شافى لاسۇ، تاشقى دۇنيادىنمۇ ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىدىغان ھېچكىم چىقمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر بىرەر دۆلەت ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشكە قوشۇلسا، ئۇ ھىندىستان ئالىي سوتىغا ئەرز قىلىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

مۇھەممەد شافى لاسۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارنىڭ دېلوسىغا ئارىلاشقان بىردىن بىر كىشى. مەن بۇ دېلو توغرىلىق ھەممە يەرگە ئىلتىماس قىلىپ باقتىم. مەن كانادا ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. نۇرغۇن ئەرەب دۆلەتلىرىگە خەت يازغان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى بىلەن كارى يوق كېرەكسىز كىشىلەر بولۇپ چىقتى. شۇڭا، مەن كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشكە قايىل قىلىشنى، ئەگەر ئۇ ھىندىستان ئۇلارنى قويۇپ بەرسە، ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىدىغانلىقىنى ئېيتسا، ئۇلار بۇنداق بىر ئىلتىماستا بولسا مەن ھىندىستان ئالىي سوتىغا ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئەرز قىلاتتىم. مەن بۇ يەردىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىمۇ ھىندىستان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىگە خەت يېزىشقا چاقىرىمەن» .

ئاكاش ھاسان، بۇ ئۈچ ئۇيغۇر مۇساپىرى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ دېلوسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە بۇ ھەقتە بىر قانچە خەۋەر يېزىپ، ھىندىستان تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلغان كەشمىرلىك مۇستەقىل ژۇرنالىست. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە بۇ 3 قېرىنداش ھەقىقەتەن خىتايغا قايتۇرۇش خەۋپىدە قالغان.

ئاكاش ھاسان 14-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئۈچ ئاكا-ئۇكا چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشنىڭ ھەقىقىي تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە. ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قايتۇرۇشنى داۋاملىق ئويلىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار قايتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلىپ بولۇپ، ئالاقىدە ئورۇنلاردىن بۇ كىشىلەرنى قايتۇرۇشنىڭ رەسمىيىتىنى بېجىرىش تەلەپ قىلىنغان. شۇڭا، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ئېھتىماللىقى مەۋجۇت» .

ئاكاش ھاساننىڭ قەيت قىلىشىچە، ھىندىستان خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قورقۇنچلۇق قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ، ھەتتا ئىلگىرى ئۇنىڭ قىلمىشىنى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسى «ھەيران قالارلىق» ئىكەن.

ئاكاش ھاسان: «شۇ سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ھەرىكىتى ھەيران قالدۇردى. چۈنكى، بىر تەرەپتىن ھىندىستان خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى تىبەت رايونىدىن قاچقان مىڭلىغان تىبەت مۇساپىرىغا يول قويسا، شۇنداقلا مىڭلىغان تىبەت مۇساپىرى ھىندىستاندا ياشىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلماقتا. مېنىڭچە بۇ خىل كەمسىتىش ۋە پەرقلىق مۇئامىلە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان كىملىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، ھىندىستان باش مىنىستىر مودىنىڭ رەھبەرلىكىدە بارغانسېرى ئوڭ قانات ھىندى مىللەتچىلىكى يولىغا قاراپ يۈرمەكتە» دېدى.

ئاكاش ھاساننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئادۋوكاتى ھىندىستان ئالىي سوتىغا ئەرز قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ مۇساپىرلارغا پايدىلىق قارار چىقىرىشىغا بەك ئۈمىدۋار قارىمايدىكەن.

ئاكاش ھاسان: «مەن ئادۋوكات بىلەن سۆزلەشتىم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ھىندىستان ئالىي سوتىغا قايتۇرۇشنى توختىتىش توغرىلىق ئەرز قىلماقچى ئىكەن. بىراق ئۇلار بۇنىڭدىن بەكمۇ ئۈمىدۋار ئەمەس. چۈنكى، بۇنىڭدىن بۇرۇن كەشمىردە تۇتۇلغان روھىڭگالىقلارنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئەرزىدە، ئالىي سوتتىن تۇتقۇندىكى 200 دىن ئارتۇق روھىڭگالىقنىڭ قايتۇرۇلۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئالىي سوت ئۇلارنىڭ ئەرزىنى رەت قىلغان» دېدى.

لېكىن ئادۋوكات مۇھەممەت شافى لاسۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئاكا-ئۇكىلار تۈرمىنىڭ روھىي، جىسمانىي ئىزتىراپلىرىنى چەكسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنى تولۇق ئورۇنداپ كەلگەن، شۇنداقلا بۇ جەرياندا ئوردۇ، ھىندى ۋە ئىنگلىز تىللىرىنىمۇ ئۆگەنگەن.

مۇھەممەد شافى لاسۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇرۇن بۇ بالىلار پەقەت ئۇيغۇر تىلىنىلا بىلەتتى. لېكىن ھازىر ئۇلار ئوردۇ، ھىندى ۋە ئىنگلىز تىللىرىنى چۈشىنىدۇ. ئۇلار ھەر كۈنى تۈرمىدە 5 ۋاق نامىزىنى ئوقۇيدۇ، قۇرئان ئوقۇيدۇ. رامىزاندا روزا تۇتىدۇ. ئۇلار ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاكتىپچانلىقىنى ساقلاپ قالدى. مەن ئۇلارنىڭ تۈرمىدە ئوينىشى ئۈچۈن ب چويلا توپىمۇ ئەكېلىپ بەردىم. ئۇلار يېتىۋاتقان ھازىرقى تۈرمە خېلىلا چوڭ» .

بۇ 3 نەپەر ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇر مۇساپىرى كەشمىرگە قېچىپ چىققان ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 16 ياشتا، ئوتتۇرانچىسى 18 ياشتا، ئەڭ چوڭى 20 ياشتا بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرىدە ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 20 ياشتا، ئوتتۇرانچىسى ياشتا 22، ئەڭ چوڭى 23 ياشتا، دەپ يېزىلغان ئىكەن. ئانالىزچىلار، ھىندىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى ياش جەھەتتىن قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا توشىدۇ، دەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن قەستەن يېشىنى چوڭايتىپ يازغانلىقىنى گۇمان قىلىشماقتا.