ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇزاكىرىگە قويۇش تەكلىپ لايىھەسىگە ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىشى سەۋەبىدىن ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئارىندېم باگچى( ARINDAM BAGCHI) بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنىشى ۋە كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك»، «ھىندىستان بارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا چىڭ تۇرىدۇ».
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسى 7-ئۆكتەبىر كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە رەسمىي ئاۋازغا قويۇلدى. مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى 17 دۆلەتنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى 19 دۆلەتنىڭ قارشى ئاۋاز بېرىشى ۋە 11 دۆلەتنىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىشى نەتىجىسىدە رەت قىلىنغاندىن كېيىن بۇ تەكلىپ لايىھەدە ھىندىستاننىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىشى ھىندىستاندىكى مۇخالىپ پارتىيە ۋە بىر قىسىم سىياسىيونلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

ھىندىستان ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، نارازىلىق بىلدۈرۈپ باش مىنىستىر مودىدىن، نېمە ئۈچۈن خىتاينى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى سوراپ خەت يازغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 9-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلشىچە، ھىندىستاننىڭ ئۆكتىچى پارتىيەلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھىندىستاننىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن. ئەگەر ھىندىستان ئۇيغۇرلارغا ئاۋاز بېرىش بىلەن بىرگە ئۆزىگە يېقىن نېپالغا ئوخشاش بىرەر دۆلەتنى ئاۋاز بېرىشكە قايىل قىلغان بولسا ئىدى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە كۈنتەرتىپكە كېلىشى مۇمكىن ئىدى.
«ھىندىستاندىكى پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى مەجلىسى» پارتىيەسى( All India Majlis-E-Ittehadul Muslimeen )نىڭ رەئىسى شۇنداقلا ھىندىستان پارلامېنت ئەزاسى ئاسادۇددىن ئوۋايسى( Asaduddin Owaisi ) ئۆزىنىڭ تىۋېتتىر ھېسابىدا ھىندىستان باش مىنىستىرى مۇدىنى ئەيىبلەپ مۇنداق يازغان: «ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر مودى ئەپەندىم، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشتا ھىندىستاننىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىپ خىتايغا ياردەم بېرىش قارارىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ، سىز 18 قېتىم ئۇچراشقان شى جىنپىڭنى رەنجىتىشتىن بەك قۇرقىۋاتامسىز؟ نېمە ئۈچۈن ھىندىستان ھەقىقەتنى سۆزلىيەلمەمدۇ؟»

ئۇنىڭ بۇ بايانلىرى «ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتى ۋە «ھىندىستان ۋاقىت تېلېۋىزىيە قانىلى» دا ئېلان قىلىنغان.
ئامېرىكالىق ئانالىزچى جوش روگىننىڭ «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسىنىڭ 17 ئاۋازغا قارشى 19 ئاۋاز بىلەن رەت قىلىنغانلىقىنى ئەيىبلەيمىز» دەپ تىۋىتتېردا يېزىلغان بايانىنى Asaduddin Owaisi ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىككى يېرىم مىليون ئەگەشكۈچىسى بولغان تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلەپ تارقاتقان.
«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 9-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە يەنە، ب د ت يىغىنلىرىدا خىتاينىڭ ھەر زامان ھىندىستانغا قارشى پاكىستاننى قوللاپ كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ كەشمىر مەسىلىسىدە ھەر ۋاقىت خىتاينىڭ پاكىستاننى قوللاپ كەلگەنلىكى، ھەتتا ھىندىستاننىڭ پاكىستاندىكى بىر قىسىم قانۇنسىز تەشكىلاتلارنى ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنى ب د ت نىڭ «تېررورلۇق تەشكىلات تىزىملىكى» گە ئالدۇرۇشقا ئورۇنغاندا خىتاينىڭ رەت قىلىشى بىلەن بىكار قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ھىندىستان مىللىي مەجلىسىنىڭ ئەزاسى، شۇنداقلا سابىق ئاخبارات مىنىستىرى مانىش تېۋارى (Manish Tewari) ئەپەندى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭشىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسىگە ھىندىستاننىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ۋە ھىندىستان ھۆكۈمىتىدىن سوئال سوراپ مۇنداق يازغان: «ھىندىستان ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن خىتاينى بۇنچىۋالا كۆپ قوغدايدۇ؟. نېمە ئۈچۈن ھىندىستان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش قارارىدىن ۋاز كېچىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ھىندىستان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت بەرمەيدۇ؟»
ھىندىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەسى بولغان Trinamool Congress نىڭ رەھبىرى ساكېت گوھالې (Saket Gokhale )نىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ يازغان بايانلىرى «ھىندىستان ۋاقتى تېلېۋىزىيە قانى» لىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ باياناتىدا ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىدىن سوئال سوراپ مۇنداق يازغان: «ھىندىستان، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان مۇنازىرە تەكلىپ لايىھىگە ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچتى. ئۇلارغا (خىتايغا) زېمىنىمىزنى بەردى ۋە ھېساب سوراشتىن باش تارتتى. مودى (باش مىنىستىر) نېمە سەۋەبتىن خىتايدىن بەك قورقىدۇ؟».
ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە سىياسىيونلارنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئارىندېم باگچى ئېلان قىلغان باياناتتا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنىشى ۋە بۇ، كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك» دېگەن.
ئۇ، ھىندىستاننىڭ ئاۋاز بېرىشتىن نېمە ئۈچۈن ۋاز كەچكەنلىكىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ خىل ئاۋاز بېرىشنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن ھەرگىز پايدىلىق بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، ھىندىستان بۇ خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىئالوگ ئېلىپ بېرىشنى قوللايدۇ، بىز خىتاي تەرەپنىڭ ۋەزىيەتنى ئوبيېكتىپ ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».